|
|
|
|
ۋېيشىن 微信 ، يەنى ئۈندىدار بولسا تېڭشۈن شىركىتىنىڭQQ دىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىقارغان يەنە بىر نام قازانغان پاراڭلىشىش تۈرىدىكى يۇمشاق دېتالىدۇر، ئۈندىدار بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈندىدار دېتالى يانفوندا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قورال بولۇپ قالدى.ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇنى قانداق مەقسەتتە ئىشلىتىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۈندىدارنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سېڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ھەمدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت.
تور ئارىلاش جەريانىدا،ئۈندىدارنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىنىڭمۇ تارقىتىلغانلىقىنى بايقىدىم، ھەمدە قىزىقىش ئىلكىدە چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ھەقىقەتەن، يانفوندا قانداق ئىشلەتكەن بولسىڭىز، شۇنداق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ئەلۋەتتە، بەزى يەرلىرى يانفونغا يەتمەيدۇ، بۇ يەرلىرىنى ئۆزىڭىز بايقاڭ.
ئەمدى، كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپمۇ ئۈندىدارنى ئىشلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دوستلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن، كومپىيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىمەكچىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=175330&uk=2165301342
دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى:
مەنبە: نۇر تورى
|
|
|
|
|
|