elxat99 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 08:54 PM
‹قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا›(تۇران تارىخى )نى قايتا بىر ئ ...
خۇدا خالىسا دېگىنىڭىزدەك يەنە بىر قېتىم ئوقۇيمەن. لېكىن بۇ كىتابتىمۇ مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ فىئودالىزمغا قارشى سىنىپىي كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. لېكىن مەركىزىي ئاسىيا خەقلىرى تارىختىن بۇيان فىئودالىزمغا قارشى ھېچقانداق كۈرەش ئېلىپ بارمىغان. بىر پادىشاھنى ئاغدۇرسا يەنە پادىشاھ تىكلىگەنكى، ھەرگىزمۇ زۇڭتۇڭ ياكى رەئىس جۇمھۇر سايلىمىغان. كۆپ قىسىم قوزغىلاڭلارنى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ھوقۇق تالىشى تۈپەيلى قوزغىغانكى، بۇ كىتابتا ئېيتىلغاندەك دىھقانلار قوزغىلاڭلىرى كۆپ بولمىغان. ھېچقاچان دىھقانلار ئۆزلىرىنى «بىز دېھقانلار سىنىپى» دەپ ئاتاپ سىنىپىي ئايرىمىچىلىق قىلمىغان... ۋەھاكازا. بۇ كىتابنى يەنە ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلىشقا ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ.