تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىپ قۇياي :
ئالدى بىلەن ئالىم ئەھەت تور خاتىرسىدىن
مۇنۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭ ، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم سىز مىسرانىم تور بېكىتىنى ئۇيغۇرلاردىكى باشلامچى مۇنبەر ، تور دۇنياسىدىكى باشلامچى ، 新建维吾尔第一门户网站 دەپ تەرىپلەيسىز ، مىسرانىم تورى راستىنلا باشلامچى قاتاردا تۇرالايدۇ ، Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققانلىق خەۋىرى بىز .ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى زور خوش خەۋەر ، لېكىن ئالىم ئەپەندى ئېيىتقاندەك ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە Windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققانلىق خەۋىرى ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن .
مىسرانم تورىغا كۈندە كىرىپ چىقىدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ، لېكىن بۇ كاتتا ئىشنى تەشۋىق قىلىشتا مىسرانىم تورى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرمىدى ، شۇڭا ئابابەكرى ئەپەندى ، سىز مىسرانىم باش بېتىدىن ئىككى - ئۈچ قۇر خەت پاتقۇدەك بوشلۇق چىقىرىپ Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىققانلىق خەۋىرىنى تەشۋىق قىلىپ بۇ جەھەتتە باشلامچى بولغان بولسىڭىز .