گۈلچىنا يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 02:02 PM
خاتالقىمنى دەپ بەرگىنڭىزگە رەخمەت . مەن ئادەتتە مەكتە ...
باشقىلارنىڭ توغرا پىكرىنى قۇبۇل قىلىشمۇ بىر ياخشى پەزىلەتتۇر.
شۇنى ئۇنۇتماڭ! سىز بىر ئوقۇتقۇچى، ئەۋلاتلارنى تەربىيلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئانا تىل-يېزىقنى ئىپادىلەشتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە سىزنىڭ كومپىيوتېردا خەت ئۇرۇشنى يېڭى ئۈگەنچى بولغىنىڭىزنىمۇ چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچى بولغانىكەن مەيلى قولدا ياكى كومپىيوتېردا خەت يازسۇن، ئىملاغا چوقۇم باشقىلاردىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن ئەۋلاتلارنىڭ كۆزى سىلەردە.
يۇقارقى تورداش ئېيتقاندەك تېمىڭىزدا ئىملا خاتالىقى بىر ياكى ئىككىلا يەردە ئەمەس، بەلكى خېلىلا كۆپكەن. مەن ئۇنى تەھرىرلەپ قويدۇم.
بىراق سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا ‹‹ئەگەر قۇلۇمدا يازغان خەتتە ئىملا خاتالىقى چىقىپ قالسا نىمە دىسڭىز دەڭ ئەمما مۇنبەردە ئىملا خاتالقى بار دىگەن گەپنى ماڭا پەش قىلماڭ .›› دېگەن سۆزىڭىز بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلىدىغان سۆزى ئەمەس. بۇ نوقتىنى ياخشى ئويلىنىپ بېقىڭ.