مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: musilina

مۇھاببەت ھەققىدە تەبىر بېرىپ باقامدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50251
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5864
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-8-3
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:13:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
مۇھەببەت بالىلار نەزىرىدە:
مومام بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ ئېگىلەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچ بوۋام ئېگىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇتلىرىغا خېنە قويۇپ قوياتتى بوۋام بۇنى ئۆزىمۇ بوغۇم ياللۇغى بولۇپ ئېگىلەلمىگىنگە قەدەر داۋاملاشتۇردى... مانا بۇ -مەن كۆرگەن مۇھەببەت.
ئۇ ئەر- ئايالنىڭ ئۆزىگە ئەتتىر چېچىپ بىر-بىرىنىڭ ئەتىردىن ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بىرگە سىرىتقا چېقىشى.
مۇھەببەت- سىنى بىراۋ ياخشى كۆرگەندە ئۇ سىنىڭ ئىسمىڭنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يۇسۇندا چاقىرىتقۇزىدۇ، ئىسمىڭ ئۇنىڭ لەۋلىرىدە تىترەيدۇ.
مۇھەببەت -سەن قانچىلىك چارچاشتىن قەتئىي نەزەر سېنى كۈلۈشكە ئۈندەيدۇ.
ئانام، دادامغا ھەرقىتىم چاي سۇنۇشتىن ئىلگىرى دادام ياخشى كۆرىدىغان تەمدە بولدىمۇ بولمىدىمۇ - دەپ سۈمۈرۈپ بېقىشى...
مۇھەببەت سەن بىراۋغا ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ بەكمۇ ياراشقانلىقىنى دېگىنىڭدە ئۇ سەن ئۈچۈن ئۇكېيىمنى كۈنلىكى كېيىپ كېلىشى...
مۇھەببەت- ئانامنىڭ داستىخاندا توخو گۆشىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى دادامغا سۇنۇشى.
مۇھەببەت- سەن ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىڭدە ئەرمەك ھايۋىنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ ساڭا ئېسىلىپ يۈز-كۆزلىرىڭنى يالاپ كېتىشى گەرچە سەن ئۇنى بىر كۈن يالغۇز تاشلاپ قويغان بولساڭمۇ.
مۇھەببەت- دادام ئىشىدىن گۈپ- گۈپ تەر پۇرىغان ھالدا قايتىپ كەلگىنىدە ئانامنىڭ ئۇنى روبېرت رىدوورتتىنمۇ كېلىشكەن -دەپ كېتىشلىرى


       
مۇھەببەت مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان خىزمەت
ئادەملەر جەننەت كەبىي باغۇ- ئىرەمدە ك بىر شەھەردە ياشايدىغان مەزگىللەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىركشى بۇ پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن زېرىكىپ دەرۋازىۋەندىن ئۇنىڭغا زىرىكىپ كەتتىم ماڭا بىر ئىش بەر- دەپتۇ. دەرۋازىۋە ن سوغۇققىنە قاراپ قويۇپ ھىمالايا تاغلىرىنى سوغىتىپ كەل-دەپ بۇيرۇپتۇ. ئۇ كېتىپ يەتتەمىڭ يىلدىن كيىن ئىشىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ. دەرۋازىۋەن ئۇنىڭغا بىر قوشۇقنى برىپ بۇنىڭ بىلەن تېنچ ئوكياننى بىكارلاپ- كەل دەپ بۇيرۇپتۇ، ئۇ يىگىرمە مىڭ يىلدىن كېيىن تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ يەنە ئىش سوراپتۇ،قاتتىق ھەيران بولغان دەرۋازىۋەن بۇ قىتىم ئۇنىڭغا ئاخىرى بىر يوق بىر خىزمەت بۇيرۇشنى ئويلىنىپتۇ ۋە بارغىن كىشلەر ئارىسىدا موھەببەت بەرپا قىل! ئۇلار ئارىسى بۇزۇلغاندا ئارىسىنى تۈزىگىن- دەپ بۇيرۇپتۇ. ئۇ كىشى شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەپتۇ..
       
مۇھەببەت نېمە ئۈچۈن قارغۇ؟
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسى ئىكەن ئادەم لەر تېخى يارىتىلمىغان، پەزىلەت- بىلەن رەزىللىكلەر لا بار ئىكەن ئۇلار جاھانى ئايلىنىپ يۈرۈپ زېرىكىپ بەكلا ئىچى پۇشۇپ كېتىپ ئويۇن ئوينىماقچى بولۇپتۇ ‹‹ئىجادىيەت›› مۆكۈ-مۆكىلەڭ دېگەن ئويۇننى تەكلىپ ئېتىپتۇ، ‹‹سەۋدايىلىق›› مەن -مەن باشلايمەن كۆزىنى يۇمۇپ سانايدىغىنى مەن بولىمەن-دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرەخگە قاراپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كۆزىنى يۈمۈپ ساناشقا باشلاپتۇ...بىر... ئىككى... ئۈچ... شۇنىڭ بىلەن پەزىلەت بىلەن رەزىللىكلەر يۇشۇرنىشقا كېرىشىپتۇ،‹‹نازاكەت›› ئايغا يۇشۇرنۇپتۇ، ‹‹خىيانەت›، ئەخلەت دۆۋىسىگە كېرىۋاپتۇ.‹‹ قورقۇنۇچ› قاپقارا بۇلۇتلار ئارىغا ئۆزىنى ئاپتۇ، ‹‹ئىشتىياق›› زېمىن بارىغا سېڭىپ كېتىپتۇ. ‹‹يالغانچىلىق›› ئۈنلۈك توۋلاپ دەرەخ ئاستىغا مۆكىۋالىمەن-دەپتۇ بىراق كۆلنىڭ تېگىگە شۇڭغۇپتۇ. سەۋدايىلىق ساناشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.يەتمىش بىر...يەتمىش توققۇز... سەكسان...سەكسان بىر...ھەممەيلەن يۇشۇرۇنۇپ بوپتۇ پەقەت ‹‹مۇھەببەت›› لا قاپتۇ، ئۇ بىلگىنىمىزدەك تىز بىر قارارغا كىلەلمەيدىكەن، قەيەرگە يۇشۇرنۇشنىمۇ بىلەلمەيدىكەن...يۈز دېيىشى بىلەنلا ئۇ ھۇدۇقۇپ بىر توپ گۈل ئۈستىگە سەكرەپ گۈللەر ئارىسىغا يۇشۇرۇنىۋاپتۇ.
سەۋدايىلىق كۆزىنى ئچىپ مەن سىلەرنى تېپىۋالىمەن دېگنىچە ئاۋازىنى قويىۋىتىپ ۋاقىراپتۇ...ھەممىسى بىرمۇ-بىر چقىشقا باشلاپتۇ، تۇنجى بولۇپ كۆرۈنگىنى ‹‹ھورۇنلۇق›› بولۇپتۇ، چۈنكى ئۇ يۇشۇرنىۋىلىشقا ھېچ بىر كۈچ سەرەپ قىلمىغان ئىكەن، ئاندىن ئايغا يۇشۇرۇنۇۋالغان نازاكەت... كېيىن كۆل تېگىدىن ھاسرىغىنىچە يالغانچىلىق.. ئۇنىڭدىن كيىن زېمىن باغرىدىكى ئىشتىياق...سەۋدايىلىق ھەممىنى بىر-بىرلەت تېپىۋاپتۇ. ئەمما مۇھەببەتنى تاپالماي ئۈمىتسىزلىنىپ تۇرغاندا ‹‹ھەسەت›› ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇگۈل شاخلىرىغا يۇشۇرنىۋالدى-دەپ پىچىرلاپتۇ قۇلىقىغا، ئۇ قولىغا نەيزىگە ئوخشايدىغان بىر ئۈچلۈق تاياقنى ئېلىپ گۈل شاخلىرىغا قالايمىقان ئۇرۇشقا باشلاپتۇ... تۇيۇقسىز يۈرەكنى ئېزىدىغان ئازاپلىق يېغا ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ مۇھەببەت قولى بىلەن كۆزىنى تۇتقىنىچە چىقىپ كەپتۇ بارماقلىرى ئارىسىدىن قىپ-قىزىل قان سېرغىۋاتقان بولۇپ، سەۋدايىلىق ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان ھالدا ئاھ خۇدا! مەن زادى نېمە قىلىپ قويدۇم؟ كۆزۈڭنى قارغۇ قىلىۋىتىپتىمەن ئەمەسمۇ- دەپ قاتتىق ھەسرەت چەككىنىچە مەن قانداق قىلسام خاتالىقىمنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمەن-دەپتۇ؟ مۇھەببەت: كۆزۈمنى ئەسلىگە كەلتۇرەلمەيسەن ئەمما ماڭا يول باشلىغۇچى بول- دەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارغۇ بولۇپ قاپتۇ، سەۋدايىلىق ئۇنىڭغا يول باشلاپ ماڭىدىكەن...

more pain more gain

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89110
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:23:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت-شىرىن ئازاپ؛    مۇھەببەت-شىرىن چۈش.

يۈرىكىمگە تۇتاشقان ئوتتا دۇنيانى كۆيدۈرىۋېتىمەن!!!

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7053
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3679 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:23:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zapar يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 10:34 AM
مۇھەببەت توي قىلغاندىن كېيىن باشقا قىزلارغا ئىشلەتسە  ...

