يىغلىۋال شېئىر
يىغلا شېئىر قەلبمنى تۆكۈپ ،
سېغىنىشتا قالما تۇنجۇقۇپ.
پات ئارىدا كېلىدۇ نىگار ،
باغرىڭغا باس قالما ھۇدۇقۇپ.
يىغلا شېئىر خوشاللىقىڭغا ،
سەبداش بولۇر ئىككى قەدەملەەر .
ئىككى قەدەم ئىككى يۈرەكتىن ،
كەتسۇن يىراق ھەسرەت ئەلەملەر .
ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىۋال شېئىر ،
جاھان قىسقا قالىسەن كېتىپ .
يىغا دېگەن ئازابلا ئەمەس ،
ئاللاھىڭغا شۈكۈرلەر ئېيتىپ .
ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىۋال شېئىر ،
يار ئىسمىنى يىغاڭغا قېتىپ .
پاك قەلبىڭدىن سۆيگۈنىڭ بىرلا ،
كۆرسىتىپ قوي يۈرەكنى يېرىپ .
يىغلا شېئىر شائىر بىلەن تەڭ ،
سېغىنىشنى مەھكەم قۇچاقلاپ.
شادلىق سېنىڭ بەختىڭنى تاپتىڭ،
ماڭغىن ئەبەد رىشتەڭنى باغلاپ .
كېچە كۆكتىن قار ياغسا لەپ-لەپ ،
قار گۈلۈمنى قالدىم سېغىنىپ .
غۇۋا چۈشكەن يارنىڭ سۆرتىگە ،
قاراپ كەتتىم بەكمۇ سەپ سېلىپ .
باغراش كاككۇكى...
2012.12.20.22.22
قاراشەھەر دە يېزىلدى..