ANSWER يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 05:22 PM
بۇزۇقچىلىق .... مەن قارشى ئالمايمەن ! ناخشىچى قاتارلىق ...
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
تۈنۈگۈنكى ‹‹بۇ سەنئەتچىلىرىمىزنى سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز›› دېگەن تېمىدا سىزنىڭ ‹‹بۇلار نىمە كۈننى كۆرىۋاتىدۇ قەبرىسىدە ..... ئىبرەت ئالايلى . ئۇلارنىڭ ھاياتى پەقەت پايدىسىز ئىلىم ۋە بىھۇدە شەيتانىيلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ! ھەممە ئىشنىڭ ھىكمىتىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلەر !!!›› دېگەن ئىنكاسىڭىزنى ھەمدە يەنە بىر تورداش بىلەن بەزى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان بەزىبىر گەپلەر بىلەن تىللىشىپ كەتكەن ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆردۈم. بۇنداق قىلسا گۇناھ بولامدۇ ياقمۇ؟ ئۇلارنىڭ قانداق كۈن كۆرۈۋاتقىنىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
مەن پەقەت بىرلا نەرسىنى سوراي. ‹‹بىزلەر تېخى خاتىرجەم ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرغىدەك سەۋىيىدە ئەمەس ئىدۇق›› دەپسىز. ئەمىسە مىسرانىمدىكى ھويلىڭىزغا كىرسە ناخشا چىقىدىكەنغۇ؟ سىز ئادەتتە ناخشىنى پەقەتلا ئاڭلىمامسىز. ئەگەر ئىسلامىي ناخشا ئاڭلايمەن دېسىڭىز‹‹ بۇنداققۇ دېمىدىڭىز ئەمسى. مەسىلەن دېمەكچىغۇ››، ئەمىسە مىسرانىمدىكى ھويلىڭىزدا قويىلىۋاتقان ناخشىنىڭ ئۆزى ئىسلامىي ناخشا ئەمەس.
مېنىڭچە ناخشا ئاڭلىغانغا ئادەمگە گۇناھ بولىدىغان ئىش بولسا بۇ دۇنيادىكى 80 ياكى 90 پىرسەنتتىن ئارتۇق مۇسۇلمان گۇناھكار بولغان بولاتتى.
ناخشىنى 365 كۈن ئاڭلىمىسىمۇ بەزىدە كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئاڭلاپ قويسا ھېچنېمە بولمايدۇ.
تىللاشماي چىرايلىق پاراڭلاشساق بولىدۇ. مەن بۇنى تىللىشىش ئۈچۈن يازمىدىم.