naildin يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 06:48 PM
مەن پەقەت تۈركىيەنىڭ قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ئاڭلىغا ...
تۈركىيەنىڭ ئېغىر سانائىتىمۇ خېلى تەرەققى قىلغان ، بۇلۇپمۇ ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنلىرى بەك تەرەققى قىلغان ، تۈركىيەنىڭ bekoدىگەن بىر ماركىسىلا ياۋرۇپا بازىرنىڭ يىللىق ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكىنلىرى سېتىلىش ئۇمۇمى سوممىسىنىڭ 21%نى ئىگىلەيدۇ ، كىمىسازلىق سانائىتى بولسا جوڭگۇ،ياپونىيە ،كورىيەدىن قالسىلا دۇنيادا 4-ئۇرۇندا تۇرىدۇ ، قۇرۇلۇش ئىنشائاتى سانائىتى بولسا دۇنيادا 2-ئۇرۇندا تۇرىدۇ.ماشىنسازلىق سانائىتىمۇ ئالدىنقى 5نىڭ ئىچىدە بار. تۈركىيەنىڭ يىللىق gdpئېشىش نىسبىتى 8%بۇلۇپ دۇنيادا جۇڭگۇدىن قالسىلا تەرەققى قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تىز دۆلەتتۇر. ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى تۈركىيەنى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا قوشقىلى نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ لىكىن تۈركىيە ئۈزىنى تېخى تەرەققى قىلىۋاتىمىز دەپ تۇرۇدۇ. دۇنياسىكى بايلار ئەڭ كۆپ شەھەرلەر بۇيىچە تىزغاندا ئىستانبول دۇنيا بۇيىچەنىيويۇرۇك ۋە موسكىۋادىن قالسىلا بايلار سانى ئەڭ كۆپ شەھەردۇر .ھەربى كۈچ جەھەتتىن تىزغاندا،ئامرىكا،روسىيە ،جوڭگۇ،ئەنگىلىيە ۋە ھىندىستاندىن قالسىلا دۇنيادا 6-ئۇرۇندۇ تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بىرى تۈركىيەنىڭ سانائەت ، پەن -تېخنىكا تەرەققىيات سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتماقتا.