مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tatlik920

شاتۇت قىز (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87826
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 11:15:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېز يوللاڭچۇ تۆت كۆزۈم سەككىز بوپ كەتمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 12:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر دەردلىرىمنى ئېيتاي، زارىقىپ بىر كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئادىمىمنى بۇنداق ھالەتتە، بۇنداق شارائىتتا كۆرۈشۈم ماڭا ھەقىقەتەن بەك ئېغىر كەلدى، ئۇنىڭدىن مېھىر كۈتكەن كۆزلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغىنىم ئالەمچە نەپرەت بولدى، بەگزاد مەندىن شۇنداق ئۆچ ئېلىۋاتاتتىكىن ئەزەلدىنلا تۇرۇش ماڭا ئېغىر كېلىۋاتقان بۇ ئائىلىدە ئەمدى تۇرۇش مۇمكىن بولماسلىق تەرىپىگە ئۆتۈۋاتاتتى، لېكىن بۇ ئۆيدىن نېمىنى، كىمنى سەۋەب قىلىپ چىقىپ كېتىمەن، سەردارنىمۇ؟ ياق، ئۇنىڭدىن ماڭا ھېچقانداق ئازار يەتمىسە، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈۋاتقان ئادەمدىن قانداق قۇسۇر تاپىمەن؟ بار ئاسىيلىقنى مەن ئۇنىڭغا قىلىۋاتسام، قىيىن ئاتا - ئاپامغا تېخى گەپ كەتمەيدۇ، مۇشۇ ئائىلىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ بىرەر قېتىم ماڭا يات كۆزىدە قارىغانلىقىنى بىلمەيمەن، خۇددى ئۆز قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك قاراپ كېلىۋاتقان بۇ پەرىشتە سۈپەت كىشىلەرنىڭ نەرىدىن يامانلاي، ئەگەر شۇنداق قىلسام ئىككى دۇنيا قارا يۈز بولۇپ كېتەرمەن، بەگزادنى تېخىمۇ دېيەلمەيمەن، چۈنكى مېنىڭ سەردارغا ئۇنىڭ ئاكىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەي تېگىپ قالغانلىقىمغا بەگزاد ئىشەنمەيۋاتقان يەردە بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ، كىشىلەرنىڭ ئىشنىشى مۇمكىنمۇ؟ بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئەجىلى توشۇپ ئاللا تەرىپىدىن جېنى ئېلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئارقىسىدىن قىلچە خىجىل بولماي سۆز - چۆچەك قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ مېنىڭ بۇ ئائىلىدىن چىقىپ كەتكىنىمنى توغرا چۈشنىشىنى كۈتۈش ئەسلىدىنلا بىر ئەخمىقانىلىك.
    كۈنلىرىم ئاكا - ئۇكا ئىككەيلەن ئالدىدا رول ئېلىش بىلەن ئۆتمەكتە، بەگزاد ئۆيدىكىلەر ئالدىدا ماڭا شۇنچىلىك كۆيۈنگەندەك مۇئامىلە قىلاتتى - يۇ، يالغۇز قالساقلا مېنى قىيناپ، تەنە گەپ قىلىپ ھېچ ھالىمغا قويمايتى. بولۇپمۇ ئەتىگەندە ھۇجرامدىن چىققاندا ياكى بولمىسا كەچتە ئارام ئالغىلى ماڭغاندا ئۇ ماڭا شۇنچىلىك نەپرەت بىلەن قارايتىكى ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىم، ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا ئۆزۈڭ مەدەت سەۋر ئاتا قىلغىن.
    سەردار سودا ئىشى بىلەن ئالمۇتاغا 3 كۈنلۈك چىقىدىغان بولدى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تەييارلاپ بېرىۋېتىپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم، سەردارغا چىدىمايمۇ ياكى ئۇ كەتكەندىن كېيىن بەگزادنىڭ ماڭا قىلىدىغانلىرىدىن يۈرىكىم ئاغرىپمۇ، ھېچ بىلمىدىم.
    - بۇنداق يىغلىسىڭىز مەن قانداق ماڭىمەن، ئاللا خالىسا 3 كۈندە قايتىپ كېلىپ بولىمەن، بىرەر ئىشتىن قىينالسىڭىز بەگزادقا دەڭ، ئۇ قىلىشىپ بېرىدۇ.
    - شۇنداق، يەڭگە ئاكام كەتسە مەن بار، ئۇمۇ تېزلا قايتىپ كېلىدۇ. 3 كۈن دېگەن بىردەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. يا ئۇ بىر 3 يىل بولمىسا.
    ئۇنىڭ چاقچاق قىلىپ ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىىسى چوڭقۇر بولغان گەپلىرى ماڭا زىقتەك سانجىلدى.
    سەردارنى ئۇزىتىپ قويۇپ قىيىن ئاتام - ئاپاممۇ باردىغان يېرى بارلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئاپامنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
    - نەگە، شاتۇتۇم، ئۇچماقچىمۇ؟ سىز چىقىپ كەتسىڭىز ماڭا كىم تاماق قىلىپ بېرىدۇ؟
    ئۇ كەينىمدىن ئەگىشىپلا ھۇجرامغا كىرگەن ئىدى.
    - بازاردىكى ئاشخانىلار تاقىلىپ كېتىپتىمۇ ياكى سىزگە تاماق ساتمامدىكەن، - دېدىممەن زەردە بىلەن.
    - ئوچۇقمۇ، تاقاقمۇ، ساتامدۇ، ساتمامدۇ بۇنىسى زۆرۈر ئەمەس، ھېچ يەرگە چىقمايسىز، مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان نۇرغۇن سوئاللىرىم بار.
    ئەمدى چىداپ تۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى.
    - بولدى بەس! يېتەر بەگزاد، ماڭا نېمىشقا بۇنداق قىلسىز، سىزنىڭ ماڭا بۇنداق قىلىدىغانغا نېمە ھوقۇقىڭىز بار، مەندەك ئەرزىمەس ئادەمنى تاشلاپ كەتكەن 2 يىلدا بىرەر قېتىم ئىزدەپ قويمىغان كىشى ئۆزىڭىز تۇرۇپ، مەندىن يەنە نېمە كۈتىسىز؟ مېنى شۇنچە ۋاقىت قىينىغىنىڭىز يەتمىگەندەك يەنە نېمە كۈن بۇ ماڭا؟ ئەجىبا ماڭا ئۆزۈم قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادىمىمگە يەڭگە بولۇش ئاسانمۇ؟
    - ئەمسە ماڭىچۇ، ئەقىدە، دۆتلۈك قىلىپ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىم راست، كىم دەيدۇ سىزنى مېنى ئىزدىمىدى دەپ، مەن سىزگە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىشتىن خىجىل بولۇپ نۇرغۇن خەت يېزىپ بىر ئاغىنەمدىن ئۇ مۇشۇ ياققا قايتقاندا ئەۋەتتىم، لېكىن بىرەرسىگىمۇ ئۇچۇر قايتۇرمىدىڭىز، ئەگەر مېنى كەچۈرسە ماڭا چوقۇم تېلېفون قىلىدۇ دەپ خەتكە نومۇرۇمنى يازدىم، لېكىن تېلېفونمۇ قىلمىدىڭىز، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزنى ئاكامنىڭ خوتۇنى، يەڭگەم سۈپىتىدە، ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا كۆرۈۋاتىمەن، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن، تېخى قولىنىمۇ تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن قىزىمنى ئۆزۈم كېلىن قىلىپ ئەكىرىمەن دەپ ئويلىغان ئۆيۈمدە باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن كەچلىكى «خەيىرلىك كەچ» دەپ ئۇزىتىپ قويۇپ سەھەردە «خەيرلىك سەھەر» دەپ كۈتۈۋالىمەن، بۇنىڭغا زادى كىم سەۋەبچى؟ ماڭا دەڭە!
