زەھەرنىڭ خۇمارىدىن قىينالماي قۇتۇلۇش
سۇئال ؛ خاتا بولغان زەھەر تاشلاش ئۇسۇلى قايسىلار ..؟
جاۋاپ ؛ زەھەر تاشلاش بىر ئازاپلىق جەريان نۇرغۇن زەھەر چەككۈچىلەر بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بىرەلمەي خاتا بولغان زەھەر تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ . يەنە خىروئىن چەككەنلەر خىروئىنننى تاشلاش ئۈچۈن توختىماي ھاراق ئىچىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا خىروئىننىڭ خۇمارىنى نەشە چىكىپ باسىدۇ . ۋە ياكى ھەرخىل نىرۋىنى غىدىقلاش دورىللىرىنى ئىستىمال قىلىپ خۇمارىنى باسىدۇ . بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا زەھەر ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانسا زەھەرنىڭ خۇمارى يەنىلا بەدەندە ساقلىنىپ قالىدۇ ...
جايلاردىكى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر پونكىتلىرى زەھەر چەككۈچىلەر ئۈچۈن تەمىنلىگەن « مىساتۇڭ » دورا ئىچىملىكى ؛ بۇ ئىچىملىكنى ئىچكەندە زەھەر چەككۈچىنىڭ بىر مەزگەىل زەھەر چەككۈسى كەلمەيدۇ ، بىراق بۇ ئىچىملىك يەنىلا بەدەندىكى زەھەر خۇمارىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا زەھەر چەككۈچىنىڭ خۇمارنى باسىدۇ ، شۇنداقلا بەدەننى ۋە جىگەرنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدۇ ، ھۈكۈمەتنىڭ بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلىنى يۇلغا قۇيۇشتىكى تۈپ مەخسىتى . زەھەر چەككۈچىلەر دە ئاسان يۇقىدىغان ئەيدىس كىسىلىنى تىزگىنلەش چارىسىدىن ئىبارەت ...... `
سۇئال : قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسۇلدا زەھەرنىڭ خۇمارىدىن كۆپ قىينالماي قۇتۇلغۇلى بۇلىدۇ ؟
جاۋاپ : زەھەر تاشلاش بىر مۈشكۈل جەريان زەھەر تاشلاش ئۈچۈن مۇنتىزىم داۋالىنىشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ئۈزىنىڭ يۈكسەك ئىرادىسى بۇلۇشى كىرەك . ئەگەر مۇنتىزىم ئۇرۇنلاردا داۋالىنىشقا شارىت يار بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئائىلىدە تۈۋەندىكى بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ زەھەر تاشلاشنىڭ ئۈنىمىمۇ ناھايىتى ياخىشى ،
زەھەر تاشلاشقا يۈكسەك ئىرادە قىلىش 2 - سىرىت بىلەن بولغان ئالاقىنى بىر مەزگەل پۈتۈنلەي ئۈزۈزش . 3 - ھەركۈنى تاماقتىن ئىلگىرى 3 ۋاخ قاينىتىلغان ئىسسىق سۈت ئىچىش « سۈت بەدەن دىكى زەھەرنى تازىلاشتا ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ » 4 - ھەركۈنى يەنە مەلۇم مىقداردا ياخشى ھەسەلنى سۇغۇتۇلغان قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بىرىش « ھەسەلنىڭمۇ زەھەر ھەيدەش رۇلى يۇقرى » 5 - ھەركۈنى ئاز دىگەندە 2 قېتىم سۇغۇقراق تەڭشەلگەن سۇدا ئۇزۇنراق ۋاقىت يۇيۇنۇش « سۇغۇق سۇنىڭمۇ زەھەر ھەيدەش رۇلى ئالاھىدە ياخىشى » شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇۋەتلىك بولغان تاماقلارنى ئاز - ئاز دىن بىر قانچە ۋاق كۈپرەك يىيىش « زەھەر ئادەم بەدىنىنى زەئىپلەشتۈرۈپ ناھايىتى ئاجىز قىلىۋىتىدۇ . ئەگەر ئادەم زەھەر تاشلاش جەريانىدا قۇۋەتلىك تاماقلار بىلەن تاماقلانمىسا مەغلۇپ بولغاندىن سىرت تېخىمۇ ئاجىزلىشىپ ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ » 6 - مىللىي تىبابەتنىڭ مەخىسۇس مىڭىنى ۋە بەدەننى قۇۋەتلەش ئۈچۈن ياسالغان دۇرىللىرىنى ئۇزۇن مۇددەت توختاتماي ئىستىمال قىلىپ بىرىش ...
يۇقارقى ئۇسۇللار بىلەن ئۈزىنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى قۇشۇپ داۋالانغاندىلا ئەڭ كۆپ بولسا 3 كۈن ناھايىتى ئازاپلىنىدۇ . ئۈچ كۈن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن زەھەر چەككۈچىنىڭ بەدىنىدىكى زەھەرلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ ، شۇندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تەدىرجى ئەسلىگە كىلشكە باشلايدۇ ...
زەھەر چەككۈچى ئۇڭۇشلۇق ھالدا زەھەر تاشلاپ بولغاندىن كىيىن چۇقۇم دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان ئىككى ئىش بار . بۇنىڭ بىرى ؛ شۇندىن كىيىن باشقا ھەرقانداق زەھەر چەككۈچىدىن ئۈزىنى چەتكە ئېلىشى كىرەك ، ئىككىنجىسى ئەگەر زەھەر چەككۈچى زەھەر تاشلاپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يەنە زەھەر ئىستىمال قىلىپ سالسا ناھايىتى تىزلا قايتىدىن خۇمار بۇلۇپ قالىدۇ « بۇنداق ئەھۋاللار بەك كۆپ يۈز بىرىدۇ شۇڭا ئۇڭۇشلۇق زەھەر تاشلىغاندىن كىيىن چۇقۇم زەھەردىن مەڭگۈ ئۈزىنى قاچۇرۇشى كىرەك . بولمايدىكەن مەغلۇپ بۇلىدۇ »