pidakar20 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 02:05 PM
قايتا تەھرىرلەپ قوياي دېسەم ھىچ تەھرىرلەش دەپ گەپ يوق ...
سىز ئۈچۈن مەن رەتلەپ قويدۇم
ئىللىتقان نۇرۇمسەن، ئىشەن سۆيگىنىم
چەكسىز ئىنتىلىشىمسەن
كەتمە كۆڭلۈمنىڭ قۇياشى
بىر بوزقىر قۇملۇق كەبى
بۇ شەھەرنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا
تاشلاپ مېنى كەتمە
كەتمە كۆزۈم
كەتسەڭ
پۈتۈن تاملار يىقىلار ئۈستۈمگە
ھىچكىم ياش تۆكمەس كۆزلىرىمدە بۇ شەھەردە
ئازاپ قاپلايدۇ كوچىلارنى ھەر كېچە
ھىجران ياغار ئاسماندىن يامغۇر ئورنىغا
كەتمە كېچە كۆزلۈگۈم، كەتمە باھار يۈزلۈگۈم
كەتمە ئۆكسۈزۈم
قوللىرىڭ ئىللىق يامغۇر;
كۆزلىرىڭ توي گۈلى
لەۋلىرىڭ گۈل
بېقىشىڭ ئاي
ئېتىپ ئۆمرۈمنىڭ كۆچمەن قۇشلىرىنى
خەنجەرلەپ قەلبىمنى كەتمە
كەتمە نۇرۇم، كەتمە سۆيگىنىم، كەتمە ئىنتىلىشىم
كەتمە سۆيگىنىمسەن
كەتسەڭ تۇمان بولىمەن كوچىلاردا
سىم-سىم يامغۇر بولۇ
ئۇيقۇ كەلمەس
ئۇزاق يۇلتۇزلارغا تىكىلەر كۆزلىرىم
غايىپ بولىمەن بۇ قىستاڭ شەھەردىن
كەتمە ئەخمەق قىز، كەتمە يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقى، جان يۇلتۇزۇم
كەتمە
كەتمە كۆڭلۈمنىڭ نازۇكى
بېقىشلىرىمىنى بىر بوشلۇققا باغلاپ
چەكسىز ئازاپ بىلەن تەنھا تاشلاپ كەتمە
كەتمە چۆل بولار، كەتمە ئۆلۈم بولار
بىر ياپراق كەبى قۇرۇپ كېتەر ئۆمرۈم شامالدا
ئايسىز ،قۇياشسىز قالىمەن، سۇسىز، ھاۋاسىز
ئۆلىمەن
كەتمە
كەتمە كېچە كۆزلۈگۈم، كەتمە ئۆكسۈزۈم
كەتسەڭ بۇ شەھەر سەنسىز
سېنى ئىزدەيمەن پۈتۈن بېكەتلەردىن
پۈتۈن كوچىلاردا سېنى يىغلايمەن
كەتمە ئەسلىمىلەرگە قار ياغار
كەتمە تۆت پەسىل ئاياز بولار
تۆت پەسىل كۈز
كەتمە ئەي يار
يىغلاتما مېنى مۇھەببەت ئىشىكلىرىدا
ئەگدۈرمە بوينۇمنى
ئۈشۈيمەن ، توڭلايمەن ھەر كېچە كوچىلاردا
كەتمە يۈرىكىمنىڭ ئاغرىقى
كەتمە پىشانەمگە پۈتۈلگەن كۆڭلۈمنىڭ نازاكىتى
كەتمە تۇمان بولار ، توپان بولار ، ئاھۇپەرياد بولار
قۇشلارمۇ كېتپ قالار بۇ شەھەردىن
نە قۇياش چىقار، نە سەھەر بولار
ھەر مىنۇتتا بىر جان بىرەر ئۆمرۈم
ئۆلىمەن ئاشىقلىق ئىشكىدە
ئۆلىمەن كەتمە
كەتمە