سۈرخان يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 12:15 PM
ئەمىسە شۇ چاغدا ياۋروپانىڭ، يەھۇدىيلارنى ئوتتۇرا شە ...
سىز دىگەنلەرنى مەنمۇ بۇرۇن ئويلاپ باققان ئىدىم،بۇ توغىرسىدىكى جىق ماتىرىياللارنىمۇ كۆردۈم،يەنى تارىختىكى «يەھۇدى قىرغىنچىلىقلىرىنى يەھۇدىلار ئۆزلىرى مەقسەتلىك چىقارغان) دىگندەك ماتىرىياللارنى(مىسال،يەھۇدىلار پەلەستىندىن قوغلانغاندىن كىيىن ئۇچىرىغان تۇنجى قىرغىنچىلىقى ئىسپانىيەدە بولغان،بۇنى بىر قانچە يەھۇدىلار پادىشاھنى كۈشكۈرتۈپ پەيدا قىلغان،شۇ قىرغىنچىلىقتىن كىيىن يەھۇدىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالغان).
ھازىر تورلاردا كەڭ تارقالغان 2-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنى ئاتالمىش ماسون تەشىكىلاتى(فرى مىسن freemason) پىلانلاپ مەقسەتلىك قىلغان ئۇرۇش ۋە راڭۋازلىق بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان (ساحتا قرىعىنچىلىق)،ئۇلارنىڭ مەقسىدى يەھۇدىلارنى پەلەستىن رايۇنىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇش دەپ قارايدىكەن. مرى مىسىن تەشكىلاتى شۇ ئىشلارنى قىغانمۇ يوق؟ ئۇلارنىڭ شۇنچىلىك ئىقتىدارى بارمۇ-يوق؟ بۇنى مەن بىلمەيمەن،بۇ توغىرسىدىكى ماتىرىياللارمۇ ھېلىھەم كومپىيوتىرىمدا ساقلاقلىق تۇرۇپتۇ.
خوش،ئەمدى (يەھۇدى قىرغىنچىلىقى)نىڭ مەقسىدى پەلىستىننى يەھۇدىلارغا ئايرىپ بىرىش دىگەن توغىرسىدا توختىلىپ باقايلى: 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن،ياۋرۇپا دۆلەتلىرى كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى،بۇلۇپمۇ ئەنئەننىۋى كۈچلۈك دۆلەت ئەنگىليە،فىرانسىيە...قاتارلىق دۆلەتلەر،ئامىرىكا تۇنجى قېتىم دۇنيا سەھنىسىدە يېتەكچىلىك ئورنىغا ئۆتتى.ئوتتۇرا شەرققە بولسا ئىسلام دۇنياسىغا نەچچە ئەسىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوسمان تۈرك ئېمپىريىسى ھالاك بولدى.تۈركىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئىتىپاقداش دۆلەتلەر قاتارىدا غەلبە قىلغان ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرپىدىن بۈلىنىۋېلىش خەۋپىگىگە چۈشۈپ قالدى،شۇ چاغدا ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال خەققە رەھبەرلىك قىلىپ ھازىرقى تۈركىيە زىمىننى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ،لىكىن ئوسمان تۈرك ئېمپىريىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى كەڭ زىمىنلىرىنى قولدىن بىرىپ قويدى.ئۇزۇن مەزگىل تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغان ئەرەپلەر ئەنگىلىزلارغا،يەھۇدىلارغا يىشىل چىراغ يېقىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ تۈركلەرنىڭ مەغلۇپ بۇلۇش قەدىمىنى تىزلەتتى،ھەتتا ئەنگىليە ئارمىيىسى نامىدا تۈركلەر بىلەن جەڭ قىلدى.ئاقىۋەتتە ئەرەپلەرنىڭ ئېرىشكىنى تۈركلەرنى قوغلاپ،ئەنگىلىزلارنى ،يەھۇدىلارنى ئوتتۇرا شەرىققە،جۈملىدىن پەلەستىنگە باشلاپ كىردى.دىمەكچى،بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشى بىلەنلا پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرىق (تۈركىيىدىن باشقا)،ۋە شىمالىي ئافرىقا ياۋرۇپانىڭ قۇلىغا چۈشۈپ بولغان.ھەتتا خېلى كۆپ يەھۇدى بايلار پەلەستىنگە كىرىپ ئۇرۇنلىشىپ بولغان.
خۇلالسىلىسەك،ئەگەر يەھۇدىلارنى پەلەستىنگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە پەلەستىندە «يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش) نى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ياكى ساختا يەھۇدى قىرغىنچىلىقىنى پەيدا قىلىشنىڭ مەقسىدى دىسەك تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ،ئۇلار ئۇنداق قىلمىسىمۇ،پەلەستىن ئاللا بۇرۇنلار ئەنگىلىيىنىڭ قۇلىغا ئۈتۈپ بولغان،پەقەت يەھۇدىلارنى پەلەستىنگە كۈچۈرسىلا بولاتتى،خالاس(يەھۇدىلارمۇ پەلىستىنگە بىرىشقا تەشنا ئەلۋەتتە).
ماسۇن تەشكىلاتىنىڭ (ھېتلىر يەھۇدى پۇشتىدىن بولغان،ئۇ يەھۇدىلارنىڭ،ماسۇن تەشكىلاتى ئۈچۈن ئاشۇنداق يالغاندىن ئۇيۇن ئوينىغان )دىيىش ئارقىلىق كىشلەر ئارىسىدىكى ھېتلىرنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرمەكچى،يەنە بىر (ھېتلىر)نىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.خالاس.