مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

مۇلايىم ئايالدىن كۆڭۈللەر خۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7663
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 781 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 12:29:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇلايىملىك ھەمە ئادەمنى بەك گۇزەل كۆرسىتىدۇ
ھاكاۋۇرلۇق بەك سەت كۆرسىدۇ

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6244
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 372
توردا: 8918 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 07:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىڭىز ئۈزۇلۇپ قالمىغاي...

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5788
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 09:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   
  مۇنۇ تېمىنى كۆرۇپ ، ئاجراشماڭلا ئاتا -ئانىلا  دىگەن ناخشا يادىمغا كىلىپ قالدى دىسە - ........

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90207
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-1-17
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 09:54:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
很精典,谢谢! 难得的好贴

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90280
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2013-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 06:29:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
今天没事来逛逛












上海http://fp19.com南宁网站建设http://eformor.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 07:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               ھىجابلىقنى مەن ئالاي


‏  كۆيدۈم-پىشتىم دىيىشلەردىن تاۋىم يوق،
كۆيۈپ-كۆيۈپ كۈل بولغۇدەك ھالىم يوق.
ناز-كەرەشمە كۈتۈرگۈدەك چا مىم يوق،
ئىمانى بار،،نازى يوقنى مەن ئالاي.

سۈيەلمەيمەن!سۆيگۈ ئاتلىق يۇلۇم يوق،
نازى تۇلا گۈزەل سۈيەر خۇيۇم يوق.
ئەڭ ئەقەللى مىنىڭ بەك كۆپ پۇلۇم يوق،
ئازبولسىمۇ مەيلى بارنى مەن ئالاي.


سۆيگۈنى دەپ كىچەلمەيمەن ھەممىدىن،
كاللام يىراق ئىشقى- سەۋدا غېمىدىن.
بىپەرۋامەن بۇدۇنيانىڭ كېمىدىن،
رومانتىكتىن خەۋەرسىزنى مەن ئالاي.


گول ئەمەسمەن يەتمىش ياڭزا قىلسا ناز،
شۇ ھاياسىز خىنىملارنىڭ ئۆزى ماز.
ئەدەپ-ئەخلاق بابىدا ئۇ بولسا ساز،
مودىلىقتىن يىراقلارنى مەن ئالاي.


پەزلى بولسا ،بىھايا سەت يۈرمسە،
كۇخۇڭ-پوخۇڭ ئۇپا-ئەڭلىك سۈرمىسە.
ئىمان-ئەھكام سۈننەتنى يات بىلمىسە،
ئۆزى مەسۇم ھىجابكارنى مەن ئالاي.


لوغىتىمدە ئاشىق دىگەن خېتىم يوق،
ئاشىق-سەۋدا،مەجنۇنلارغا گىپىم يوق.
كۆيدۈم -ئۆلدۈم دىگەنلەرگە دىتىم يوق،
ئەخلاق سۈيەر مەستۇرەنى مەن ئالاي.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-31 07:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             توي قىلاي


ھەجۋىي شېئىر





يالغۇزلۇقتىن تولغىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي،

تەنھالىقتىن مۇڭلىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي.

قىيىن ئىكەن بىر ئۆينىڭ مۇرىسىدىن ئىس چىقماق،

ئاچ قېلىپ بىر قورساقنى باقالمىدىم توي قىلاي.




قىيىن ئىكەن يالغۇزنىڭ بىرنى ئىككى ئەتمىكى،

قىيىن ئىكەن يالغۇزنىڭ مۇرادىغا يەتمىكى.

تۈگىمەيدىكەن يالغۇزنىڭ رىيازەتلەر چەكمىكى،

ھارۋامنى ھەم ئېتىمغا قاتالمىدىم توي قىلاي.



يوتقان-كۆرپە ياستۇقلار كىر بوپ كەتتى مايلىشىپ،

مېنىڭدىنمۇ قۇتۇلدى بىر بۇلۇڭغا جايلىشىپ.

دوس-يارەنلەر مېنى ھەم تاشلىۋەتتى بايلىشىپ،

ئۆتمىشىمنى ئويلىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي.



ئايدا يىلدا بىر قېتىم كىگىز-گېلەم قېقىلماس،

ئون بەش كۈن ئايغىچە ئوچاققا ئوت يېقىلماس.

بۇ ئالەمدە مېنىڭدەك بىرخاركىشى تېپىلماس،

بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىدىم توي قىلاي.



يالغۇزلۇقنىڭ دەردىدىن كۈن ئالمىقىم تەس بولدى،

يالغۇزلۇقنىڭ دەردىدىن يۈركىمگە دەت تولدى.

يالغۇزلۇقنىڭ دەردىدىن كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،

ئەقلىمدىن ھەم ئادىشىپ قالاي دىدىم توي قىلاي.



ئىشتىن كەلسەم ئالدىمغا چىقىدىغان ھېچكىم يوق،

ئاچ قالغان بۇ قورساققا ئاش ئېتىدىغان ھېچكىم يوق.

يىرتىلغان شىم-چاپاننى تىكىدىغان ھېچكىم يوق،

بۇ تۇرمۇشتىن ھېچبىر زوق ئالالمىدىم توي قىلاي.



ئۆي ئىچىدىن توپا-چاڭ بوران بولۇپ ئۇچماقتا،

قورسىقىمنىڭ كۆركىرشى مېنى تىرىك يۇتماقتا.

