مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئائىشە520

ئايالىڭىز بىلەن ئازارلىشىپ قالسىڭىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88855
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 08:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەتراپلىق پىكىر قىلىپسىز. رەخمەت
ئائلىدىكى زىددىيەت كىلىپ چىقىشتا  ئەر- ئايال ئىككى  تەرەپتە مۇناسىپ ھالدا كەتكۈزۈپ قۇيغان تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن.  مىنىڭچە مەسلىنى ھەل قىلىشتا ئەرلەر ئۋال تەشەببۇسكار بولۇشى، ئاياللارنى قايىل قىلىش ئارقىلىق خاتالىقىنى ئكزىگە تۇنۇتۇش ۋە ئەپۇ قىلىشنى، كەڭ قۇرساق بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش لازىم ...

ئاللاھ ھەممىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49024
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3772
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2011-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:15:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەسىھەتنى ئاياللارغا كۆپرەك قىلىش كېرەك، ‹غەزپىڭىز قايناپ تۇرغاندا ئايالىڭىز بىلەن جىدەللەشمەڭ .كەيپىياتىڭىزنى ،ئۆزىڭىزنى توختىتىۋىلىپ سوغۇققانلىق بىلەن مۇنازىرلىشىڭ .ئاچچىقىڭىز بىسىلمىسا بىردەم سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرىپ ياكى توختىۋىلىپ كەيپىيات تۇراقلاشقاندا ،ئاندىن جىدەللەشسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز›دىسە توغرا بۇلامدا؟مېنىڭچە‹ ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقى كەلگەندە جىم تۇرۋېلىپ ئۇنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشقاندا ئاندىن ئۆزىڭىزنى تۇتۋېلىپ سوغۇققانلىق بىلەن مۇنازىرلىشىڭ.›دىسە توغرا بولىدۇ.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:51:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان چارىلەركەن...مەنچە نىكاھ بىر تەۋەككۇلچىلقتىن ئىبارەت بىر ئوبىكىت.

ئۇيغۇر بىز ئۇيغۇردەك ياشا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5227
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:10:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىجەزنى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىكەن.... ئاللاھتىن ھەقىقى قورقىدىغان ئايال بولسا، ئەرنىڭ ھەققىنى ئوبدان ئادا قىلىدۇ، ئۆزى ئېغىر بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە نازارەتچىسى. شۇنداق ئىكەن، ئايالىنى ھەر ۋاقىت شەپقەت قانىتى ئاستىغا ئېلىشى، ئايالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى قەدىرلىشى، كۆڭۈل شادلىقىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى، ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى بىجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئۆيدە بار – يوق نەرسىلەر توغرىسىدا تەڭلىكتە قويماسلىقى لازىم.
ئايال سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئېغىر – بىسىقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ئەپۇ قىلىشى، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىدەللەشمەسلىكى لازىم. ئۆيگە يات ئەرلەرنى باشلاپ كېرىپ ئولتۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش، ئۆزى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئايالىنى سودا – سىتىق ئۈچۈن سىرتقا بۇيرۇماسلىق لازىم.
ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا كۆز – قۇلاق بولۇشقا، ئۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان يۈرۈش – تۇرۇشىنى چەكلەشكە ۋە توسۇشقا ھەقلىق. ئاياللارنى خورلاپ ۋە ئۇلانىڭ يامان يولغا مىڭىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇش مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
ئاتا بولغان كىشى ئائىلىدىكى بالا – چاقىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قىز – ئاياللارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا مەسئول بولمىسا، ئۇنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن ؟

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش ھىس قىلىشقا، ئەرلەر چۈشىنىشكە، ئاياللار كۈينىشكە، ھەقىقى مۇھەببەت بولسا پەرۋىشكە مۇھتاج. ئەگەر بىر ئايال بەخىتىنى تۇرمۇشتىن تاپماقچى بۇلدىكەن، ئۇنداقتا ئەر بىلەن ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى، ئەرلەرنى چۈشىنىشى كېرەك.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:49:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
              نەسىھەت


ئەمدى يەنە سۆزلەپ باقاي ئەرـ خۇتۇنلار ئەھۋالىدىن،   
ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم- قوشنا،قۇدا-بالا ئەپئالىدىن،   
ھەر سۆزۈمنى ئاڭلىغاندا خەۋەر تاپقاي ئۆز ھالىدىن،   
باشلىدىممەن سۆزلىرىمنى دىققەت قىلىپ تۇرغايسىزلەر.   
  
