ئالاھىدە سەۋەپ يوق؟ ئىنكاس يازغانلارنىڭ تولىسى ئالاھىدە سەۋەپ يوق دەپ يېزىپىتۇ، قانداقمۇ پەقەتلا سەۋەپ يوق مۇنبەرگە ئەزا بولىدۇ. ئۆزۈمگە كەلسەم مەن ئەڭ دەسلەپ مۇنبەرنى بىلگەن ۋاقتىمدا قاشتېشى مۇنبىرىگە ئەزا بولغان ئىدىم، كىيىن مىسرانىم مۇنبىرىگە بىر دوستۇم ئەزا ئىكەنتۇق، شۇنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن قىزىقىپ قېلىپ سىرتتىن زىيارەت قىلىپ باقتىم، يوللانغان تېمىلارسەرخىل،ئەزالىرىمۇ كۆپ بۇلۇپ قىزىقىشىمنى قوزغىدى، شۇنداق قىلىپ بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم ، ئەزا بولغىلىمۇ مانا ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ، مۇنبەرگە داۋاملىق كىرەلمىسەممۇ ھەرھالدا كىرىپ تۇرىمەن، مۇنبەردىكى ئىسىل يوللانمىلاردىن بەھىر ئېلىپ ، ئىلھام كەپ قالسا ئانچە-مۇنچە ئىنكاس يېزىپ چىقىپ كېتىمەن. بۇ مۇنبەرنى ياخىشى كۆرىمەن.مۇنبەردىكى ئىسىمغا كەلسەك ئۆزۈمنىڭ ئىسمىغا يېقىن، يەنە كىلىپ ئۆزۈممۇ مۇشۇ ئىسىمغا لايىق نازىنىلاردىن ھې ھې ھې....