aa0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 06:09 PM
راس دەيسىز قالغانلارنىڭ ھەمىسى بىر بىرنى ئالدايدىغان ...
ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇنداق چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئاللا سۈرە بەقەرەنىڭ 187- ئايىتىدە شۇنداق دەيدۇكى:
ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يىپىشقتندەك يىپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كېيىم بەدەنگە يىپىشقاندەك يىپىشىسىلەر).
يەنە سۈرە فەتىھ 5- ئايەتتە:
(مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا اﷲ نىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر- ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ئۈچۈندۇر، اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
ئاللاھ ئىنسانلارنى ئەر- ئايال قىلىپ جۈپ ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا مېھرى مۇھەببەت سالدى، مۆمىن ئەر- ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بولىدۇ.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشىمىزگە سەۋەب بولىدىغان مۆمىن ۋە ھالال جۈپلەرنى ئاتا قىلسۇن، بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، ئاخىرەتتە جەننەتتىمۇ بىللە بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن. ئامىن.