قار ياققاندا كىلەمسەن ئەركەم
خاسىيەت ساملاق
يالپۇز
قار بۇپ قونسا لىۋىڭگە ئاستا .
تەلپۇنۇشتە سوققان يۈركۈم ،
ئاپئاق تىلەك سېلىپ قوينۇڭغا.
قار ياققاندا كىلەمسەن ئەركەم،
سىغىنشتىن تىزىپ گۈلدەستە ،
ۋىسال كۇيى چېلىپ ئاھ! جېنىم،
ھەر بەرگىدە مىھرىڭ ئالەمچە،
قار ياققاندا كىلەمسەن ئەركەم،
دىكابىرنىڭ ئاچچىق شامىلى ،
باھار بۇلۇپ ئوينىسۇن جېنىم.
سۆيگۈم بۇلۇپ چۇشسەقارگۈلى،
قار ياققاندا كىلەمسەن ئەركەم .
ساپ يۈرەكتىن ياساپ بىر قەسىر،
بىر ساڭىلا تۇتتۇم شاھزادەم .
ئاھ !قىينىما قىينىما زىنھار ،
قار ياققاندا كىلەمسەن ئەركەم .
قارا جېنىم ئاپئاق قاردا بىر ئۆزەم مېڭىۋىتىپ سىنى سىغىندىم .نىمىشقىكىن تاڭ ئىختىيارسىز ھالدا سىنىڭ سىمايىڭ كۆز ئالدىمدا لىپ قىلىپ ئۆتتى ...مەن نىمانداق ئاخماق ھە سىنى ساراڭلارچە كۇتىۋاتىمەن ھە ....
ئەتىگەن ئورنىمدىن تۇرۇپ سىرىتقا قاراپلا توۋلىۋەتتىم ۋاي قاراڭلا قار يىغىپتۇ ....خوشاللىقىمدىن سىرىتقا يۇگۇردۇم خۇددى سەن مىنى پەستە ساقلاۋاتقاندەك چىقىپلا سىنى ئىزدىدىم ،ئەپسۇس ئاپئاق قاردا بىر ئۆزەم بىر پەقەت بىر مەن يالغۇز ئىدىم شۇھامان بىر خىل ئۇمۇدسىزلىك مىنى چىڭ تۇتىۋالدى ....
ئاھ جېنىم قىنى سەن ؟؟؟
كۆڭلۇم قاتتىق بىئاراملىق ئىچىدە يىغلىدىم ،ۋىسال قەسىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ يىنىدا ئۇنسىز يىغلىدىم ....
چۇنكى مىنىڭ ئەمدى خار بولغۇم ،ئۆزگىلەرنىڭ قۇلىدا چەيلەنگۇم يوق ئىدى.
يىغلىدىم ئۆزەمنىڭ ۋىسال ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قېلىپمۇ ئۇنى چىكىشكە بەردەم ،چىدامنىڭ يوقلىقىدىن ئۆرتۇنۇپ يىغلىدىم ...ماڭا بۇ ۋىسالنىڭ بىر چۇشتەك بىر خىيالدەك تاشلاپ كىتىپ قىلىشتىن قورقۇپ ئاپئاق قاردابىر سىنى ئۇنسىز ساقلىدىم ...
بەخىت بۇسۇغىسى دىگەننى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ بۇ بەخىت ئىشىكىنى ئالدىدا ،ۋىسال دەرۋازىسى ئالدىدا بۇنچىلىك تىڭىرقاپ قىلىشمنى ئويلىماپتىكەنمەن .....
كۆز ياشلىرىم يەنە تۈكۈلدى...
نىمىشقىدۇر سەن قەلبىمدە مەڭگۈلۈك سۇلتاندەك مەغرۇر ئولتۇراتتىڭ ،خۇددى بۇ ئۇرۇنغا سەندىن ئۆزگە ھىچكىم لايىق ئەمەستەك مەنمۇ سىنى پىنھان سىغىناتتىم . نىمىشقىدۇر سىنىڭ بىر كۇنلەردە مىنى ئىزدەپ ئاشۇ قاغجرىغان چاڭقاق قەلبىمدە باھار گۈللىرىنى تىرىيدىغاندەك سىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۇتەتتىم ..كۆز ياشلىرىم بىلەن بىر سىنى پەقەت بىر سىنىلا سىغىناتتىم ...
نىمىشقىدۇر سەن قەلبىمنىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئەگىپ يۇرەتتىڭ ..سەن نىمانداق رەھىمسىز ھە .مەن بىچارىنى ھەجەپ قىينىۋەتتىڭ بۇ ئوتلىرىڭ قەلبىمنى ئۆرتەپ مىنى تىخىمۇ ئارامسىزلاندۇراتتى ...
ئاپئاق قاردا ساڭا يىراقلاردىن ئاپئاق تىلەكلەرنى تىلىدىم ،چىن قەلبىمدىن سىنى شۇقەردە سىغىندىم ھىچ بىلمىدىم سىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىغۇم ،سىنىڭ بىلەن ئاپئاق قاردا يۇگۇرشۇپ ئوينىغۇم كەلدى ...
خىياللىرىم ماڭا بويسۇنماي سەن تامان ئۇچاتتى قاردەك ئاق ھىسلىرىم سىنىڭ تىزراق كىلىشىڭنى تىلەيتتى ...
مانا تەنھالىق قاپلىغان ھىجران ،غىرىپلىق باسقان ۋىسالىم سىنى زارقىپ سىغىناتتى .....
قەلبىمدىن بىر ئاۋاز بەكمۇ جاراڭلىق نىدا قىلاتتى قايدا سەن جېنىم سىنى شۇقەدەر شۇقەدەر سىغىندىم ...
مىنىڭ بۇ ئاۋازىمنىڭ سىنىڭ قەلبىڭگە تەسىر قىلسىكەن ،سىنىمۇ مەندەك مىنى سىغىنسىكەن دەپ سىنى ئۇنسىز چاقىراتتىم ...
ساڭا قاچانلاردا بۇنچىلىك چىڭ باغلىنىپ قالغاندىمەن ھە ھىچ بىلمىدىم ....
يوللاردا سەن مەن بىلەن بىللە خۇددى يىنىمدا ماڭا پىچىرلاۋاتقاندەك ....يۇزۇمنى سىلاپ قاچقان شوخ شامالنى سېنىمىكىن دەپ ئىتتىك يانلىرىمغا قاراپ كىتىمەن ... يىغىۋاتقان قاردىن سىمايىڭنى ئىزدەيتىم .سىنى يىنىمدا باردەك ھىس قىلىشقا ئۇرناتتىم ....
بەلكىم يۈركۈمنىڭ تىۋىشى، مىنىڭ سېغىنىچلىرىممۇ سىنى سىغىندۇرسا كىرەك ھە جېنىم ...........
يىراقلاردىن ساڭا تەلپۇنگەن ،سىنى ئۇنسىز ئەسلەۋاتقان گۈلۈڭ ساڭا بارچە بەخىت شادلىقىنى ئاتىدى ...
قار ياققاندا كىلەمسەن ئەركەم ؟؟؟
ئاھ! جېنىم مەندەك بىر گۇلۇڭنى ھەجەپ ھىجران دەشتىگە تاشلىۋەتتىڭ ھە ...