monix يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 10:53 PM
مەن ئوقۇغان تۈركىيەنىڭ بىر كىتابىدا مۇھەممەد سەللەللا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ،ئىسلام تارىخىنى يىزىشتا، ئەھلى سۈنئىۋەلجامائەنىڭ تۇتقان يولى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس كىتاپلىرنى ئاساس قىلىدۇ ،شۇنداقلا ساھابە كىرەملەرنىڭ، سەلەپ ئالىملىرنىڭ يازمىلىرىغا تايىنىدۇ. بىز دىنى كىتاپلارنى ئوقۇغاندا كىتاپتا كەلتۇرۇلگەن بايانلار‹ئەھلى سۇنئۋەلجامائەنىڭ›تۇتقان يولىغا ئۇيغۇنمۇ مۇشۇنىڭغا قارايمىز بۇنىڭ ئۇچۇن بىزدە دىنىمىزنى چۇشۇنىدىغان ئىلىم بولۇش كىرەك،ئەگەر دىنى چۇشەنچىمىز كەمچىل بولسا، بىزنىڭ ئەگىشىدىغان يولىمىز، ئەرەپچىنى پۇختا بىلىدىغان، دىنىي بىلىملەرگە ئىگە، توغرا يولدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى بىزگە يەتكۇزگەن كىتاپلارنى ئوقۇساق توغرا قىلغان بولىمىز،قېرىنداشلىرىمىزغا ئەسكەرتىپ قويىدىغان مۇھىم بولغان بىر مەسىلە شۇكى، دىيارىمىزدا بەزىبىر كىشىلەرنىڭ ئەقىدىغا مۇخالىپ كىلىدىغان ھەر-خىل ئۇيغۇرچە دىنىي مەزمۇنلاردىكى كىتاپلارنى تارقىتىۋەتكەنلىگى دىني ئىلىمى بار كىشىلەرگە ئايان،شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك ئالىملىرىمىز تەرجىمە قېلىپ بىزگە يەتكۇزگەن كىتاپلارنى ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىىمىز.ئاللاھ ھەمىمىزنى دىنىي بىلىملەرنى چۇشىنىدىغانلردىن قىلسۇن.