مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 01:15:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاپارمەن بۇ خەتنى شاھقا تېزلىكتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېتىنى بوراندەك چاپتۇرۇپ يولغا چۈشتى.شاھ بەھرام خەتنى كۆرۈپ ئەھۋالنى ئۇققىنىدا روھىيىتىدە ئىككى خىل زىددىيەتلىك ھالەت پەيدا بولدى.ئۇنىڭ بىرى خۇشاللىق،يەنە بىرى بولسا غەمكىنلىك ئېدى. بىھرۇزنىڭ ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانلىقى، يەنە بىر يامان خۇلۇقلۇق كىشىنىڭ ئەدىپىنى بېرىش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىنى ئويلىغىنىدا روھى كۆتۈرۈلۈپ خىيال قۇشلىرى قاناتلاندى.پەرشېدۋەردنىڭ بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ يېمەي-ئىچمەي مال- دۇنيا يىغىپ دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زەردارغا ئايلانغانلىقى،لېكىن شۇنچىۋالا پۇل-مېلى تۇرۇپ ئۇنىڭ راھىتىنى قىلچە كۆرمەي ئەڭ بىچارە يوقسۇللاردەك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكى،مانا ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن ئازراق سەرىپ قىلىشقىمۇ قىيمىغان ئۇ بايلىقلىرىدىن تەلتۆكۈس  ئايرىلىپ قالسا قانداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالدىغانلىقنى ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ غەمكىن بولدى.كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياشلار ئاقتى.قاپىقى قاش ئۈزرە كاماندەك تارتىلدى.
كاتىپ چاقىرتىلدى.ئۇ تېزلىكتە شاھ يېنىغا كېلىپ قول باغلاپ تۇردى.شاھتىن پەرمان چۈشكەندىن كېيىن ئۇ رۇم قەلىمى بىلەن چىن قەغىزىنى تەييارلاپ خەت يازماققا تۇتۇندى.خەتنىڭ بېشىدا ئادەت بويىچە تەڭرىگە ئاپىرىن ئېيتىلدى:‹‹ئۇ ھەممىدىن ئۇلۇغ،ھەممىدىن غالىپ قۇدرەتلىك تەڭرىدۇركى،ئاسمان ۋە زىمىن ئۇنىڭ ئېرادىسى بىلەن قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە يارىتىلغان.ئۇ دانالىقنىڭ ۋە شاد –خوراملىقنىڭ خۇداۋەندىسى بولۇپلا قالماي تاجۇ-تەخت ۋە شاھلىقنىڭمۇ خۇداۋەندىسىدۇر.سەن خېتىڭدە: ‹شاھ ئادىل بولغىنىدا مۇنچىۋالا گۇناھ سادىر قىلغان يامانلار جازاسىز قالمايتتى› دەپ يېزىپسەن.بىر ئادەمنىڭ تەنھا ئۆزى ھالال قان تەرى بىلەن مۇنچىۋالا كۆپ بايلىقلارنى جۇغلىيالىشى ھەرگىز  مۈمكىن ئەمەس.دېمەككى ئۇ بۇ بايلىقلارنى ئوغۇرلۇق قىلىپ جەملىگەن.يامانلىق قىلىپ غەملىگەن.ئۇنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى شۇكى،ئۇ قانائەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.چۈنكى ئۇ تەڭرىدىن قورىقمايدىغان شور پىشانىدۇر.شۇنچىۋالا كۆپ مال-مۈلۈككە ئۇ يالغۇز ئۆزىلا پاسىبان ئېدى.دىلى بولسا مال-مۈلۈك ھېرىسلىقىغا چۆكۈپ ئۇنى چۈشەپ تۇرىىدىغان  بىر زىندان بولغان  ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 02:28:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مال دۇنيانى قەيەرگىلا قويساڭمۇ ئۆز ئېگىسىگە ھەر دائىم كار قىلماس.ئەگەر ئېگىسى ئۇنىڭ پايدىسىنى بىلمىسە ئۇنىڭدىن بەھرە ئالالمايدۇ.ئۇ گەرچە يېنىڭدىلا تۇرسىمۇ ئىشلىتىشنى بىلمىسەڭ يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان بايلىقتىن پەرقى يوق.بۇ قىسقىغىنە ئۆتكۈنچى دۇنيادا مال-دۇنياغا كۆڭۈل بەرمەكلىك بىكار ئاۋارىچىلىق.سەن دۇنيانى قىممەتلىك  مال-مۈلۈك بىلەن لىققىدە تولدۇرۇۋەتسەڭمۇ ئۆلسەڭ ھەممىسى خەققە قالىدۇ.پەرىدۇن،ئېرەج،سەلمۇ،تۇر قاتارلىق نامدارلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئېدى.غىپپىدە كېلىپ-كەتكەن يولۇچىدەك ئۈن-تۈنسىزلا كېتىپ قالدى.ئاتاممۇ خەلق كۈتكەندەك ئادىل شاھ بولالماي بۇ دۇنيادىن دىلى دەرتكە تولۇپ ئۆتتى.ھېچبىر ئۇلۇغ زات ئۆلۈمدىن ئامان قېلىپ جاھاندا ئۇزاق ياشىغان ئەمەس.مىڭ يىللاپ ياشىغانلارمۇ ئاخىر ئۆلۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە قارا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتتى.دۇنيانىڭ يېشىغا سېلىشتۇرسا ئىنساننڭ يېشى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.دېمەك ھېچكىمنىڭ مۇرادى ۋايىغا يەتمىدى.مەيلى سەن قانچىلىك كۆپ مال دۇنيا توپلىساڭمۇ ئۇنىڭدىن بىر ئۆزۈڭلا بەھىر ئالماي ئەلگە بەخش ئەتكىن.ھەممىنى ئۆزۈمگە سەرىپ قىلىمەن دەپ ئاچكۆز بولۇشنى تەمە قىلما.كىمىكى ئېھتىياتچانلىق بىلەن سىر ساقلىسا،قەلبىنى يامانلىق ئەسىر قىلمسا بۇ دۇنيادىن خارلىق تارتماي  مەنىلىك ياشاپ ئۆتكەن بولىدۇ.كىمىكى، شۇ قېرى فەرشېدۋەردكە ئوخشاش ياخشى يولدا ماڭماي تۇيۇق يولدىن ماڭسا،دۇنيا خەلقىگە يەتكۈدەك زور  بايلىقى تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قىلچىلىك بەھىر ئالالمىسا ئۇ ئەڭ بەختسىز كىشىدۇر.ئەڭ ئەقىلسىز بىچارىدۇر.ئۇنداقلار نەزەرگە ئىلىنمايدۇ.كىمىكى بارۇ يوقىنى توپىدەك سورۇپ ئىسراپچىلىق بىلەن يەپ ئىچىۋەتسە داۋاسىز بىر دەرتكە دۇچار بولۇر.
ئەمدى  فەرشېدۋەردنىڭ مال-مۈلكىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا كەلسەك، ئۇ ئۆمۈر بويى مال- دۇنيا يىغىپتۇيۇ، ئۆزى ئۇنىڭدىن بەھىر ئېلىشنى بىلمەپتۇ.كەڭتاشا يەپ-ئىچەلەيدىغان،ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خوش قىلالايدىغان تۇرۇپ ھېچكىمنى بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلماپتۇ.باشقىلارنى بەھرىمەن قىلمىسىمىغۇ مەيلى، ئۆزى يىغقان بايلىقنى ئۆزىنىڭ نورمال تۇرمۇشى ئۈچۈن سەرىپ قىلىشقىمۇ چىدىمىغان،تەڭرىنىڭ پەرمانىغا قارشى چىققان بۇنداق غەلىتە مەخلۇقنى قاتتىق جازالىماي،باشقىلارغا مەڭگۈلۈك ئىبرەت قىلماي بولمايدۇ.ئۇ بۇ بايلىقلىرىنى ئۆزى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشنى خالىمىغان ئىكەن دېمەك ئۇنىڭ بۇ بايلىقلارغا قىلچە ھەققى يوق.ئۇنىڭ بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت غەزىنىسى ھېسابىغا تولۇق ئۆتكۈزىۋېلىپ، ئۇنى بارلىق مۈلكىدىن مەھرۇم قىلىڭلار.ئاندىن پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدىكى قەرىزدارلار،جاپادا قالغانلار،يېتم-يېسىرلار،مىراسسىز گۆدەك بالىلار،ھېچنەرسىسى يوق بىچارە نامراتلار،تۇل خوتۇنلار ،ئىگە-چاقىسى يوق غېرىپ-غۇرۋالار،مۇھتاجلىق بالاسىغا گىرىپتار بولغان مۇساپىرلار،ئاش ئوزۇق غېمىدە بېشى تاشتەك قاتقان يوقسۇل بىچارىلارنى تولۇق  ئېنىقلاپ چىق.ئاندىن ئۇلارنى تولۇق  چاقىرتىپ كېلىپ فەرشېدۋەردنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئادىللىق بىلەن  بۆلۈپ بەرگىن.ئۇلارنىڭ ئاجىز دەرمانسىز تېنىگە قايتىدىن جان پەيدا قىلغىن.بۇ ئىشتا سېنىڭمۇ ھەم تۆھپەڭ بار.ئوتۇنچىنى مەن بۇيرىغان نىسبەتتىكى مۈلۈكتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن فەرشېدۋەردنىڭ كۆمۈلگەن خەزىنىسىنى بەر. ئۆزۈڭمۇ بۇ بايلىقتىن يۈزدىن بىر نىسبەتتە  بەھرىمەن بولغايسەن.