ئالامەت تەدبىر بوپتۇ ماۋۇ

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6184
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:30:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ،ئۇ مەن ئويغاق چاغدا  كۆرگەن چۈش بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tapalmidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 12:31 PM  


نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1018
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pain يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 12:13 PM
مۇھەببەت بالىلار نەزىرىدە:
مومام بوغۇم ياللۇغىغا گىر ...

سەۋدايلىق قايسى يولنىڭ توغرىلىغنى بىلەمدىكەن؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3736
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:34:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بۇئىشلار توغرىسىدا بىلىمىم سەل كەمچىلكەن . شۇڭا باشقىلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاي !!!!!

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1018
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:37:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت يەتكىلى بولمايدىغان چوققا! مۇھەببەت تېگى يوق ھاڭ!مۇھەببەت ئۆز نۆۋىتىدە ئېزىتقۇ!
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتەن كۆزى قارغۇ!ئ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85123
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 414
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:40:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ئىككى جۈپ يۈرەكنىڭ بىرگە سۇقۇشىدىن ھاسىل بولغان قەلب ئۇچقۇنى ، ئۇنىڭ دەسمايىسى ____ بەدەل تۆلەش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4795
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 619 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:45:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت لۇغىتى

قاراخان

پاك غۇبارسىز سۆيگۈنىڭ گۈلىستانى مۇھەببەت ،
ۋىجدانسىز  ئاڭ ،ۋۇجۇتنىڭ گۆرىستانى مۇھەببەت.
چىن ساداقەت ۋاپانىڭ دىلىستانى مۇھەببەت  ،
رەشىك ھەسەت گۇماننىڭ زىمىستانى مۇھەببەت.
شەرمى -ھايا ئىماننىڭ  نۇرىستانى مۇھەببەت.

ئىككى قەلب رىشتىدىن يارالغاندۇر بۇ ئالەم،
مۇھەببەتسىز يۈرەكتە ھۈكۈم سۈرەر مۇڭ ماتەم.
جاندىن كېچىپ جانانغا  يەتكەن قەلبى گۈل ئادەم،
ۋاپا،بەدەل ،كۆيمەكلىك  مۇھەببەتكە مىڭ ئايەم .
سۆيگەن -كۆيگەن ئاشىقنىڭ سىر داستانى مۇھەببەت.

مۇھەببەتكە ئەندازمىكىن تەبئەتنىڭ قىش-يازى،
گاھى خاپا،گاھى خوش قىلار ئۇنىڭ ئەلپازى .
ئوت ئاچىدۇ دىللارغا گويا گۈلخان پەرۋازى ،
بىدەرمانغا دەرماندۇر ،ھەتتا خۇلقى -خۇشنازى .
ساپ ھاۋايى -ھەۋەسنىڭ  ھۇل  بوستانى مۇھەببەت

سەنەمنى سەنەم قىلغان غېرىپ دەرۋىش غەزىلى ،
ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس ئاخىر -ئەۋۋىلى.
ئاشىقلىقتا  تۆلىنەر  ‹‹كىم››گە  ‹‹كىم››نىڭ  بەدئىلى،
كۆيۈك  داۋا  كۆيۈككە   كەتمەس  چىراي ،ئەمەلى .
ئىككى قەلب بىر ئارزۇنىڭ  نۇر ئاسمانى  مۇھەببەت.

ئائىلىگە ،ۋەتەنگە ،پىر ئۇستازغا ،پەدەرگە ،
ئۆزىگە يا ئۆزگىگە  مەنسۇپ بولغان زەپەرگە.
خالاپ  بىردە خالىماي چىققان مۈشكۈل سەپەرگە ،
ھىجران ،خەۋپ-خەتەرگە ،كۈتكەن ، ۋىسال، سەھەرگە,
تۇتاشقان  پاك سۆيگۈنىڭ تۇغ  پايانى مۇھەببەت...

شۇڭا  كېرەك  مۇھەببەتكە چىن ئەقىدە پەرۋىشى ،
رەڭۋاز  قەلب  قوشالمايدۇ  ئاڭا تەسۋىر  نەقىشى .
‹‹ياسىمەن›› ،نەس ‹‹خىسراۋ››نىڭ  كۈتكىنى دار گەردىشى ،
مۇھەببەتتىن سۇ ئىچەر  شاھ ، گاداي  يا  دەرۋىشى ،
ئالا كۆڭۈل ،ئازغاننىڭ شۇم شەيتانى  مۇھەببەت !؟

2010-يىلى 4-ماي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 01:08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت يۈرەك ئۇپراسسىيەسىگە ئوخشايدۇ ، ئاغرىيدۇ ،قان ئاقىدۇ ،ئۇڭۇشلۇق بۇلماي قالسا جاننى ئالىدۇ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش