esyankar75 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-30 10:47 PM
ئىنگىلىزچە 4-دەرىجىدىن ئۆتۈش ، مەن ئىزدەۋاتقان قىزنى ت ...
ئېنگىلزچە 4- دەرىجىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن گرامماتىكىدىن سىرت، مۇھىمى سۆزلۈك بىلەن ئاڭلاش سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۈندە 4 سائەتتىن 6 سائەتكىچە تېكىست،ماقالە، ھەم جۈملىلەرنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىڭ. ئاندىن قالسا تېكىست قاراپ ياكى بىلسىڭىز قارىماي ناخشا ئېيتىڭ. ئاندىن كېيىن ئېنگلىز تىلىدىكى كىنولارنى كۆرۈپ بېرىڭ. ئاستىدا خېتى بولسا تېخى ياخشى. مۇمكىن بولسا بىر كۈندە بىر سائەت لوغەت كۆرۈپ بېرىڭ مۇنكىن بولسا. لېكىن مۇشۇ تەرتىپلەر كۈندە ئىزچىل بولۇشى كېرەك.
ئەمدى پۇل تېپىپ ئىچكىرىنى ئايلىنىدىغان ئىشقا كەلسەك، بوش ۋاقىتلار ياكى دەم ئالغان چاغلاردا ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ياكى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان پۇل كېلىشى ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇلىنىڭ. شۇندا ساياھەت قىلىدىغان ئىشمۇ روياپقا چىقىپ قالا.
ئەمدى سىز ئىزدەۋاتقان قىزغا كەلسەك،خۇدايىم نېسىپ قىلسا بىر كۈنى دىدارلىشىپمۇ قالارسىز. شۇڭا بۇ جەھەتتە پەقەت سىزگە ئامەتلا تىلەيمەن.
--ئىشلىرىڭىز ئوڭ كەلسۇن ئامان بولۇڭ!--