sardor يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 01:22 AM
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نىمە رولى بولىۋاتىدۇ دەيس ...
ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ گەرچە چوڭ ئىشلارغا ياردىمى تەگمىسىمۇ، لىكىن «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم» دە ئوينىغان رولى خېلى چوڭ.
ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقنىڭ پەلەستىندەك بىر قېرىندىشىغا «ئەمەلىي ياردەم» بېرەلمەي، «نارازىلىق باياناتى» ئېلان قىلىپلا بولدى قىلىشى، گەرچە كۆزىمىزگە سىغمىسىمۇ، لىكىن، خەلىقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى كۆزەتسەك،بۇ بىر دانا تەدبىردۇر، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە «ئامالسىزلىق تەدبىرى» ھەم «پۇرسەت كۈتۈش تەدبىرى» دۇر.
ھازىر «ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقنى تارقىلىپ كەتتى» دەپ پەرەز قىلىپ تۇرايلى، ئۇنداقتا، سىز ئېيىتقان ئەشۇ پەلەستىنلىكلەر، نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى - ماددى ياردەمدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.