مۈلۈك ئېشىپ قالمىسا قالمىسۇنكى،مۇھتاج نامراتتىن بىرمۇ كىشى ھەدىيىدىن قۇرۇق قالمىسۇن.ساڭا ئىنساپ ۋە ئادالەت رەھنەما بولسۇن››خەت تامام بولغاندىن كېيىن شاھ ئۇنىڭغا مۆھۈرىنى بېسىپ پېچەتلەتكۈزدى.ئاندىن ئۇنى چاپارمەنگە تۇتقۇزدى.چاپرامەن ئۇچقۇر ئات يەڭگۈشلەپ مىنىپ مەنزىلگە قاراپ ئۇچتى.شاھ پەرمانى تولۇقى بىلەن ئىجرا قىلىندى.‹‹يېمىگەننىڭ چىشىغا تاش››دېگەندەك نامدار بېخىل فەرشېدۋەرد ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىشكىمۇ قىيمىغان  بارلىق بايلىقلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ قاتتىق ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ھۇشىدىن كەتتى.كېيىن ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلايدىغان،ساراڭلاردەك سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ دەرت ئۇنى تۈگەشتۈردى.شۇڭا ئۇزاققا قالماي يۈرەك سانچىقى بىلەن قان قۇسۇپ ئۆلدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:17:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھىنشاھ گۈزەل ئوردا  بېغىنىڭ ئوتۇرسىدىكى شىپاڭغا تەخت ئورنۇتۇشنى بۇيرىدى.چاكارلار شاھنىڭ پەرمانىنى كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ ئورۇنلىدى.بۇ تەختنىڭ پايىسى باھارنىڭ رەڭگىدە ئېدى.ئۈستىدە گۈزەل مەنزىرە دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇراتتى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن باغدا كاتتا بىر بەزمە ئۇيۇشتۇرۇلدى.ساقىيلار قولىغا خۇشبۇي مەيلەر قۇيۇلغان ھېقىق جاملارنى ئېلىپ شاھقا ھەمدەم بولۇپ  ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ساراي ئەھكاملىرىغا بىرمۇ-بىر سۇنماقتا ئېدى.شاھ ۋەزىرلىرىگە شۇنداق دەپ ۋەز ئېيتتى:
-ئەل-ئۇلۇسقا ھەركىمنىڭ  ئۆزىنىڭ رۇزغارلىرى خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.ئەقلى-ھۇشۇ جايىدا كىشىلەر ئۆز تۇرمۇشى ئېھتىياجىدىن ئارتۇق مال يىغىمەن دەپ فەرشېدۋەردتەك ئاچكۆزلۈك، خەسىسىلىك قىلىپ جېنىنى قىينىمىسۇن.ئادەم تاپقان بايلىقلىرىنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.ئادەم ئۆلگەندە  ھەركىمگە بىرلا قەبرە بولسا شۇ كۇپايە.ئادەملەرنى شاھ-گاداي دەپ تەبىقىگە ئايرىشنىڭ نېمە ھاجىتى،ھەممىسىلا تەڭرى ياراتقان ئوخشاش ئىنسان ئەمەسمۇ؟! ئۆلۈم شۇ قەدەر قۇدرەتلىككى،نى نى ساراي-دىۋانلارنى بەربات قىلىدۇ.كۆكە تاقاشقان ساماۋى قەسىرلەرنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.مەيلى شاھ،مەيلى دەرۋىش بولسۇن ھەممىسى ئۆلگەندىن كېيىن بىردەك قەبرىگە دەپنە قىلىنىدۇ.ئۇلاردىن قالىدىغىنى ‹‹ياخشى››ياكى ‹‹يامان››دەيدىغان نام-ئاتاق.تىرىكلىكىڭدە تارتقان رەنجىلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا بىۋاپادۇر.سەن كۆز يۇمغان چاغدا ئۇمۇ تەڭ كۆز يۇمار،يەنى سەندىن ئالاقىسىنى ئۈزەر.دۇنيادا ياشىغان ئىىكەنسەن ياخشى نام قالدۇرالىساڭلا شۇنىڭ ئۆزى بەستۇر.شاھلاردىكى تاجۇ-كەمەرلەر،بايلاردىكى راھەت-پاراغەتلەر،يوقسۇلدىكى ئازار كۈلپەتلەر مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر.ھايات پەيتىڭدە راست سۆزلۈك بول.باشقىلارغا قولۇڭدىن كېلىشىچە شەپقەت قىل.مانا شۇ سېنىڭ دۇنيادىكى ئىزلىرىڭ بولالايدۇ.تاپقان تەرگىنىڭنى ھالالدىن تاپساڭ تېنىڭگە ئاش بولىدۇ.ھارامدىن تاپساڭ مەيدەڭدە سىڭمەس تاش بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 12:18 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-28 01:03:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇيىل ئوتتۇز سەككىز ياشقا كىردىم.بۇ ئۆمرۈمدە كۆپلىگەن شادلىق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈردۈم.ئادەمنىڭ يېشى قىرىققا يەتكەندە كىشى يېرىم ئۆمرىنىڭ ئۆتۈپ بولغانلىقىنى،ياشلىق،قىرانلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىپ ئەمدى ئۆلۈم مەنزىلىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقنى ھىس قىلىپ غەمگە چۆكىدۇ.چاچنىڭ بىر تېلىغا ئاق كىرگەن چاغ، كىشىنىڭ شادلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋاقتىدۇر.ئاق چاچلىق پاسىباندىن تەختنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈمىدىنى كۈتمەك تەس.مەيلى،چاچقا ئاق سانچىسا سانچىۋەرسۇن،مەن يەنە ئىككى يىل راھەت پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرەي.ئۇندىن كېيىن بولسا، تەقدىر پىشانەمگە نىمىنى پۈتكەن بولسا ئۇنى كۆرەي.تەڭرىنىڭ ئالدىدا پالاس توننى كېيىپ ئاخىرەت كۈنۈمگە تەييارلىق قىلاي..مەن ناشۈكۈر ئادەم ئەمەس.تەڭرىنىڭ ماڭا ھازىرغىچىلىك بەرگەن بەخت-ئامەتلىرىگە قانائەت قىلىمەن.شۇ كەمگىچە كۆپ يىل شاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ  ئەزىز بولۇپ ياشىدىم.كۆپلىگەن خۇشاللىقلار نېسىپ بولۇپ غەمسىز ئۆتتۈم.ئەمدى ماڭا تۈرلۈك شىرىن نازۇ-نېمەتلەر كېرەك.زەر كاسەم ھېچقاچان مەيدىن خالىي بولمىسۇن. ياخشى مەيلەردىن يۈزۈمگە قىزىللىق يۈگۈرۈپ ئالمىدەك رەڭ ئالسۇن.كەيىپ بولغان چاغلىرىمدا ئاسمان يولۋاس تېرىسىدەك كۆرۈنسۇن.خۇشبۇي مەي تەپتى ئادەمنى باھادىر قىلىدۇ.شۇ تاپتا قىزىل مەي خۇددى غەمگۈزارىمدۇر.ھاۋامۇ مۆتىدىل بولۇپ ئۇنىڭ ئىللىق تەپتى كۆڭۈلگە ياقىدۇ.ئېرىق ئۆستەڭلەردە سۈزۈك پاكىز سۇلار ئويناپ ئېقىۋاتقان،تۈرلۈك گۈل چېچەكلەردىن جاھان گۈزەللىشىپ كەتكەن،ياز يامغۇرى زېمىن باغرىنى يۇيۇپ پاكلىغان،مۇنداق گۈزەل كۈنلەردە كىممۇ شادلانماي،دوستلار بىلەن مەي ئىچىپ خۇشال يايرىماي تۇرالىسۇن!؟ يەنە ئازغىنە ۋاقىتتن كېيىن  زىمىن يىپەك كىيىم كېيىپ كۈز پەسلى كىرىدۇ.دالىدىكى شىكارگاھتا جەم بولۇپ تېتىكلىشىپ قالىمىز.شۇ چاغدا كەڭ دەشتتە شۇنداق بىر ئويۇن قىلايلىكى،ئوۋدىكى ماھارەتلىرىمىز تارىخقا يېزىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا يادىكار بولۇپ ساقلىنىپ قالسۇن.ھازىر ياۋايى ھايۋانلار راسا يېتىلدى.شىرلار قۇۋۋىتىنى بەدەنگە يىغىپ راسا ۋەھشىيلەشتى.بىز بۈركۈت،تايغان،قارچۇغا،تايغان قاتارلىق ئوۋغا كېرەكلىك ھايۋان ۋە قۇشلارنى ھازىردىن تارتىپ تەييارلىغاچ تۇرۇشىمىز كېرەك.دەشتتە ياۋايى ھايۋانلارنى قورشىۋېىپ، كامانلىرىمىزنى ئوينىتىپ ماھىرلىق بىلەن ئوۋ قىلىپ راسا يايرايلى.ئۇ يەردە ئوۋىمىز ئوڭدىن كېلىپ بارگاھىمىز غەنىيمەتلەر  بىلەن لىق تولار.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2863
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25971
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7708 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:27:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=185954&uk=3641852507

http://pan.baidu.com/play/video#video/path=%2Fmahir%20topqi.flv&t=-1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 01:28 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش