«قاراتاكسى»غا ئولتۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قاتناش ۋاسىتىلىرىدىمۇ يۈكسىلىش بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىمۇ ئوبدانلا قولايلاشتى. شەھەر - بازارلاردا تاكسىلار كۆپەيدى. بىراق، ھازىرقى ھالەت قاتناشنىڭ بېسىق ۋاقىتلىرىدىكى تەلەپ ۋە ئېھتىياجنى تەمىن ئېتەلمەيۋاتقانلىقتىن، خېلى بىر قىسىم كىشى ئۇدۇل كەلگەن «قارا تاكسى»لارغا ئولتۇرۇپ يوشۇرۇن خەۋپلەرگە تەۋەككۈل قىلماقتا. دەرۋەقە، ئالدىرىغان ئاشۇ مىنۇتلاردا «ئەسقاتقىنى ئەۋزەل»دەپ قارايمىز، بىراق بۇ ئىشقا ئىدراكى مۇئامىلىدە بولغان تۈزۈك.
«قارا تاكسى»لاردا سادىر بولۇۋاتقان بەزى نامۇۋاپىق ئىشلاردىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتىمىز. ھەتتا بەزىلىرى ئەتراپىمىزدىلا يۈز بەرگەن ئىشلار. دەرۋەقە، بۇنداق ئەھۋاللار بەزى ئىجازەتلىك تاكسى شوپۇرلىرىدا يۈز بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىراق كۆپىنچە مەسىلىلەرنىڭ «قارا تاكسى» شوپۇرلىرىدا كۆرۈلۈشى ھەممەيلەنگە ئايان رېئاللىق. ئۇنىڭدىن باشقا پايدىسىز تەرەپلەرنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. مەسىلەن: «قارا تاكسى» شوپۇرلىرى قاتناش قوماندانلىق مەركىزى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا بولغانلىقتىن، كۈتۈلمىگەن جىددىي ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلالمايدۇ؛ سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى بولمىغانلىقتىن، يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئەينى كۆرۈنۈشىنى تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ؛ خېلى بىر قىسىملىرى ئىجازەتلىك تاكسى ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، كونا، ئەبجەق ئاپتوموبىللار بولغانلىقتىن، ئاسانلا خەتەر سادىر بولىدۇ؛ سۇغۇرتىدىكى چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، خېرىدارنىڭ ھادىسىدىكى زەخمىسى ياكى ئۆلۈمىنىڭ تۆلىمىگە تۈزۈك ئارا تۇرالمايدۇ؛ ئاپتوموبىلنىڭ نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان ۋە نومۇرنى تۇتۇقلاشتۇرۇپ قويىدىغان ساختىلىقلار كۆپ بولغاچقا، ھەم ئۆلچەملىك تالون بەرمىگەچكە، بىرەر ئەھۋال توغرىسىدا خېرىدارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ساقچىغا مەلۇمات بېرىشى، مەسىلىنىڭ ئېنىقلىنىشى تەسكە چۈشىدۇ؛ ئاپتوموبىلدا ئۇنتۇپ قالغان نەرسە - كېرەكلەرنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلغىلى بولمايدۇ؛ مۇساپە سائىتى بولمىغاچقا، باھا مەسىلىسىدە ئاسانلا ماجىرا يۈز بېرىدۇ ۋە ھاكازالار. شۇڭا «قارا تاكسى»غا ئولتۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولغان ياخشى.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-84179-1-1.html