akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 12:10 PM
«ئاللاھ بىزنى ئاۋۋال مۇسۇلمان ئاندىن ئۇيغۇر قىلىپ يا ...
ھەدىسلەردە شۇنداق بايان قىلىنىدۇكى:
ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارنى ئىسلام ئۈستىگە يارىتىدۇ، ئۇنى باققان ئاتا ئانىسى تەربىيلەپ خىرىستىئان، يەھۇدىي ياكى مەجۈزى(ئاتەشپەرەس) قىلىپ چىقىدۇ.
قېرىندىشىم، مېنىڭ سۆزۈمدە چوڭ خاتالىق يوق، مەسلە سىزنىڭ قانداق چۈشىنىشىڭىزدە.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ، ئىنسانلارنى ياراتقاندىن تارتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەربىر قەۋملەرگە پەيغەمبىرلەرنى چۈشۈرۈپ، پەقەت بىر ئاللاھقا سەجدە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ كەلدى. بىراق ئازغۇن ئىنسانلار ئەۋەتىلگەن نۇرغۇن پەيغەمبىرلەرنى يالغانچىغا چىقاردى ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. بىراق مېھرىبان ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشنى توختاتمىدى. ئەڭ ئاخىرى ئەۋەتىلگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەلۇم بىر قەۋمگىلا ئەمەس پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلدى، ۋە مۇقەددەس كىتاب قۇرئاننى چۈشۈرۈپ ئىسلامنى مۇكەممەل قىلدى. مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز يارىتىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئىسلام مەۋجۈد، بىزنىڭ تۇپرىقىمىزغىمۇ ئاللاھ بۇرۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق پەقەت مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز زامانىسىدىلا ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان. ئەگەر ئاللاھ رەھمەت قىلمىغان بولسا، بىز يەنە ئازغۇنلۇقتا يۈرەر ئىدۇق. بارچە ھەمدۇ سانالار ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاغا بولسۇن.