    بەگزادمۇ، مەنمۇ يىغلىدۇق، ئۇ مېنى ئىزدەپتىكەن، لېكىن مەن ئۇ ئەۋەتكەن خەتلەرنىڭ بىرسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدىم.
    - سىز كىمگە بەرگەن ئۇ خەتلەرنى، مەن راستىنلا تاپشۇرۇپ ئالمىدىم.
    - ئەكبەر دېگەن ئاغىنەمگە.
    - ئەمسە ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭ، ماڭا راستلا بەرمىدى.
    - ئۇ شۇ يىلى مۇشۇ يەردە قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى، لېكىن ئۇ ماڭا سىزنىڭ قولىڭىزغا تەگكەنلىكىنى ئېيتقان.
    - ياق، بەگزاد، مەن ئالمىدىم، ماڭا ئىشىنىڭ.
    - بولدى، ئەمدى ئويۇن ئوينىماڭ، سىز مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى ئويلاپ چىقتىڭىز.
    خەتنىمۇ ئالمىغان بولۇڭ، ئەجىبا سەردارنىڭ مېنىڭ ئاكام ئىكەنلىكىنى راست بىلمەمتىڭىز؟
    ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرغۇدەك ماجالىم قالمىدى. تويۇقسىز ئۇ مېنى قۇچاقلىدى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ قولىدىن چىقالمىدىم. مەن كۈچىگەنسېرى ئۇ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشەتتى، ئۇنىڭغا يالۋۇردۇم، «بەگزاد بۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنەي»
    - سىز ئىككىلىمىزنى خىيانەتچى، گۇناھكار قىلدىڭىز، سىزگە قانچىلىك مۇھەببىتىم بولسىا شۇنچىلىك نەپرىتىم بار، كۆز ئالدىمدا ئاكامغا خوتۇن بولۇشىڭىز مېنى ساراڭ قىلاي دىدى، ئاللاھ ئىككىلىمىزنىڭ جاجىسىنى بەرسۇن، بۇنداق خىيانەتچى، ئاسىيى سۆيگۈگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن.
    ئۇ مېنى قانداق كۈچەپ تارتىپ قۇچاقلىغان بولسا شۇنداق كۈچەپ ئىتتەردىدە چىقىپ كەتتى.
    ئۇ مېنى ئىزدەپتىكەن، لىكىن مەن ئۇنى ساقلىمىدىم، چۈنكى ئۇ يازغان خەتلەرنىڭ بىرسىمۇ ماڭا تەگمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قىلچىمۇ ئۇچۇر بولمىغان سۆيگۈدىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ بۈگۈنكى مۇھەببىتىم بولمىغان تۇرمۇشقا قەدەم قويغىنىم ھەق.
    ئەمسە ئۇ خەتلەر قېنى؟ ئۇ بالا قازا قىپتۇ، ئۇ نېمە ئۈچۈن ماڭا بەردىم دەيدۇ؟ ئۇ پۇل بولمىسا يا ئۇ بالا ئۆزى ئېلىۋالىدىغانغا، كۈنلىرىم تىڭىرقاش، «يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن» لەر ئىلكىدە ئۆتمەكتە، سەردار ئەتە كەلمەكچى، ئۇ كېتىپ مەنمۇ ئىككى كۈن ياقى مىجەزىم يوق دەپ ئاپامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلگەنىدىم، بۈگۈن قايتمىسام ئامالىم يوق، لېكىن ئۇ ئۆيدە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇدەك مادار، غەيرەت مەندە قالمىدى، چۈنكى بەگزاد مېنى ھەم ئۆزىنى بەك قىيناپ كېتىۋاتاتتى، نېمىلا دېسەم ئاڭلار ئەمەس.
    تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايرىدى، بەگزاد، ئاھ خۇدا!
    - سالام يەڭگە، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
    تۇنجى ئاڭلىغان بۇ سۆز يۈرىكىمدىن يەنە بىر تۆشۈك ئاچتى.
    - ياخشى.
    - ھە، بۈگۈن قايتىپ كېلىدىكەنسىز، شۇ ئاپام مېنى سىزنى ئەكەلگىن دەپ بۇيرىغان، مەن ھازىر ئۆيىڭىزگە كېلەي دېدىم، چۈشۈپ تۇرامسىز؟
    - بۇ، بۇ، بىكارغا ئاۋارە بولۇپسىز.
    دۈت... دۈت... ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمايلا تېلېفوننى قويىۋەتتى، ئۇلۇغ خۇدا!
    ئەنە ئۇ يەردە مېنى شۇنداق كېلىشكەن، بىر كۆرۈش بىلەن خېلى مەن مەن دېگەن قىزلارنى ئاللىقانداق خىياللارغا سېلىپ قويىدىغان، مېنى سۆيگەن مەن ھەم سۆيگەن، لېكىن ۋىسالىمىزغا يېتەلمىگەن، مېنىڭ يۈرىكىمنى پۈتۈنلەي ئىگەللەپ بولغان بەگزادىم ساقلاپ تۇرىدۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ سۆيگۈنى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئاكىسىنىڭ ئايالى، يەڭگىسى ئورنىدا ئۇنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىمەن.
    بەگزادقا تۈزۈكمۇ قارىيالماي ئۇدۇل ماشىنىغا چىقتىم.
    - ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ يەڭگە؟
    - ياخشى ئۇكام، سىزچۇ؟ ئاپام، داداملار ياخشىدۇ؟
    - ھەممىمىز ياخشى، خۇداغا شۈكرى.