بەزى دوستلار نىكاھىمدا دەپ زورلۇق قىلىپ ئايالىغا،   
ئۇرۇپ-تىللاپ نېمە كەلسە شۇنى قىلىپ خىيالىغا،   
ماڭا ئوخشاش ئەر بارمۇ دەپ پەخىرلىنىپ سالايىغا،.  
ئاياللارنى خارلاپ كەلدۇق بۇنداق ئىشتىن يانغايسىزلەر.  

ئاياللارنىڭ تېنى ئاجىز تاياق سالساق كۆتۈرەلمەس،   
زىنا-ھارام ئىش قىلمىسا ئۇرۇپ تىللاش راۋا ئەمەس،   
ئاجىزلارغا زۇلۇم قىلىش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
بۇ سۆزۈمنى قۇبۇل قىلىپ سەۋىرچانراق بولغايسىزلەر.   
  
ئاياللارنىڭ ئەر زىممىدا نەچچە تۈرلۈك ھەققى باردۇر،   
ئۇنى ئادا ئەتمەي تۇرۇپ خۇتۇن ئۇرۇش ناراۋادۇر،  
شەرىئەتسىز خۇتۇن ئۇرساق گۆر ئىچىدە ئازاپ باردۇر،   
شەرىئەت ھۆكۈمى مۇشۇنداقتۇر بۇرادەرلەر ئىشتكەيسىزلەر.
  
گەپ تالىشىپ،تاكالىشىپ خۇتۇنلەرنى ئۇرۇپ قويۇش،  
ئاچچىق كەلسە تالاق قىلىپ ئۆيىمىزدىن ھەيدەپ قۇيۇش،  
ئۇرۇپ بولۇپ خىجىل بولماي بىر ئورۇندا يېتىپ قوپۇش،   
خۇتۇن ساقلاش قائىدىسى ئەمەستۇر ئۇ بىلگەيسىزلەر.   
  
خۇتۇنلارمۇ سىزگە ئوخشاش ئىش ئەمگەكتە بىللە يۇرسە،   
ئىشتىن كەلسە،ھاردىم دېمەي تاماق ئېتىپ بەرسە،   
يەنە سىزدىن بالا تۇغۇپ ئۆيىڭىزنى تۇتۇپ بەرسە،  
ئۇنى ئۇرۇش توغرا ئىشمۇ ئوبدان ئويلاپ باققايسىزلەر.   
  
خۇتۇن دېگەن ئەر كىشىنىڭ بېشىدىكى چوڭ دۆلىتى،   
خۇتۇن كىشى ياخشى بولسا ئۆسەر ئەرنىڭ ئىناۋىتى،   
كامال تاپقاي كۈندىن-كۈنگە،ئىمان-ئىسلام ئىبادىتى،   
بۇرادەرلەر خۇتۇنلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر.  
  
ئەر-خۇتۇنلار ئىناق ئۆتسە ئۆي ئىچىگە بەركەت كىرۇر،   
ھەقتىئالا نەزەر قىلىپ پەرىشتىلەر شەپقەت قىلۇر،
ئۆلۈپ بارسا گۆر ئىچىگە مۇنكىر-نەكىر شەپقەت قىلۇر،   
ئىناقلىقنىڭ پايدىسى كۆپ،ئىتپاقلىشىپ يۈرگەيسىزلەر.   
  
بەزى دوستلار ئاچچىقىدا خۇتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلدى،   
ئارقىدىنلا چىدىيالماي يول ئېچىشقا پىلان قىلدى،   
باشقا كىشگە نىكاھ قىلىپ سەۋرى قىلماي تاياق سالدى،   
قاتىل بولۇپ تۈرمىلەرگە كىرىپ ياتتى بىلگەيسىزلەر.  

خۇتۇن كىشىنى تالاق قىلسا ئەرشى كۇرسى لەرزى قىلۇر،   
يەر ۋە ئاسمان،پەرىشتىلەر خۇدايىمغا ئەرىز قىلۇر،  
ھەقتىئەلا ئۇنداق كىشىگە بەچچە تۈرلۈك بالا بىرۇر،     
شەرىئەتنىڭ ھۆكمى شۇنداق قۇلقىڭىزدا تۇتقايسىزلەر.   
  
ئاچچىققا بىز سەۋرى قىلماي خۇتۇنمىزنى تالاق قىلساق،
بىر-نەچچە يىل تۇتقان ئۆينى ئاچچىقنى دەپ خاراپ قىلساق،   
بالىلارنى يىتىم قىلىپ غەم قايغۇغا سېلىپ قويساق،   
بىر كۈن كېلۇر جان ئالغۇچى ئاندا قانداق قىلغايسىزلەر.

خۇتۇن-بالا،ئەر كىشىگە كېچە كۈندۈز يار ئەمەسمۇ،   
خۇتۇنى يوق،بالىسى يوق كىشلەر ھەردەم خار ئەمەسمۇ،  
خۇتۇن ئېلىپ،خۇتۇن قويساق تويلىقىغا پۇل دېمەسمۇ،   
بۇرادەرلەر خۇتۇن بالىنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلگەيسىزلەر.!!!




مەنبە   :   ساقلاپ  قويعانلىرىم   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             نەسىھەت



ئاياللارمۇ قۇلاق سېلىڭ ھەممە گۇناھ ئەردە ئەمەس،   
ئەر ئەمرىنى تۇتماي يۈرۈش شەرىئەتكە توغرا كەلمەس،
ئەرنى رازى قىلمىغىچە سىزگە جەننەت راۋا ئەمەس،   
شەرىئەتتە شۇنداق ئىرۇر ئەردىن دۇئا ئالغايسىزلەر.

ئەر بەرگەنگە شۈكرى قىلماي يەنە چوڭنى تەلەپ قىلساق،
قولىدا بار-يوق،كارىمىز يوق كىيىم بەر دەپ قىستىۋالساق،   
سەۋرى قىلغىن خۇتۇن دېسە‹‹خېتىمنى بەر››دەپ ئېسىلۋالساق،
ئۆلسەك گۆردە مۇنكىرـ نەكىر ئازاپ قىلۇر بىلگەيسىزلەر.

ئېرىمىزدىن رۇخسەت ئالماي بازار-كوچا كىزىپ يۈرسەك،
‹‹نەگە باردىڭ؟›› دەپ سورىسا،نىيەتنى بۇزۇپ يۈز ئۆرىسەك،  
ھەدەپ تىللاپ ھەم ئۇرۇشۇپ ئەل ئالدىدا يۈز چۈشۈرسەك،
قىيامەتتە ئوتلۇق دارغا تىلدىن ئاسار بىلگەيسىزلەر.   

ئەرنىڭ ئۆيىنى ئوبدان تۇتماي قالايىمقان بۇزۇپ چاچساق،   
ئەر يىراققا كېتىپ قالسا،غەيرى بىلەن كۆڭۈل ئاچساق،   
غىزا-تاماق ئېتىپ بەرمەي،ئېرىمىزگە تۈكرۈك چاچساق،  
قىيامەتتە دوزاق ئىچىدە يىرىڭ-زەرداپ ئىچكەيسىزلەر.

ئەر خەۋەرسىز ئۆيىمىزگە غەيرى كىشلەر كىرىپ چىقسا،
قۇلۇم-قوشنا،ئۇرۇق-تۇققان ئۆتنە-يېرىم ئېلىپ چىقسا،
ياكى خۇتۇن ئېرىگە دېمەي ئانىسى يېنىغا بېرىپ چىقسا،
ئۆلسە يۈزمىڭ ئازاپ كۆرگەي ئانداق خۇتۇن بىلگەيسىزلەر.
  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەي خۇتۇنلەر ئەر خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ،  
ئۆزۈمىزنى نامەھرەمدىن،يامان ئىشتىن پىنھان قىلىپ،
ئەر ھەققىنى ياخشى ساقلاپ،رازى قىلىپ دۇئا ئېلىپ،
ئىككى ئالەم دۆلىتىنى قولغا ئېلىپ يۈرگەيسىزلەر.!!!   




مەنبە    :   ساقلاپ قويعانلىرىم   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17731
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ.
ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق، جۈرئەتلىك، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xabnam00 + 68 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12930
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4241 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 11:24:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم ياخشى يىزىپسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش