tax☆kampit يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 12:39 PM
بەك ياخشى يېزىپسىز،تىل قابىليىتىڭزنى دەيمەن،لىكىن مە ...
مەن ئەنسىرىگەن ئىنكاس ئاخىرى سىزدىن چىقىپتۇ.بۇنى پەقەت بىر ھېكايە دەپلا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.يېزىشتىن بۇرۇن بۇ ئوبرازنى ماڭا تونۇشراق بولغان ئاشۇ يۇرتنىڭ مۇھىتىدا قويسام ھەم ئاشۇ تىل-شېۋە خاسلىقىنى بەرسەم جانلىق-قىزىقارلىق بولىدىغاندەك تۇيغۇدا يازغان.كېيىن پۈتكەندە پەقەت بىرلا جايدا تىلغا ئېلىنغان يۇرت نامىدىن ئۆزەممۇ سەل بىئاراملىق ھېس قىلغان.ئالماشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىم.ئەمما پۈتۈن قۇرۇلمىنى باشقىدىن تەڭشەيدىغانغا ۋاقتىم يار بەرمىدى ھەم چۇۋۇپ قايتىدىن تىكىشنى ئانچە بەك خالاپ كەتمىدىم...
قېرىنداشلىرىمنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ ماڭا ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ھۇمايغۇچىلاردىن ۋە غۇرۇرى ئازار يېگەندەك تۇيغۇدا بولغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.