    يول بويى ئوتتۇرىلىقىمىزدا ئۇنىڭدىن باشقا گەپ بولۇنمىدى، ماشىنىنىڭ ئارقىىسىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرىمەن، مۇشۇ تاپ ئۇنىڭغا ئەركىلىگۈم، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ 2 يىل ياقى ئۇنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى، ئۇنى قانچىلىك تەشنالىق بىلەن كۈتكەنلىكىمنى ئېيتقۇم بار، لېكىن مەن بىر توي قىلغان، يەنى كېلىپ ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ نىكاھىدىكى ئايال، ئۇنىڭغا ئېسىلىشىم ئەمەس، ئەسلىدە باشقا كىشىنىڭ نىكاھىدا تۇرۇپ بەگزادنى ياخشى كۆرۈشۈم، ئۇنى كىچە - كۈندۈز سېغىنىشىمنىڭ ئۆزىلا بىر گۇناھ، لېكىن مەن مانا مۇشۇ «ئاسىي سۆيگۈ» بىلەنلا چاڭقىغان كۆڭلۈمنى ئازراق بولسىمۇ سۇغۇرالايمەن، چۈنكى بەگزادتىن باشقا ئادەمنى كۆڭۈل ئۆيۈمگە باشلاپ كىرىش، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئەسلا قولۇمدىن كەلمەيدۇ، مېنىڭ بۇ كۆڭلۈم، يۈرىكىم ئاللىقاچان بەگزادقا مەنسۇب بولۇپ بولغان، بەڭباش كۆز ياشلىرىم كۆڭۈل نىدالىرىمغا تەسلىم بولۇپ سىرغىپ چۈشتى، سۈرتۈشكە ئۈلگۈرەلمىدىم، بەگزاد كۆرۈپ قالدى - يۇ، لېكىن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.
    تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ئۆي تەرەپكە ئەمەس، بەلكى دەريا بويى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
    - نەگە بارىمىز بەگزاد؟ - ئۇنىڭغا تەلمۈرۈش ھەم ئۆتۈنۈش ئىلكىدە دېدىم مەن.
    ئۇ ماڭا جاۋابنىڭ ئورنىدا كۈلكە قايتۇردى، مەن تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ سىرتقا قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇ ماشىنىنى تۇيۇقسىز ئادەم ئازراق كېلىدىغان يەرگە ئەكىلىپ توختاتتى.
    - چۈشىڭە ماشىنىدىن، - دېدى ئۇ قوپاللىق بىلەن.
    بۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپ تالاشقۇم كەلمىدى.
    - ئۆيگە كېتەيلى، ئاپاملار ئىككىمىزنىڭ بىللە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، كەچ قالساق سەت تۇرىدۇ.
    - خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئاپامغا سىز بىلەن تاماقنى يەپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان.
    «شۇنداق بولسىمۇ...» مەن بوش ئاۋازدا غوتۇلدىدىم.
    تۇيۇقسىز ئۇ مېنى ئۆزىگە قاراتتى، كۆزلىرىدە ياش.
    - مانا مۇشۇنداق، ھە دېسە غوتۇلداپلا يۈرىدىغان مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق شاتۇتۇم ئىدىڭىز، نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز، ماڭا دەڭە ئەقىدە، نېمىشقا ماڭا ئاسىيلىق قىلىسىز، ئۇ خەتلەرنى ئېلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ماڭا يالغان گەپ قىلىسىز، كۆز ئالدىمدا ئۆز ئاكامغا خوتۇن بولۇپ مېنى قىينىغىچە مېنى ئۆلتۈرۈپلاۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟
    - بەگزاد، مەن ئۇ خەتلەرنى راستلا ئالمىدىم، ماڭا ئىشنىڭ.
    - يالغان، سىز ئەزەلدىن مېنىڭ سوئاللىرىمغا غەلىتە جاۋاب قايتۇرۇپ كەلگەن. لېكىن سىزنى مېنى ئالدايدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن.
    ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن، سىلكىشلىرىدىن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويايلا دېدىم.
    - بولدى، يېتەر، ئەمدى تۈگىسۇن، مەيلى سىز ئىشىنىڭ - ئىشەنمەڭ، مەن ئاللىقاچان باشقا بىرىنىڭ، يەنى سىزنىڭ ئاكىڭىزنىڭ بولۇپ بولدۇم، گەرچە يۈرىكىم، كۆڭلۈم سىزگە مەنسۇب بولسىمۇ، لېكىن جىسمىم باشقا بىرىگە مەنسۇب، سىزنى قانچىلىك ساقلىغىنىمنى، ياخشى كۆرگىنىمنى بىر ياراتقان ئىگەم، بىر ئۆزۈم بىلىمەن، سىزنى قەلب تۆرۈمنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم، باشقا بىرىنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن مەڭگۈلۈككە قۇلۇپلىدىم، لېكىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھېچنىمگە ئەرزىمەيدىغان، يالغانچى بولدۇم، سىز ئۇ خەتنى بەرگەن بالا ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ، مەن ھەرقانچە قىلساممۇ ئۆزۈمنى ئاقلاپ چىقالمايمەن، ئەمدى بۇ ئىشلار ئۇ دۇنياغا بارغاندىلا ئايدىڭ بولىدۇ، بەگزاد بۇمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىز، سىزدىن ئۆتۈنەي، ئەمدى مېنىمۇ ئۆزىڭىزنىمۇ قىينىماڭ، بىز قايتقىلى بولمايدىغان يولغا مېڭىپ بولدۇق.
    - ياق، ياق، ياق ق ق ق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم مۇشۇنداقلا ئاخىرلىشامدۇ؟ مەن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچە يىل كېچە-كۈندۈز ياخشى كۆرگەنمۇ سىزنى، ھە؟ توۋۋا، مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، كۆڭلىڭىز مەندىكەن، يەنە قانداق باشقا بىرىگە ياتلىق بولغۇڭىز، ئۆمرىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم دەقىقىلەرنى باشقا بىرسى بىلەن ئۆتكۈزگىڭىز كەلدى؟ يەنە كېلىپ ئۇ ئادەم باشقا بىرى ئەمەس مېنىڭ قېرىندىشىم، ئاكام! مەن ئەكبەرنىڭ ئىنىسى بىلەن كۆرۈشتۈم، مەن ئۇ خەتلەرنى ئەكبەرگە بەرگەندە ئۇمۇ بارتى، ئۇ ماڭا ئەكبەرنىڭ ئۇ خەتلەرنى شۇ چاغدىلا سىزنىڭ قولىڭىزغا يەتكۈزىدىغان بىرىگە بەرگەنلىكىنى، ئەمما كىم ئىكەنلىكىگە بۇ بالىنىڭ شۇ ۋاقتىدا دىققەت قىلمىغاچقا ئېسىدە قالمىغانلىقىنى ئېيتتى، سىز دەپ بېقىڭە، بۇلار بىزگە يالغان سۆزلىگۈدەك ئۇ ياكى پۇل بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھمەتلىك ئەكبەر مېنىڭ ئۇ يەردە قانداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىمنى بىلىدۇ، سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىدۇ؟ ئۇ ماڭا ھەرگىز خىيانەت قىلمايدۇ ئەقىدە.
    توۋا، بۇ خەتلەرنى ئالغان زادى كىم بولغىيتى؟ كاللام قۇپقۇرۇق، بىرەر ئىشنى ئويلىغۇدەك ھالىم قالمىدى! ئۇ زادى كىم؟ زادى كىم؟
    سەردار قايتىپ كەلدى، تۇرمۇشۇم ئاجايىپ كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن داۋام قىلماقتا، كاللامدا شۇ بىرلا سوئال «ئەكبەر خەتنى زادى كىمگە بەرگەن بولغىيتى؟» سەردار مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قېچىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدى بولغاي مەندىن نەچچە قېتىم نېمە بولغانلىقىمنى سورىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئىزچىل يالغان سۆزلەپ كەلدىم، بەگزاد بولسا تېخىمۇ تۈگشىپ كەتتى، ئۇنىڭ دەردلىرگە مەن ھەمدەم بولالمىدىم، چۈنكى مەن ئۈچۈن ئۇنداق پۇرسەت پەقەتلا يوق ئىدى، يالغۇز ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەي دەپ ئويلىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېنىغا بارساملا ئۇنىڭ ئازابلىرىغا تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئازاب قوشاتتىم.
    بۈگۈن ئەتىگەندىلا نېمىشقىدۇر بەك ھالسىز قوپۇپتىمەن، كۆڭلۈم ئېلىشىپلا تۇرىدۇ، ناشتىغا چىقماسلىققا باھانەم يوق، ئۈستەلدە بەك تەسلىكتە ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن ناشتا قىلىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز كۆڭلۈم بەك ئېلىشىپ كەتتى، يۈگۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە ماڭدىم. قايتىپ چىقىپ سەردار ھەم ئاپاملارنىڭ ماڭا بىرخىل قىزىقىش نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
    - بالام، خوش خەۋەر بارمۇ قانداق، دوختۇرغا بېرىپ بېقىڭ.
    - نېمە؟ ئاپا ئۇنداق ئەمەس، ئاشقازىنىمغا بىر نەرسە تەسىر قىلغان ئوخشايدۇ.
    ئاھ خۇدا، يەنە شۇ بەگزادنىڭ نەپرەتلىك قاراشلىرى.
    - شۇنداق بولسىمۇ بېرىپ بېقىڭ بالام، ھېچنىم بولمايدۇ، سەردار بالام سەن بىللە بار.
    - بولدى ئاپا، مەن ئۆزۈم باراي، سەردارنىڭ ئىشى شۇنچە ئالدىراش تۇرسا.
    - بېرىپ بېقىڭ يەڭگە، خۇش خەۋەر بولسا چاققانراق ئاڭلايلى.
    بەگزادقا ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم، لېكىن مەن بۇ قېتىم نەپرەتنى ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزىگە توشۇپ قالغان ياشنى كۆردۈم، ئۇ «بۇنداق بولمىسۇن ئەقىدە» دېگەندەك بىر خىل بىچارىلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى.
    چىنە - قاچىلارنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاشخانىغا يېنىپ كىردىم.
    - بۈگۈن قاچان بارىمىز جېنىم، - سەردار ئارقامدىن كىرگەن ئىدى.
    - مەيلى، قاچان بارساق، يا بولمىسا مەن ئۆزۈم باراي، سىز بىرى بىلەن كۆرۈشىمەن دېگەنغۇ؟
    - ياق جېنىم، مەن ئۆزۈم ئېلىپ بارىمەن، يا بولمىسا ئەتە بارايلى، بۈگۈن مەن ئىشىمنى تۈگىتىۋالاي.
    - مەيلى، شۇنداق بولسۇن، - ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ مېنى بەگزادتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلايدىغان، بەگزادنى تېخىمۇ تۈگەشتۈرىدىغان بۇ «نەتىجە» نى پەقەتلا بىلگۈم يوق ئىدى.
    سەردار چىقىپ كەتتى، مەن ھۇجرا ئۆيۈمگە يېنىپ كىردىم، بايامنىڭ ياقى چىقالماي تۇرغان كۆز ياشلىرىم ئېتىلىپ چىقتى، ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئېتىپ يىغلىدىم.
    - مانا مۇشۇ كارىۋاتتا ماڭا خىيانەت قىلدىڭىز ھە؟ مۇشۇ كارىۋاتتا ئۆزىڭىزنى مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىدىڭىز، مۇشۇ كارىۋاتتا مېنىڭ ئەمەس ئاكامنىڭ كارىۋىتىدا...
    چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم، جېنىم بەگزاد!
    - ئەمدى نېمە بولدى ئەقىدە؟ نېمە بولدى؟ مەن سىزنى ئاكام بىلەن تاكى مۇشۇ كۈنگىچە ئاكام بىلەن ئۇ ھالەتتە كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغان، سىز مېنىڭ قەلبىمدە يەنىلا پاك، غۇبارسىز شاتۇتۇم ئىدىڭىز. نېمىشقا ماڭا بۇنداق جاۋاب قايتۇرىسىز؟ ماڭا قايتۇرىدىغان يەنە قانداق جاۋابلىرىڭىز بار؟ مەن قانداقمۇ ئاكام بىلەن ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمدىن بولغان بالىنى جىيەنىم دەپ مېھرىمنى بېرەلەيمەن؟ ئەڭ ياخشىسى بۇنداق بولمىسۇن، بىگۇناھ بالىنى ئۆزىڭىز بىلەن تەڭ مېنىڭ نەپرىتىمگە ئۇچراتماڭ، مېنى تېخىمۇ گۇناھكار قىلماڭ، مەن ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەيمەن، ئەمدى ئۆز سۆيگۈمنىڭ كۆز ئالدىمدا باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا قاراپ تۇرالمايمەن، مۇشۇنچىلىك بولسۇن ئەقىدە.
    - بەگزاد توختاڭ، - ئۇ يۈگۈرگىنچە چىقىپ كەتتى، توغرا مەنمۇ بۇ نارىسىدىنىڭ قىلچە مۇھەببەت بولمىغان بۇ ئائىلىدە دۇنياغا كېلىشىنى خالىمايمەن، لېكىن ئەگەردە ئۇ راستلا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولسا مەن ئۇنى قانداقمۇ ئۆز قولۇم بىلەن يوق قىلالايمەن؟ نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟ مەن زادى قانداق قىلىمەن؟ سەرداردىن ئاجرىشىپ ئاكا - ئۇكا ئىككىلىسىدىن بىراقلا ئايرىلايمۇ؟ لېكىن تېخى تۇغۇلۇشقا ئۈلگۈرمىگەن بۇ بالامنى يېتىم قىلىشقا مېنىڭ ھەققىم يوق.
    قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، تۇيۇقسىز سەرداردىن كەلگەن تېلېفون مېنى خىياللىرىمدىن ئويغاتتى.
    - ۋەي ئەقىدە، جېنىم ئۆيدىمۇ سىز؟
    - ھەئە، نېمە بولدى؟
    - مېنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىمدا بىر ھۆججەت بارتى، شۇنىڭ ئۈستىدە بىر نومۇر بار، ماڭا كۆرۈپ دەپ بېرىڭە؟ مەخپىي نومۇرى *****
    - ماقۇل، مەن تېپىۋېلىپ تېلېفون قىلاي.
    تېلېفوننى قويۇۋېتىپ يۈزۈمنى يۇيدۇم، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىنى ئېچىپ ئۇ دېگەن نەرسىنى تېپىپ ئۈستىدىكى نومۇرنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم، ئىشكاپنى تاقىۋىتەي دەپ تۇيۇقسىز كۆزۈم چىرايلىق بىر تۆمۈر قۇتىغا چۈشتى. بىر قارىماققىلا ئۇنىڭ ئىچىدە خاتىرە ياكى خەت سۈرەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى، ھەممىدىن غەلىتە يېرى شۇكى ئۇنىڭغا كىچىك بىر قۇلۇپ سېلىقلىق تۇراتتى.
    «ئەجىبا سەردارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە دەپنە قىلىۋەتكەن ئەسلىمىلىرى بارمىدۇ؟» كاللامدا يەنە بىر جاۋابى ئېنىق بولمىغان سوئال پەيدا بولدى.
    ئۇھ! بولدىلا قايسى بىر ئىشنى ئويلاي، ئاۋۋال سەردارنى ساقلاپ ئولتۇرماي دوختۇرغا ئۆزۈملا بېرىپ باقاي.
    شۇنداق ئويلاپ تەييارلىق قىلىپ دوختۇرغا ماڭدىم، قېيىنئاپامغا دەپ قوياي دەپ پەستىكى مېھمانخانا ئۆيگە كىردىم.
    - ئاپا، مەن دوختۇرغا بېرىپ باقاي ھە؟
    - سەردارمۇ بىللە بارامدۇ بالام؟
    - ياق، ئاپا ئۇنىڭ مۇھىم ئىشى باركەن، ئەتە بارايلى دېگەن، بۈگۈن ئۆزۈملا بېرىپ كېلەي، ماشىنا بولغاندىن كېيىن.
    ئاپامدىن روخسەت ئېلىپ ھويلىغا چىقىپلا بەگزادنى كۆردۈم، ئۇمۇ سىرتقا چىقىش ئۈچۈن ماشىنا قويۇش ئۆيى تەرەپكە مېڭىپتىكەن، ئۈن - تىنسىز ھالدا ئالدى - كەينى ماڭدۇق.
    ئۇ ماشىنىسىغا چىقىۋېتىپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
    - ئەقىدە، مەن يەنە بىر قېتىم دەي، مېنىڭ ئەمدى كـۆتۈرگۈچىلىكىم قالمىدى، قانداق ئىشلار يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر ئەمدى مېنىڭ كارىم يوق.
    - سىز نېمە دېمەكچى بەگزاد، نېمە قىلماقچى؟
    - ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بەلكىم؟
    ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى قىلماي ماشىنىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 04:12:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇرخانىغا خىياللار بىلەن قانداق كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن، تەكشۈرۈش ئۆيىگە خۇددى پۇتلىرىمغا كىشەن سېلىنغان ئادەمدەك ئېغىر، تەستە مېڭىپ كىردىم، مەندىن باشقا يېڭى توي قىلغان قىزلار بەلكىم بۇ يەرگە نۇرغۇن شېرىن ئارزۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئانا بولغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كىرەر، لېكىن مەن ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى مېنىڭ ئۇ خۇشخەۋەرنى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېيتقۇدەك كۆڭلۈمدىن ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئادىمىممۇ يوق، ياخشى كۆرگىنىم مېنىڭ قېيىنئىنىم!
    - سىز ھامىلىدار ئەمەسكەنسىز.
    مېنى تەكشۈرۈۋاتقان قىزنىڭ بۇ گېپىدىن كۆزلىرىم چانىقىدىن چىقىپ كېتەي دېدى.
    ئۇلۇغ ئاللاھ! چەكسىز شۈكرى! بەندىلىرىڭگە كۆتۈرەلمىگۈدەك ئازاب بەرمەيسەن، مۇشۇ كۈنلەردە خۇشاللىقلارنى ئۇنتۇپ قالاي دېگەن مەن ھەقىقەتەن خۇش بولدۇم.
    قولۇمغا تېلېفونۇمنى ئالدىم، لېكىن كىمگە ئۇرىمەن؟ سەردارغا نىسبەتەن بۇ ھەرگىزمۇ خۇشخەۋەر ئەمەس، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھەم مېنىڭ ئاتا - ئانامغىمۇ شۇنداق، بەگزادقا ئۇرۇشۇمنىڭ تېخى زۆرۈرىيىتى يوق، چۈنكى ئۇ بەرىبىر خۇش بولمايدۇ.
    ئۆيگە كەلسەم ھېچكىم يوقكەن، ماشىنىنى توختىتىۋېتىپ ھۇجرا ئۆيۈمگە كىرىپ تۇيۇقسز ئاپام ئېسىمگە كەلدى، تېلېفون ئۇردۇم.
    - ۋەي، ئاپا قانداق ئەھۋالىڭ، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
    - ياخشى بالام، سەنچۇ؟ دوختۇرغا بادىڭمۇ؟ نېمە دەيدۇ؟
    - سەن قانداق بىلدىڭ ئاپا، ھە باردىم، ھېچقانداق ئەمەسكەنمەن.
    - ھە، شۇ بايام تويدا قېيىنئاپاڭنى كۆرگەنتىم، شۇنداق دېدى، مەن تېخى خۇشخەۋەر بامىكىن دەپتىمەن،
    - نېمگە ئالدىرايسەن ئاپا، ئۇمۇ بولۇپ قالار.
    ئاپامنىڭ تېلېفونىنى قويۇۋېتىپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم، مېنى زادى كىممۇ چۈشىنەر؟
    - ئەقىدە، جېنىم نەدە سىز؟
    تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتسام سەردار كىرىپ كەلدى، قولىدا بىر دەستە قىزىل گۈل.
    - ماڭا دەڭە جېنىم، دادا بولامدىمكەن - يا؟
    تۇيۇقسىز يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى.
    - ياق سەردار، ئۇنداق ئەمەسكەن.
    ئۇ بىردەم تۇرۇپ قالدى - يۇ، دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشاپ:
    - ھېچقىسى يوق، بىز تېخى يېڭىلا توي قىلدۇققۇ؟ ئاللاھ خالىسا ئۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ؟ سىزگە سوغام جېنىم، سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن. - سەردار مېنى ئۆزىگە تارتتى، كۆزۈم ئىشك تۈۋىدىكى بىزگە نەپرەت بىلەن قاراپ تۇرغان بەگزادقا چۈشتى، مەن ئاستا ئۆزۈمنى قاچۇردۇم.
    - بەگزاد كەلدىڭىزمۇ؟ - سەردارمۇ شۇئان ئۆزىنى ئوڭشىدى.
    - قارىغاندا خۇشخەۋەر بار ئوخشىمامدۇ؟
    - ياق ئۇكام، ھازىرچە يوقكەن، ئالدىرماي بولار.
    ئىككىسى شۇنداق دېيىشكەچ چىقىپ كەتتى. ئاھ مېنىڭ يۈرىكىم، مۇشۇنداق چۆچۈش، نەپرەتلىك قاراشلارغا يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەر!
    كەچتە بەگزادنى كۆرمىدىم، نېمىشقىدۇر كۆزۈم ھە دېسىلا ئىشىك تەرەپكە كېتىپ قالاتتى، ھەر قېتىم ئىشىك ئېچىلىپ بەگزاد ئەمەس باشقا بىرى كىرىپ كەلگەندە شۇنچىلىك بىئارام بولاتتىمكىن، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىۋاتاتتىم، ئۇنى زادى نېمىگە مۇشۇنچىلىك كۈتىمەن، ئەسلى مەن كۈتۈشكە، يولىغا ئىنتىزار بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئادەم مانا يېنىمدا تۇرمامدۇ؟ ياق، يۈرىكىم سېغىنىدىغان، كۈتىدىغان ئادىمىم بەگزاد! ئۇ تېخى قايتىپ كەلمىدى، كۈندە ئۆيدىن چىقمايدىغان ئادەم بۈگۈن ھەجەب... ئاغىنىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ قالدىمۇ، ياكى ئەگەر يېنىدا باشقا بىرەر قىز بولسىچۇ؟ بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك ئازابلارغا يولۇقىشىمىزغا سەۋەبچى بولغان «دىلنۇر» دەك قىزلار بىلەن يەنە؟
    كاللامغا كەلگەن بۇ مۇدھىش خىيالدىن، پۈتۈن يېرىمنى نەچچە يۈز مىڭلىغان زەھەرلىك يىلان چېقىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم، ياق، ياق، بۇنداق بولسا بولمايدۇ، بەگزاد مېنى پەقەت مېنى ياخشى كۆرىدۇ!
    ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك شەخسىيەتچى بولۇپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم - يۇ، لېكىن ئامالسىزمەن، ئاللىقاچان بەگزادتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى، بۇ يولغا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن مېڭىپ بەگزاد ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۆتكىلى بولمايدىغان بۇ تامنى ئۆزۈمنىڭ باش بولۇپ سوققانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنى ئۇنتۇشنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىدىم، ئۆزۈم گەرچە باشقا بىرىنىڭ نىكاھىدا بولساممۇ، لېكىن بەگزادنى باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدۇ دەپ خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىدىم ھەم ئۇنچىلىك جۈرئەتمۇ يوق، ئەنە شۇنداق ساراڭدەك خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ خېلى ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم، لېكىن ئۇ كەلمىدى.
    ئامالسىز ھۇجرامغا ئارام ئېلىش ئۈچۈن يېنىپ كىردىم.
    سەردار مېنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۆرۈپ قولىدىكى كۆرۈۋاتقان نەرسىسىنى ئالمان - تالمان ھېلىقى قۇتىغا سالدى - دە، قۇلۇپلاپ بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىۋەتتى، ھەممىدىن بەكرەك دىققىتىمنى قوزغىغىنى ئۇنىڭ تېخى سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمىگەن كۆز ياشلىرى بولدى.
    - نېمە بولدى سىزگە، يىغلاپسىزغۇ؟ مەندىن بىرەر ئىشنى يوشۇرۇۋاتامسىز قانداق؟
    - ياقەي، سىزدىن نېمە ئىشنى يوشۇراي، شۇ جىق نەرسە كۆرۈۋەتكەن ئوخشايمەن، كۆزۈم ياشاڭغىراپلا تۇرىدىغۇ؟
    سەردارنىڭ بۇ قولاشمىغان گەپلىرى گۇمانىمنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە سوراشنى خالىمىدىم. ئارتۇق گەپ قىلىشماي يېتىپ قېلىشتۇق، ئۇخلىمىغان بولساقمۇ، لېكىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆز خىياللىرىمىزنى سۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدۇق، مەن بەگزادنى سەردار بولسا بايامقى خەتلەرنى ھەم ئۇ خەتنى يازغۇچىنى ئويلاپ ياتاتتۇق، ئۇھ خۇدا، قانداق تۇرمۇش، قانداق مۇھەببەتسىز ئائىلە ئەمدى بۇ؟
    تۇيۇقسىز ماشىنىنىڭ ھويلىغا كىرگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئاللاغا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن، بەگزادىم قايتىپ كەلگەن ئىدى.
    ئاخشام تولا خىيال قىلغاچقىمۇ تۈزۈك ياخشى ئۇخلىيالمىدىم، سەردار بىر خېرىدارسى بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەتىگەندىلا چىقىپ كەتتى، مەن ناشتىلىق قىلىپ بولۇپ ھۇجرا ئۆيۈمنى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن قايتىپ كىردىم، تۇيۇقسىز كۆزۈم ئاغزى ئېچىقلىق تۇرغان بىخەتەرلىك ئىشكابى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى قۇلۇپنى سېلىپ ئاچقۇچنى ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قۇلۇپتا قالغان ھېلىقى تۆمۈر قۇتىغا چۈشتى، شۇنچە كارىم بولماسلىقىنى ئويلىساممۇ، لېكىن يەنىلا ئىچىنى ئېچىپ سەردارنى قىيناپ كېلىۋاتقان، ھەتتا ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشمۇ چىقارغان شۇ خەتلەرنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ قۇتىنى قولۇمغا ئالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 04:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئاخىرىچۇ؟

{

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7266
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 04:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  سەردار  نېمىشقا چىقىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟    لېكىن  مەن  ھەممنى ئىزدەپ يۈرۈپ  ئوقۇپ بولدۇم  ھەقىقەتەن  بەك تەسىرلىك  چىقىپتۇ.    بولسا  داۋاملىق  مۇشۇنداق  ياخشى  ئەسەرلەرنى  يوللاپ تۇرارسىز!   

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 05:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  قايسى تور بەتتىن تېپىپ  ئۇقۇدىڭىز، ماڭىىمۇ دەپ بىرىڭە

{

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 05:10:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
subhidikixabnam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 05:08 PM
داۋامىنى  قايسى تور بەتتىن تېپىپ  ئۇقۇدىڭىز، ماڭىىمۇ د ...

ھازىر يوللايمەن ،مۇشۇ بەتتىن ئوقۇڭ  ھە !!1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 05:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۋال قۇتىنى ئېچىپلا بەگزادنىڭ رەسىمىنى كۆردۈم، «سەردار، بۇ رەسىمنى نېمىگە بۇنىڭ ئىچىدە ساقلاپ يۈردىكىنە؟» خەت بەك جىق ئەمەس ئىدى، ئىككىلىنىپقىنا خەتنى ئۇقۇشقا باشلىدىم.
    «سالام شاتۇتۇم ..» ئاھ خۇدا، بەگزادنىڭ ماڭا يازغان خەتلىرى ئىكەنغۇ؟ بۇ خەتلەر بۇ يەردە، سەرداردا نېمە ئىش قىلىدىغاندۇ؟ ئەجىبا؟! ئەكبەر خەتنى بەرگەن ئادەم سەردار بولغىيمىتى؟
    ياق، ياق، بۇ نېمە ئىش، بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن، قانداقسىگە بەگزاد ئىكككىمىزنى شۇنچە ھىجرانلارغا، ئازابلارغا تاشلىغان، قايتقىلى بولمايدىغان يولغا باشلىغان ئادەم، مېنىڭ يولدىشىم، بەگزادنىڭ ئاكىسى بولىدۇ؟ مەن بۇ رېئاللىقنى قانداق قوبۇل قىلىمەن؟ خەتكە يېنىشلاپ نەچچە قېتىم قاراپ چىقتىم، خاتا ئەمەس، ھەتتا خەتنىڭ تېگىدە بەگزاد مېنىڭ ئۇنى كەچۈرۈپ تېلېفون قىلىشىمنى دەپ يېزىپ قويغان تېلېفون نومۇرىدىن تارتىپ تۇراتتى.
    ئاھ خۇدا! بۇ قانداق ھەقىقەت، سەن بۇنچە مۇرەككەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ زادى كىمنىڭ قانداقلىقىنى ئىسپاتلىماقچى؟ قانداق بىر مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈرمەكچى، بىزنى بۇنچە ھىجرانلارغا يولۇقتۇرغىدەك قايسىمىز زادى شۇنچىلىك گۇناھكار بولغىيتۇق؟ نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟
    پۇت - قولۇمدا جان قالمىدى، شۇ جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم، قانچىلىك ئولتۇردۇم بىلمەيمەن، قېيىنئاپامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى بىلەن سەل ئېسىمگە كېلىپ پەسكە چۈشتۈم، قاملاشسۇن قاملاشمىسۇن چۈشلۈك تاماقنى تەييارلاپ بولۇپلا «مىجەزىم يوق تۇرىدۇ» دەپ قويۇپ ھۇجرامغا قايتىپ چىقتىم، بايامقى خىيالىم بوپ قالسىتى، دەپ ھېلىقى خەتنى يەنە ئوقۇدۇم، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس، ئالدىمدىكى بۇ خەتلەر نەچچە ۋاقىتتىن مېنى، بەگزادنى ساراڭ قىلاي دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە ئالدىمدا قوبۇل قىلىشىمنى كۈتۈپ، ياق بۇيرۇق قىلىپ تۇراتتى.
    - ئەقىدە، نەدە سىز، بولۇڭە سىزگە دەيدىغان خۇشخەۋىرىم بار.
    سەردار قايتىپ كەلدى، پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلشىمنى بىلمەيتىم، خەتلەرنى جايىغا قويۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم.
    - جېنىم، بارمۇ سىز؟
    ئۇ ئۆيگە كۈلۈپ كىردى، كىرىپلا مېنىڭ قولۇمدىكى خەت ھەم ئالدىمدىكى قۇتىنى كۆرۈپ چىرايى شۇنچىلىك بىر سەت قورقۇنچلۇق ھالەتكە كىردى.
    - نېمە قىلىۋاتىسىز؟ نېمىشقا ئاختۇرىسىز مېنىڭ نەرسەمنى؟
    - نېمە، مېنىڭ نەرسەم، خىجىل بولماي مېنىڭ نەرسەم دەۋاتامسىزما؟ ئەسلىدە كىمنىڭ بۇ؟ زادى كىمنىڭ؟
    ئۇ يۈگۈرۈپ كەلگىنچە قولۇمدىن تارتىپ ئالدى - دە، مېنى شۇنداق ئىتتەردى.
    - ياق، سىز مېنىڭ مەن سىزنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن، مېنى تاشلاپ كېتەلمەيسىز ئەقىدە، چۈنكى مەن سىزگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز ئېنىمغا خىيانەت قىلدىم، قانچىلىك ۋىجدان ئازابى تارتتىم بىلەمسىز، لېكىن سىزلا يېنىمدا بولسىڭىز، مەن قانچىلىك خىيانەت قىلسام مەيلى، ئەقىدە، سىزنى بەختلىك قىلىمەن، بولامدۇ؟
    ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنى پەقەتلا تونۇيالمىدىم، بۇ كىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مېنى ياخشى كۆرگەن ئادەم، سەردار مۇشۇمۇ؟
    - نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز، ماڭا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمىشقا بۇنداق رەزىللىك قىلىسىز، ئەجىبا سىزگە مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەمەس، جىسمىم كېرەكمىتى؟
    - ياق، ئەقىدە، مەن ئەسلى بۇنچىلىك ئەسكى ئەمەستىم، ئەكبەر خەتنى بەرگەندە شۇ ئېنىم ئۈچۈن خەتنى سىزگە بېرىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئادرېسىڭىزنى تېپېپ سىزنى ئىزدەپ باردىم، لېكىن كىم ئويلىغان سىزنى يىراقتىن كۆرۈپلا خەتنى بەرگۈم ئەمەس، بەلكى سىز بىلەن تونۇشقۇم كەلدى، سىزنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئارقامغا يېنىپ قايتىپ كەلدىم، نەچچە كۈنگىچە خاتا قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن يۈرىكىم ۋىجدانىمدىن غالىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن سىزنى بەگزادتىن ئايرىپ ئۆزۈم ئالدىم، بەختلىك قىلىمەن دەپ ۋەدە بەردىم، بىلمەن مەن سىزگە قەرزدار، بىر ئۆمۈر قەرزىمنى قايتۇرۇشقا تەييارمەن، بەگزادقىمۇ ھەم، لېكىن سىزنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيمەن، ئەمدى ئارقىمىزغىمۇ قايتالمايمىز، چۈنكى سىز ئاللىقاچان مېنى ئادىمىم بولۇپ بەگزادقا ئاسىيلىق قىلدىڭىز، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سىزمۇ ھەم ...
