yangh1n يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 06:39 AM
ئەسلىدىلا يىگىتتە چاتاق با،يا كۆزى ئالغاي يا ئىشقىلىپ ...
مەنمۇ شۇنداق ئويلۇدۇم،بۇ ھىكايىنى ئوقۇۋېتىپ مەن ئىلگىرى ئوقۇغان مۇنداق بىر ھىكايە ئېسىمگە كېلىپ قالدى:
ئورنى تاپالمىغان مۇھاببەت
(مىكرو ھىكايە)
قىز مەلۇم بىر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى ،يىگىت بولسا قىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ھەر سائاتلىك دەرستە قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ بۇ ئولتۇرىشىدىن قانداقتۇر دەرسكە بولغان ئەستايىدىللىقنى تاپقىلى بولمايتى،قىز يىگىتنىڭ قاراشلىرىدىن ئوڭايسىزلىناتتى،ئاخىرى يىگىت قىزنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقلىقىنى ،ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قىزغا مەكتۇپ يازدى،قىز يىگىتكە ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى،ھازىر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئۆگۈنۈش زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ يىگىت يەنىلا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالدى،ھەتتا بۇ تەلىۋى رەت قىلىنسا ئۆزىنىڭ ئۇقۇشتىن چېكىنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۈلگۈردى،قىز قانداق قىلىش كېرەك،ئاخىرى ھىچ بولمىسا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقۇچىلىك بولسىمۇ ئۇنىڭغا روھى مەدەت بېرىپ ئۇنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى،شۇنداق قىلىپ يىگىت قىزنى مېنى قۇبۇل كۆردى دەپ ئويلاپ ئۆگۈنۈشتە ئەسلىدىكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە تىرىشتى،ئاخىرى يىگىت ئالى مەكتەپ ئىمتىھاندىن يۇقۇرى نەتىجە بىلەن ئۆتتى،ئۇ ماڭىدىغان كۈنى ئۇنى ئۇزۇتۇپ چىخقاندا قىز يالغۇز ئەمەس ئىدى ئۇنى قولتۇقلاپ كېلىۋاتقىنى تولىمۇ سالاپەتلىك شۇ مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا مۇئەللىمى ئەركىن ئىدى.يىگىتنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى،ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۆزىنى ئۇزۇتۇشقا چىخقان ئادەملەر توپى ئارىسىغا ئاتتى،ماشنىنىڭ بىر خىل رېتىمدا بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىشى يىگىت ئولتۇرۇپ قالغانبوشلۇقنى بىر قەۋەت چاڭ توزانغا پۈركىگەن ئىدى.