II
پەيغەمبەر مەدھىيىسى ھەققىدە
11.ئەشىت ئەمدى قاچ سوز ھەبىب فەزلىدىن
ئۇقۇش ھۇش يىتىتىپ سوزۇمنى ئاڭا
12.ئول ئول خەلىق تالۇسى كىشى قۇتلۇغى
تۇرۇتمىشە يوق بىل ئاڭا تۇش تەڭە
13.رەسۇللەر ئۇرۇڭ يۇز بۇ ئول يۇزكە كوز
يا ئولار قىزىل ئەڭ بۇ ئەڭكە مەڭە
14.ئانىنىڭ ئوگدىىسىنىدىن تاتىر بۇ تىلىم
ئانىڭ مەدھى بولسا شەكەر شەھىد ئاڭا
15.بۇ كۇن تەگسۇ مەندىن دۇرۇد ئول يارىن
ئەلىگ تۇتتاچىمىقا ئەگىرسە مۇڭا
III
تۆت سەھابە مەدھىيىسى ھەققىدە
16.يىمە تۇرت ئىشىڭە ئىدۇرمەن سەلام
ئۇلاردىن ئۇسانماق قاچان ئول ماڭا
II
تەرجىمە
پەيغەمبەر مەدھىيىسى ھەققىدە
11.ئەمدى پەيغەمبەر پەزلىدىن بىر ئاز سوز ئىشتىڭلار،
سوزۇمنى ئەقىل_ھۇشۇڭلار بىلەن ئاڭلاڭلار،
12.ئۇ خەلىق سەردارى ، ئىىنسانلارنىڭ قۇتلۇغىدۇر،
(شۇنى)بىلىڭكى،تارىتىلغانلارنىڭ (ئىچىدە) ئۇنىڭ تەڭتۈشى يوقتۇر،
13.روسۇللار ئاق يۈز (كېلىدۇ)،ئۇ بولسا بۇ يۇزنىڭ كوزىدۇر،
ياكى ئۇلار قىزىل مەڭزلىكتۇر، ئۇ بولسا شۇ مەڭىزدىكى مەڭدۇر،
14.(مەن) ئۇنى مەدھىيلىسەم تىلىم تاتلىق بولىدۇ،
(چۈنكى) ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەن ئۈچۈن شەھىدۇ_شېكەردۇر،
15.ئەتە مۇڭغا چۈمۈلسەم، قولۇمدىن تۇتقۇچى بولدىغان،
ئۇ (روسۇلغا) بۈگۈن مەندىن سالات ۋە سالام تەگسۇن،
III
تەرجىمە
تۆت سەھابە مەدھىيىسى ھەققىدە
16.يەنە چارىيالارغا سالام يوللايمەن،
مەن ئۇلاردىن ھىچقاچان تانمايمەن،
-----------------------------------------------
17.ئەتىق بىرلە فارۇق ئۇچۇنچ زىننورەين
ئەلى تورتىلەنچى ئول ئەرىسگتوڭا
18.كىم ئەرسە بۇ تورت ئىشكە بەد ئىتقاد
تۇتار ئەرسە مىڭ لەئىن ئىدۇرمەن ئاڭا
19.ئىلاھى كەچۈرگەن ئىدىمسەن كەچۈر
نەچە مەن خەتالىغ قۇل ئەرسەم ساڭا
20.ماڭا بولسا فەزلىڭ قۇتۇلدى ئوزۇم
ئەگەر بولسا ئەدلىڭ قاتىغلىق ماڭا
داۋامى بار.................