    - ئاغزىڭنى يۇم، ھايۋان، كىم دەيدۇ مېنى سېنى ياخشى كۆرىدۆ دەپ، سەن ئادەم ئەمەسكەنسەن، ئەجىبا بەگزاد ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ ئۇلۇغمىتى سېنىڭ شۇ بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈشۈڭ؟ دەپ باقە، سەن بىر كۆرۈپ ئۇنچىلىك چىدىماپسەن، بەگزاد ئىككىمىزنىڭ شۇ نەچچە يىلدا قانچىلىك قىينالغىنىمىزنى بىلەمسەن؟ مېنى بەگزادقا ئاسىيلىق قىلدىڭىز دەيسەن، كىم مېنى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلشقا مەجبۇر قىلغان، سېنىڭ رەزىللىكىڭ تۈپەيلى بەگزاد ماڭا نەپرەتلىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ، سېنىڭ شەخسىيەتچىلىكىڭ تۈپەيلى مەن ئۇنىڭغا مەڭگۈ يۈز كېلەلمەيمەن، ئاللاھقا شۈكرى، ھېلىمۇ سېنى ياخشى كۆرمەپتىمەن، كاللاڭنى سىلكىۋەت، سېنى ھىچقاچان ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم ھەم مەڭگۈ ياخشى كۆرمەيمەن، مەڭگۈ؟
    - ياق، سەن مېنىڭ پەقەت مېنىڭ، مەن سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن، سەن بەگزادنى ئەمەس مېنى ياخشى كۆرىسەن، - ئۇ ماڭا ئېسىلىشقا باشلىدى، سەردارنى ياخشى كۆرمەي توي قىلغاندىمۇ بۇنچىلىك سەسكەنگەنلىكىمنى بىلمەيمەن.
    - مېنى قويۇۋەت، ھايۋان، ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن، - يۈزۈمگە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن شۇ جايىمغىلا يىقىلدىم، ئۇ ماڭا ئۆزىنى ئاتتى.
    - قولۇڭنى تارت ھايۋان، ئۇنى قويۇۋەت.
    تۇيۇقسىز سەردار ئۈستۈمدىن يېنىمغىلا يىقىلدى.
    بەگزاد!!!
    يۈزلىرى ياش بىلەن يۇيۇلغان بەگزاد ئۇنىڭغا غەزەب بىلەن قاراپ تۇراتتى.
    - نېمىشقا ئاكا، ئۇ ئادەم سەن بولىسەن، بۇنچە پەسكەشلىك قىلىشقا قانداق كۆڭلۈڭ ئۇنىدى، كىچىكىمدىن سېنى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشاتتىم، لېكىن سەن نېمىشقا ماڭا بۇنداق قىلىسەن، مېنىڭ ئەقىدەنى دەپ ياقا-يۇرتلاردا سەرسان، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەنلىكىمنى بىلەلمىدىڭمۇ؟ مەندە شۇنچىلىك ئۆچۈڭ بارمىتى ئاكا؟
    - شۇنداق، چۈنكى كىچىكىمىزدىن سەن مەندىن جىق نەرسىلەرگە ئېرىشىپ كەلدىڭ، بۇرۇنقىلىرغا بوپتۇ دېدىم، لېكىن ئەقىدەنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن، نېمىشقا ساڭا ئۆتۈنۈپ بەرگۈدەكمەن، مېنىڭ سەندىن نەرىم كام؟
    - شۇنىڭ ئۈچۈنلا مۇشۇنداق قىلدىڭما؟ سەن قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق رەزىل بولۇپ كەتتىڭ، لېكىن ئەقىدەنىڭ كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭما، نېمىشقا بۇ قىزنى قۇربانلىققا تاللايسەن؟
    - بىلىمەن، لېكىن سەن ياخشى كۆرگەن، سېنى ھەتتا يۇرتىدىن تاندۇرۇۋەتكەن ئادىمىڭنى مېنىڭ خوتۇنۇم سۈپىتىدە كۆرۈش سېنى ئەڭ ئازاپلايدۇ، ئەقىدە مېنى ياخشى كۆرمەي بەك ئازاپلىغان، چۈنكى ئۇ سەن ئۈچۈن ئېدى، سېنى مەن ئازاپلىدىم، ئۆزۈم ئۈچۈن، مەنمۇ ساڭا قەرزدار ئەمەس، سەنمۇ ھەم ماڭا...
    - ھۇ، ھايۋان، ئېسىت سېنى ئاكام دەپ يۈرۈپتىمەن!
    بەگزاد ئاكىسىنى ئۇرۇشقا باشلىدى، مەن ئۇلارنى ئاجرىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا كىردىم، ئۇنىڭغىچىلىك پەستىكى دادا - ئاپىسىمۇ يۈگۈرۈپ كىردى، لېكىن ئۇلار ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس، تۇيۇقسز كۆزۈم سەردارنىڭ قولىغا ئېلىۋالغان خىرۇستالغا كۆزۈم چۈشتى، ياق، بەگزاد!!! ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن بەگزادقا ئۆزۈمنى ئاتتىم.
    شۇنداق، ئۇنى بىر قېتىم بولسىمۇ قۇچاقلىيالىدىم، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالغاندىمەن - ھە! بېشىمدىن ئىسسىق بىر نەرسە ئېقىپ چۈشتى، قۇلاق تۈۋىمدە كىملەرنىڭدۇر ئىسمىمنى چاقىرغان ئاۋازى، يىغلىغان ئاۋازى...
    غۇۋا، ناھايىتى غۇۋا بەگزادنى كۆردۈم.
    ئۇلۇغ خۇدا! چەكسىز شۈكرى، مەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىكەنمەن، لېكىن مەن نېمە بولدۇم؟ ئۇ مەندىن بەك يىراقلاپ كېتىپ بارىدۇ، بەگزاد سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم بار، لېكىن دېيەلمەيۋاتىمەن، ئاۋازىم چىقمايۋاتىدۇ، سىزنى سۆيىمەن، سىزنىلا، مېنى كەچۈرۈڭ!
    قانچىلىك ئۇخلىدىم بىلمەيمەن، ئۇخلىدىممۇ ياكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتىممۇ بىلمەيمەن. كۆزۈمنى ئېچىپ كۆرگىنىم ئاق ياغلىق چىگىۋالغان ئىككى ئايال بولدى. بۇلار كىمدۇ ئەمدى، ئۇلارنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم.
ئاپام بىلەن قېيىنئاپامكەنغۇ؟ بۇلار كىم ئۈچۈن ئاق ياغلىق چىگىۋالغاندۇ؟
    ئۇ كۈنكى ئىشلار ئېسىمگە كەلدى، بەگزاد بىلەن سەردار قېنىدۇ؟ بۇ ئاق ياغلىق كىم ئۈچۈن چىگىلگەندۇ؟

ìSしaMぴQぴη╄→ㄒaメηA丫ぴяαК

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50601
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3749
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 05:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزلىرىمدىن ياش چىكەتتى..
ئاخىرىنى يوللاڭلار
ئىلتىماس.........

ìSしaMぴQぴη╄→ㄒaメηA丫ぴяαК

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50601
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3749
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:55:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئۆزۈملا ئەۋەتەي ھە بولدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش