سامسا
بۇگۈن مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ دوستۇم بىلەن بىرگە سامسا يىدۇق.يەپ بولۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاچ ئاشپەز ئۇستامدىن:ئۇستام،بۈگۈنكى سامسىلار ئالدىنقى ھەپتىدىكىدەك ئوخشىماپتىغۇ؟،-دەپ سوراپ تۇرىشىمىزغا،ئاشپەز ئۇستام:بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟بۇ دەل شۇ ئالدىنقى ھەپتىدىكى سامسا تۇرسا،-دېدى.
مايمۇن
بىر ئايال بىر قولىدابالىسىنى،يەنە بىر قولىدا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپتۇ.ئاپتۇبۇس ئەمدى قوزغىلىشىغا ئۇ ئايالنىڭ قولىدىكى نەرسە-كېرەكلىرى يەرگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.بۇنى كۆرگەن بىر كىشى ئۇ ئايالغا:ئەكىلىڭ ئا قولىڭىزدىكى مايمۇننى مەن تۇتۇپ تۇراي،سىز نەرسىلىرىڭىزنى تېرىۋېلىڭ،-دەپتۇ.
ئۇ ئايال شۇ ھامان ئۇ ئادەم بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپتۇ،ئاخىرى ئۇ ئىككىسى ساقچىخانىغا بېرىپتۇ.
ساقچى ۋەقە جەريانىنى سوراپتۇ.ئۇ ئايال:بۇ ئادەم قولىڭىزدىكىسى مايمۇن دېدى،-دەپ تۇرىشىغا ساقچى:شۇ مايمۇننى مايمۇن دىمەي نىمە دەيدۇ؟،-دەپتۇ.
بۇنى ئاڭلاپ ئۇ ئايال ساقچى بىلەنمۇ سوقۇشقىلى تۇرۇپتۇ.دەل شۇ ۋاقىتتا ساقچى باشلىقى كىرىپ قاپتۇ.ئۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېلىقى ساقچىنى تەنقىدلەپ:ئۇنداق دېگىنىڭ بولماپتۇ.خەقنىڭ بالىسى نىمىگە ئوخشىسا شۇنداق ئاتىساڭ قانداق بولىدۇ؟،-دەپتۇ.
ۋەتەنپەرۋەرلىك
ئۈچ ئوقۇغۇچى بىر يەردە ئولتۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىلۇق پاراڭلىشىپ قاپتۇ.ئا:مەن ۋەتەنپەرىكىمدىن ئەزەلدىن چەت-ئەلنىڭ مېلىنى ئىشلەتمەيمەن،-دەپتۇ.ب:مەن ھەتتا چەت-ئەل فىلىملىرىنىمۇ كۆرمەيمەن،-دەپ تۇرىشىغا يەنە بىرى:مەن ئوقۇۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى،ئۆزۈمنىڭ چەت-ئەل تىلى دەرىسىدە بىر قېتىممۇ لاياقەتلىك بولغىنىمنى ئۇقمايمەن،-دەپتۇ.
ئېھتىياج
بىر ئايال دوختۇرخانىدا دوختۇردىن:دوختۇر،بىر يىل ئالدىدا يولدىشىم سوۋغا قىلغان ئالماس ئۈزۈكۈمنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يۇتۇۋالغانىدىم.ئۇنى ئېلىۋەتكىلى بولارمۇ؟،-دەپ سوراپتۇ.
دوختۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ:نىمىشقا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كەلمىدىڭىز؟،-دەپ سوراپتۇ.ئۇ ئايال جاۋابەن:چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا پۇلغا ئېھتىياجلىق ئەمەستىم،-دەپتۇ.
قىزىقارلىق پوپ
خىرىستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئىككى ياش توي قىلماقچى بوپتۇ.قىز پوپتىن:ئىككىمىزنىڭ تويىنى قىلىپ قويىشىڭىزغا قانچىلىك ھەق بېرىمىز؟،-دەپ سوراپتۇ.پوپ:توي قىلماقچى بولغان يىگىت قانچە كېلىشكەن بولسا شۇنچە كۆپ ئالىمەن،-دەپتۇ.قىز پوپنىڭ جاۋابىنى قىزىق كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە يىگىتىنى چاقىرىپتۇ.پوپ يىگىتنى يىراقتىن كۆرۈپ:پەقەت بەش دوللار بەرسىڭىز يەتكۈدەك،-دەپتۇ.قىز بۇ گەپكە ئاچچىقلىنىپ يىنىدىن بەش دوللار چىقىرىپ پوپقا بېرىپتۇ.يىگىت پوپ ۋە قىزنىڭ يىنىغا كەلگەندە پوپ يىگىتكە قاراپ تۇرغىنىچە يىنىدىن تۆت دوللار چىقىرىپ قىزغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ.