« قازاندا نېمە بولسا، چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ » دەيدۇ كونىلار. مەنمۇ كاللامدا بارنى دەپ باقاي:
2012 - يىلى مەندە قالغان تەسىراتلار:
1. 6 - ئايدا بىر سىن دەرسىم ۋىلايەت بويىچە 3 - دەرىجىگە ئېرىشتى.
2. 3 - ئايدا « ئانا تىلىمنى سۆيىمەن » تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ناھىيە بويىچە « مۇنەۋۋەر يېتەكچى » بولۇپ باھالاندىم.
3. « روھلان »، « تەۋپىق » تور بېكەتلىرى ئېلىپ بارغان دەرسلىك دېتال تۈزۈش مۇسابىقىسىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 -، 2 - دەرىجىگە ئېرىشتىم.
4. ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوچۇق دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىگە ئېرىشتىم.
5. 29.27 كۇۋادىرات كۆلەمدىكى بىر دۇكان سېتىۋالدىم. ( لېكىن بانكىغا قەرز بولدۇم )
6. سەككىز يىل كۈتكەن 1 - دەرىجىلىك ئۈنۋان مائاشىم 8 - ئايدا ئەمىلىيلەشتى.
7. يۇقىرى پايدا ئۆسۈمنى دەپ، بىرىگە 2 تۈمەن قويۇلۇپ كەتتىم. خۇددى بېلىق قارىماققا ئىلىنغاندەك. ( مەندىن ئىبرەت بولسۇن )
8. ئايالىم 7 - ئايدا ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشتى. بەك كۆڭۈللۈك بولدى.
ھاياتنى قىزغىن سۆيمەن... 2013 - يىلىغا قارىتا شۇ قەدەر قىزغىن ۋە ئۈمىدۋارمەن.