MOLLIR يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 03:57 PM
بۇ تەسەۋۋۇر ھەقىقەتەنمۇ دادىل تەسەۋۋۇر بولۇپتۇ...مۇش ...
مەن بۇ يەردە پەقەت نۇر دەستىسىنىڭ ئالەم كېمىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ بىرىش بىرەلمەسلىك ھەققىدىكى مەنچە ئىمكانىيەت بار دىگەن قىياسىمنى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە شۇ توغرىدا نەزىريە جەھەتتىن ئىمكانىيەت بار يوقلىغىنى بىلىدىغانلاردىن ئۇقىۋېلىش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويدۇم.
نۇر دەستىسىنىڭ تەركىبى ئالەم كىمىسى ياسالغان مىتالنىڭ تەركىبىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟؟ ئالەم كىمىسىنىڭ ھەركەتلىنىشىگە ياردەم بىرەلەيدىغان نۇر دەستىسى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت ۋە قانچىلىك چىقىم كىتىشى مۇمكىن ؟؟ 10 نەچچە يل ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن دەپ قارىساق....بۇنداق غايەت زور چىقىم بىلەن ئالەم كىمىسىنىڭ سۈرئىتىگە ياردەم بىرىشكە ئالىملار قانداق قارايدۇ بۇ بىر مەسلە... بۇ مەسىلىگە كەلگۈسىدىكى ئالەم كېمىسى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغۇچىلار بەلكىم جاۋاپ تېپىشى مۇمكىن.
ئەمدى ئالەم بوشلىقىدا نۇرغۇن ئەخلەتلەر بار ئەگەر ئەشۇ ئەخلەتلەردىن بىرەسى ئالەم كېمىسىگە سوقۇلۇپ كەتسە ئالەم كېمىسىنى تىشىۋېتىشى مۇمكىن.
ھازىرقى نىگىزىك مەسلە-نۇر دەستىسى زادى قانداق قىلىپ ھەركەتكە ياردەم بىرەلەيدۇ دىگەندىن ئىبارەتتەك قىلىدۇ..... مىنىڭ قارىشىممۇ شۇ. رېسىمدا كورسىتىلگەندەك ئالەم كېمىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى(ھازىرچە شۇنداق دەپ تۇرايلى)نۇر تارقاتقۇچى ۋە نۇر دەستىلىگۇچى تۇرۇببا ئارقىلىق نۇر ئېتىپ چىقىرىلسا بەلكىم بۇنىڭغا پەرىزىمىزدىكىدىنمۇ چوڭ نۇر ئاتقۇچى كىتىشى مۇمكىن،ئالەمكېمىسىنى ئىلگىرلىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىشى مۇمكىن. توقماق ئەپەندىمنىڭ نەزىريە جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن دىگىنى مەن ئۈچۈن كۇپايىلىنىشكە بولىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 09:47 PM