sardor يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:31 PM
سىزچە قانداق ئوينىسا بوللاتتى ؟ئەگەر بۇرۇنقىدەك ئوين ...
بۇ ئۇسۇلنى ئويناش نىمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ئوينىمىسا زادى بولمامدىكەن؟
يېڭىلىق دىگۈدەك نىمىسى بار؟ خەق نىمە دىسە، شۇنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋېرىدىغان
گەپمۇ؟
يۇقۇرىدىكى تورداش، بۇ ئۇسۇلدا ھېچقانداق ھاياسىزلىق يوق، دەپسىز، قارىغاندا سىزگە
بەك ياراپ كەتكەن ئوخشايدۇ. ئەجىبا، بىزدەك ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تىلى، ئېسىل
ئەن-ئەنىسى، ئېنىق دىنى ئېتىقادى، مۇكەممەل مەدىنيىتى بار بىر مىللەتكە ۋاكالىتەن،
بىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ سىياقىدا، نەدىكى بىر كوچا ناخشىلىرىغا دوراپ،ھەر يان ئالچاڭشىپ،
ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ئەپتىگە ساراڭدەك دىككاڭشىپ يۈرسە، بۇ مىللىتىمىزگە قىلغان
ھاياسىزلىق، ھۆرمەتسىزلىك، ئەخلاقسىزلىق بولماي نىمە؟ نوچى بولسا، شۇ ناخشا
مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، ھەقىقى ئېشەكتەك چىچاڭشامدۇ
ياكى چوشقىدەك پاتراقلامدۇ، نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلسا، ھەر ئىش لايىقىدا
بولسا بولمامدۇ!؟
ئەگەر سىز بەك ياخشىكەن دەپ قارىسىڭىز، ئەتە ئۆگۈن خوتۇنىڭىز ۋە بالا -ۋاقىڭىز بىلەن
(تېخى توي قىلمىغان بولسىىز ئاتا- ئانىڭىز، ئاچا سىلىڭىز بىلەن ) بىللە ئويناپ، مۇنبەرگە
چىقىرىپ قويۇڭ. چۈنكى سىزنىڭچە بۇ ھېچقانداق ھاياسىزلىق، ئەخلاقسىزلىققا كىرمىگەندىكىن؟!
شۇ چاغدا ھېچكىم سىزنى ئەيىپلىمەيدۇ، بەلكى يۇقۇرىقى باھالىرىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلايدۇ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NurlanKelbim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-19 06:58 PM