يىـڭى ئــەزا
ئانام بۇ يىل 61 ياشقا كىردى. بىر ئاي بولدى كېچىسى يۆتۈلۈپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتسەك ئۆپكىسىدە سۇ بار ئىكەن(97 مىللى ئەتراپىدا). ئۇندىن باشقا ئاستا خاراكتىرلىق باشقا كاناي ياللۇغى، ئۆپكە توبىركىليۇزنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بار ئىكەن. دوختۇرلار «ياتاقتا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدۇ، ئۆپكىدىكى سۇنى تارتىپ ئېلىۋىتىمىز» دەيدۇ. لېكىىن ئانام ياتاقتا ياتقىلى ئۇنمىدى. سەۋەبى باشقىلارنىڭ دىيىشىچە ياشانغانلار ئۆپكىگە يىغىلىپ قالغان سۇنى تارتقۇزسا ياخشى بولالمايدىكەن، قايتا سۇ يىغىلىپ تەل-تۆكۈس ساقايمايدىكەن. سۇنى تارتقۇزغاندىن كېيىن تېنى بەك ئاجىزلاپ ئۆرە بولالمايدىكەن.
شۇڭا تورداشلارنىڭ ماڭا يارىدەم قىلىپ ئانامنىڭ كېسىلىنى (ئۆپكىدىكىدىكى يىغىلىپ قالغان سۇنى) داۋالىغىلى بولىدىغان ياخشىراق بىرەر چارە تەدبىر، ياخشىراق دورا-ئوكۇل، ياخشىراق دوختۇرخانا، مۇشۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار دوختۇر، تىۋىپلارنى تەۋسىيە قىلسا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتاتتىم.
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
مەخەتجان
مەستانە ئـــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