تېخىمۇ تەپسلىي ئۇچۇرغا ئېرىشەي دېگەن دوسىتلار بولسا جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 123-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ،تور ئادېرىسى:
http://www.mps.gov.cn/n16/n1282/n3493/n3823/n442207/3386943.html
تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغۇچىلاردىن بىرلا قېتىمدا 12نومۇر تارتىلىدۇ:
1-ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماشىنا تىپى بىلەن ماس كېلىدىغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلەر؛
2-ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلەر؛
3-تىجارەتلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسى(ئاممىۋىي ئاپتوبۇسنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ)،مەكتەپ ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارغا بېكىتىلگەن نۇرمىنىڭ %20 دىن ئارتۇق يولۇچى سالغانلار؛
4-قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتكەن،ئەمما جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەر؛
5-ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يولغا چىققاندا نومۇر تاختىسىنى ئاسمىغان ياكى قەستەن توسۇپ قويغانلار،مەينەت قىلىۋەتكەنلەر،نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغانلار؛
6-ساختا،ئۆزگەرتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى نومۇر تاختىسى،يول يۈرۈش كېنىشكىسى،پىراۋا،مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسى ياكى باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى،يول يۈرۈش كېنىشكىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛
7-يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈرۈۋاتقاندا ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرغانلار،تەتۈر يۆنىلىشتە يول يۈرگەنلەر،مەركىزى ئايرىش بەلبېغىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ماشىنىنى ئايلاندۇرغانلار؛
8-تىجارەتلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ماشىنا يولى ئىچىدە توختاتقانلار؛
9-ئوتتۇرا تىپلىقتىن يۇقىرى يولۇچى،يۈك ئاپتوموبىلى،مەكتەپ ئاپتوموبىلى،خەتەرلىك بويۇم توشۇش ئاپتوموبىلىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول،شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدا بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ %20دىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلەر ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول،شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولىدىن باشقا يوللاردا بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ %50دىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلەر،شۇنىڭدەك باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتنىڭ %50دىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلەر؛
10-ئوتتۇرا تىپلىقتىن يۇقىرى يولۇچى ئاپتوبوسى،خەتەرلىك بويۇم توشۇش ئاپتوموبىلىنى ئۇدا ھەيدىگەن ۋاقتى 4سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ماشىنىنى توختىتىپ ئارام ئالمىغانلار ياكى ئارام ئېلىش ۋاقتى 20مىنۇتتىن ئاز بولۇپ قالغانلار؛
11-مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىيىتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەنلەر؛
دوسىتلارنىڭ ئاران تەستە ئالغان كېنىشكىسىنى ۋە كېنىشكىدىنمۇ قىممەتلىك ھاياتىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،يەنە بىزدە توي يۆتكىگەندە ماشىنا نومۇر تاختىسى ئۈستىگە ‹‹شادلىق››،‹‹تويلار مۇبارەك››دېگەندەك خەتلەرنى چاپلىۋېلىپ قىز يۆتكەيدىغان ئىشلار بار،دوسىتلار شۇنىڭغا دىققەت قىلسا،بۇ قىلمىش بۇندىن كېيىن بايىقى ماددىنىڭ 5-تۈرىدىكى بەلگىلىمىگە چۈشۈپ 12نومۇر تارتىلىپ كېتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tewpiq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 05:05 PM