جان ئالغۇچى ئەزرائىل ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا،

ھاياتىمدىن ئايرىلىپ قالاي دىدىم توي قىلاي.



كېچە ياتسام جىن- شەيتان ئالۋاستىلار تولايدۇ،

بىر تەرەپتىن ئاچ قورساق ھۇقۇش كەبى ھۇلايدۇ.

ئارام خۇدا كۆز يۇمۇپ ئۇخلىغىلى بولمايدۇ،

چۈشلىرىم ھەم بۇزۇلۇپ ياتالمىدىم توي قىلاي.



نىمە ئۈچۈن ئۆزەمنى بۇنچىۋالا خارلايمەن،

نىمە ئۈچۈن ئۆزەمگە بىر ھەمرانى تاپمايمەن.

نىمە ئۈچۈن كېچىسى ئارام خۇدا ياتمايمەن،

شىرىن خىيال ئىچىدىن چىقالمىدىم توي قىلاي.



چىرايلىق قىز-چوكانلار يۈركىمنى ئەپ كەتتى،

بىر قاراپلا ئىچىمگە ئۆچمەس ئوتنى سەپ كەتتى.

گۈزەللەرنىڭ رۇخسارى كۆزيېغىمنى يەپ كەتتى،

شۇ قىزلاردىن بىرىنى ئالاي دىدىم توي قىلاي.



كۈندە پەرياد ئۇرارمەن بويتاقلىقتىن خارلىنىپ،

كۆزۈمدىن ياش تۆكەرمەن تەنھالىقتىن زارلىنىپ.

جېنىمدىن جاق تويدۇم بۇكەڭرى جاھان تارلىنىپ،

بۇ تۇرمۇشنىڭ مېغزىنى چاقالمىدىم توي قىلاي.



ئايالدىگەن بىر ئۆيدە خۇش پۇراقلىق گۈل ئىكەن،

شۇ ئايالسىز سارايمۇ قۇرۇق قاخشال چۆل ئىكەن.

شۇ ئايالسىز ياشىغان ئەرنىڭ ئۆمرى كۈل ئىكەن،

بۇ ھاياتتىن خۇشاللىق تاپالمىدىم توي قىلاي.



غەمكىن يۈرسەم ھالىمنى سورمىدى بىركىشى،

كۈن ئۆتكۈزمەك قىيىنكەن بولمىسا بىر سىردىشى.

جاپا بىلەن ئۆتەركەن يالغۇزلارنىڭ تۇرمىشى،

كىر بولغان شىم-كۆينەكنى يۇيالمىدىم توي قىلاي.



بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى ئىكەن شۇنداق ئىگىز- پەس،

مېنىڭدەك بىر يالغۇزنىڭ كۈن ئالمىقىم بولدى تەس.

كۆپ سۆزلەپمۇ ئولتۇرماي سۆزۈم تامام بولدى بەس،

قولۋاقسىز بۇ دەريادا ئاقالمىدىم توي قىلاي.


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 11:17:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
▲قىز- ئاياللار دېگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنسا ئالدى بىلەن كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئەخلاقلىق، مۇلايىم، پەزىلەتلىك، نومۇسچان قىزلار كېلىدۇ. لېكىن قىز- ئاياللار ئەخلاقسىز، قوپال مىجەز بولسا، بۇ قىلىقلار ئۇلارنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە داغ تەگكۈزىدۇ. دېققەت قىلىدىغان بولساق، ھازىر ئاممىۋىي سورۇنلاردا بىر قىسىم قىز- ئاياللىرىمىز ئۆزىنىڭ قىز- ئاياللىق سالاپىتىنى يوقىتىپ قويۇپ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىۋاتىدۇ.

▲ئەلىشىر ناۋايى: «ئاياللارنىڭ ئىپپەت تورىدىن توقۇلغان رومىلى، پاكلىق بەختىدىن راسلانغان چۈمبىلى بولسۇن» دېگەن ئىكەن. مانا بۇ ئاياللارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى سۈپەت ۋە ئۇلارغا نېمە كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يول. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «خانىم- قىزلار غەيۋەت قىلمايدىغان، يالغان سۆزلىمەيدىغان، باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆينى پاكىز تۇتىدىغان، ئىسراپچىلىق قىلمايدىغان، سۆزى يېقىملىق، ھەرىكىتى مۇلايىم، دوست- بۇرادەرلىرىنى مەمنۇن قىلالايدىغان، ئانىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك» دېگەن.

▲ئۇلۇغ ئالىم ئىبىنسىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز، جانسىز جەسەت كەيپىدۇر» دېگەن ئىكەن. دېمەك، مۇتەپپەككۇر، ئالىملىرىمىز، «دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى شەرم -ھايا بىلەن كىشىلەر قەلبىنى بېزەيدىغانلار پەرىشتىلەر» دەپ قارايدۇ.  قىز- ئاياللارنىڭ غورۇرىنى بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. شۇڭا، قىز- ئاياللار ھەر ۋاقىت ئەدەپ- ئەخلاقلىق، نازاكەتلىك، سەۋر- تاقەتلىك، شەرمى- ھايالىق، تىلى ۋە دىلى گۈزەل بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئەدەپ- ئەخلاقنى ئۇنتۇپ، ئۆز سالاپىتىغا داغ تەگكۈزۈۋالماسلىقى كېرەك.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش