مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qawandaz786

گازخانىدىكى ئەخلاقسىز قىزلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 776
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2260
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2772 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 08:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
noriya يوللىغان ۋاقتى  2013-1-6 02:13 PM
بوغۇزلاش؟ ئاۋال بىر كاچات ئۇرۇپ باقسۇنا شۇنچىلىك قۈر ...

قانچە كۆپ سۆزلىسەڭ شۇنچە ئىتتىك خاتالىشىسەن دىگەن گەپ بارغۇ ؟ بەك جاپا تارتىپسىز.

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88588
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2013-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 09:03:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەنەت ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىغا

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8510
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 3471 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 10:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدا!!!! ئۆزەڭ بار!!!!

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

♥زىمىن بىرىنجى ۋ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18299
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7675
تۆھپە نۇمۇرى: 1016
توردا: 5387 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 12:32:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇلارنىڭ كاساپىتىدىن باشقا مىللەت < خەنزۇ> لار بىزنىڭ ئىپپەتلىك ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىمىزنىمۇ كۆرگەنلا يېرىدە كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۇل بولسىلا ھەممىسى ئاشۇنداق دەپ قارايدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەگىز يول قويماسلىقىمىز كېرەك، ................   توغرا دەيسىز

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16737
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 12:32:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئاللاكىملەرنىڭ ، لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ، ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى قاتتىق ھار ئېلىپ ئۆزىنى دەريا ، كۆل - ئۆستەڭ ، ئىلەكلەرگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنى ئاڭلىغانمەن. ھەتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن قېيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئوسۇرۇپ سېلىپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنىمۇ ئاڭلىدۇق.نۆۋەتتە ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىدىكى غەربلىشىشكە چوقۇنۇش ، جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئېتىقادسىزلىشىشنى مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.

بىز ئەرلەر يېرىم - يالىڭاچ يۇرمەڭلار دىدۇق. خۇراپى دىدىڭلار. ھاراق ئىچمىدۇق-تاماكا چەكمىدۇق___ موللام مىجەز، ئوغۇل بالىچىلىقى يوق دىدىڭلار. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ئوغۇل بالىچىلىق زادى قانداق؟


مانا سىلەردىكى غەرپكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللاڭلارنى ،ئاندىن ئۈستىۋېشىڭلارنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىڭلارنى ئېچىۋەتتى.....


بىز ئوغۇللارنى ھازىر ئەڭ بەك ئېچىندۈرۈۋەتكىنى ___ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان كىچىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قارىشى............. ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋاي دىگۈدەك ئىش ئەمەس.


زامانىۋى شەھەر قىزلىرى قانغىچە بىر چېكىپ يا ئىچىپ ، دېسكوخانىلاردا بىرەر ئاخشام سەكرىۋالسا ،يېزىلاردا ئەپلەپ-سەپلەپ توي قىلىۋالسا( ئەتىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلى) ھەممە ئىش ئۆتۇپ كېتىدىغان بولدى.


يەنەبىر قىسىم قىزلار ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان <<تىرناق ياساش قەلئەسى >> << پۇت يۇيۇش شەھەرچىسى>> دىگەندەك غەيرى يەرلەردە ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت نومۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنى سېتىپ ھارامخور تا ئىپىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا .


ناۋادا ئۇلارغا ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ دېسىڭىز دەرھال : سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسە مېنى خوتۇنلۇققا ئالامسىز؟


ئايال بولسىڭىز ئەمىسە مېنى بالا قىلىپ بېقىۋالامسىز؟دەپ زۇۋانىمىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، ئەجەبا ئۇلار قىلاي دېسە جەمئىيەتتىن باشقا ئىش تېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ، يىراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگۈسى يوق، ....تاماقخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ نومۇسقا قالغۇسى يوق، كوچا- كويلاردا ئۆپكە - ھېسىپ. دورغاپ - لىغىرداق سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق، ..... پۇلى يوق ،ئەمما ئەركەك تۈكى بار ئەردىن بىرىگە تېگىپ جاپالىقراق بولسىمۇ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق. مانا بۇ راھەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى .


ھازىر بەزى كىشىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىن قىلچىلىك پەرقى بولمىغان جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، <<< ئاياللىق ئىپپىتى ---- پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەت بولماستىن بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ تەييارلانغان ئامانەتتۇر، بۇلغانمىغان ئانا تېنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە كەلگۈسىدىكى دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان پەرزەنتىڭلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئېسىل بىباھا سوۋغات.>>>. قىزلار ، سىلەر ھەرقاچان بۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى ئانچە بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيسىلەرغۇ دەيمەن، يەنە كەمبەغەل- كەمبەغەلنىڭ قاياشى دىگەندەك بىر- بىرىڭلار بىلەن دوست تارتىشىپ مېنىڭكىنى خاتاغا چىقىرارسىلەر بەلكىم.......


يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ، ئەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ ئايىغى چىقماس قاتار چاي، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى،خىزمەتداش، ئۈلپەتداشلار ئولتۇرۇشىغا ماڭساڭلار : ياسىنىپ- تارىنىپ بېرىدىغان ئېرىڭ مەن تۇرسام مۇنچە قىلىپ نەگە؟ بارما دىسەك قېنى قانچىڭلار گەپ ئاڭلايسىلەر؟ دەپ بېقىڭلارچۇ؟


بىزنى سەۋەبسىزلا مۇشۇنىڭ بىلەن قالاق، كۈنلەمچى،مەدەنىيەتسىز قاتارىغا چىقىرىۋېتىسىلەر............


ئېرىڭلارنىڭ تاپقان تۆت تەڭگىسىگە شۈكرى قىلماي ئىككى تال سېسىق پۇل ، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ئېرىڭلار، بالاڭلارنى ئويلىماي ئىشتان بېغىڭلارنى ئۆزەڭلار يېشىپ بېرىۋاتىسىلەر...........


قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ كىم سىلەرنى كارىۋاتقا مەجبۇرلاپ چىقاردى؟ سىلەر قىز - ئاياللار ئۆزەڭلەرگە چىڭ بولساڭلارلا بىزنىڭ ھەر قانچە يامان نىيىتىمىز بولسىمۇ قانداق قىلالايمىز؟؟ دەڭلارچۇ؟


كونا بولسىمۇ يەنە دەپ قوياي، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، يىڭنە جىم تۇرمىسا يىپ ساپقىلى بولمايدۇ...


ئەمدى بىزدىمۇ بار ، بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت سىلەرنى ئەخمەق قىلىشىمىز ، ئالدىشىمىز ئەمەس، مېنى تىللىماي ئاخىرىنى ئوقۇڭلار ،دىمەكچىمەن ، سىلەر ئەخلاقلىق بولۇپ يامان نىيەتلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشمىسەڭلارلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھايۋانلارمۇ تۈگەيدۇ، ئۇلارغا شارائىت قالدۇرماڭلار. ئۇلار قانداق قىلالايدۇ؟


بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت -- ئەرلىك غورۇرى يوق خۇمسىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەرلىك غورۇر، ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بىزدە يېتىلسە بىزمۇ ئوڭشىلىپ كېتىمىز.

بەزى سولامچى( باشقۇرغۇچى دوستۇم،سەت گەپ قىلساممۇ مۇشۇ گەپنى بىر ئۆچۈرۈۋەتمىسىڭىز ،ئۇلارمۇ بىر كۆرسۇن) ،ئەرلىك غورۇرىنى چاشقان يەپ كەتكەن ناجىنس، غىتمەك ، لامزەللە مازلار تېخى بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئۇسۇلچى بولۇشىنى نورمال ئىش ، قابىلىيىتىنى كۆرسەتكەنلىك ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تېنىنى سېتىپ پۇل تېپىشىنى قوللايدىكەن، تۈ فى، ھۇ لامزەللە ،ئاپاڭنى،سىڭلىڭنى ئاپىرىپ بەر تېخى بۇنداق ئىش مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار ، مۇشۇنداق تېمىلارغا قايتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىنكاسلارنى كۆردۇم،قارىسام بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ سېتىلىشىنى قوللايدىغان خۇمسىلار 40-50پىرسەنتكە بېرىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟


ئىشەنمىسەڭلار مۇشۇ مۇنبەردىكى ئاددى ئادەم يوللىغان << مەن نىمە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم >>ۋەققايى نىڭ << مۇشۇمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى بولدىمۇ؟ >> دىگەن تېمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار......


سىلەر قىز - ئاياللار بىزنىڭ بىرىنچى ۋەتىنىمىز ، سىلەر دەپسەندە قىلىنساڭلار بىز مۇ دەپسەندە قىلىنغان بولىمىز..


سىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىڭلار ۋەتەننىڭ دەپسەندە قىلىنغىنى .........سىلەر بىزنىڭ ئا نىلىرىمىز، ئاچا- سىڭىللىرىمىز،سىلەر بىزنىڭ بارلىقىمىز ، ماكانىمىز،ئۆيىمىز.......شۇڭا بىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،بىچارە مىللىتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار، ئەخلاقلىق ، ھايالىق بولۇڭلار.............


يىگىتلىرىم ، سىلەرنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالدىغىنىڭلار ، دەپسەندە قىلغىنىڭلار ___ ماھىيەتتە ئۆزەڭلارنىڭ ئاپا- سىڭىللىرىڭلارنى ، ۋەتىنىڭلارنى ،بىچارە مىللىتىڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلار، دەپسەندە قىلغانلىقىڭلار، ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىڭلار ئەمەسمۇ؟ بىز شۇ دەرىجىدە نومۇسسىزلىشىپ كەتتۇقمۇ؟ بىز ئاشۇ بىچارە قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ئىگىسى،ھامىسى، قوغدىغۇچىسى، تاغدەك يۆلەنچۈكى ئەمەسمىدۇق، ئەمدى ئېشىپ تېشىپ ئۇلارنى خەقنىڭ ئاستىغا تاشلاپ بېرىمىزمۇ ؟ تا ر ، مەن كۆز قارىشىدىن ھالقىپ بىز كۆز قارىشىدا ئويلاپ بېقىڭلار

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش