يەنە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ؛ تىلفۇنىڭىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا ، دەرھال ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپ يۈگۈرگەن پىتى ئىشىك ئالدىغا چىقسىڭىز ، ئىشىكىڭىز ئالدىدا بىر تاكسى ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بولىدۇ ( تەلىيىڭىز بولسىلا ) ، دەرھال شۇ تاكسىغا قول كۆتەرسىڭىز توختايدۇ ( قەتتى ۋاقىتنى ئۆتكىزىۋەتمەڭ ) ، شۇ تاكسىغا چىقىپ ئۇستامغا ئاپتۇ بانكا ‹‹ چۈكۈئەنجى ›› گە دىسىڭىز دەرھال ئاپىرىدۇ ، كارتىنى سىلىپ پۇل ئالىمەن دىسىڭىز پۇل چىقىرىپ بىرىدۇ - دە . پۇلنى ئىلىپ يەنە شۇ تاكسىغا چىقىپ ، تىلپۇن دۇكىنىغا دىسىڭىز ئاپىرىدۇ ، دەرھال ماگىزىنغا كىرىپ يىڭى تىلپۇندىن بىرنى ئىلىپ ، پۇلنى بەرسىڭىزلا ئىش تامام .
سەمىڭىزدە بولسۇن ؛ بۇنىڭ ئۈچۈن 1 - ئۆيىڭىز چوقۇم شەھەردە بولسۇن . 2 - ئا تاكسىغا پۇل بىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ( نىسىغا ئۇنىمايدۇ ) . 3 - ئەگەر ئۆيىڭىز يىزىدا بولسا ، ئەڭ ياخشىسى شەھەرگە كىرىپ تۇرۇپ ، ئاندىن تىلپۇنىڭىزنى سۇغا تاشلاڭ .
سىزگە ئامەت تىلەيمەن .