مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: America

مېنى‹ئۆلۈمدىن ›قۇتقۇزۋالغان ژۇرنال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20459
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 12:15:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىرەمدىكى بىر قىسىم ساقلانمىلار...

ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلىم ئىگىلىكىنىڭ دەسلەپكى خىرىس بورانلىرى ئالدىدا تىراگىكومىدىيىلىك بىر ھالنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.تۈزۈك ئىش تەۋرىتىپ نەتىجە قازىنىۋاتقانلار يوقنىڭ ئورنىدا .ھەممىسىلا ئىش ئىزدەپ چىرايى زەپىراندەك سىرىق ،ئىقتىساسلىقلار خىلى بار،تالانتلىقلارمۇ خىلى بار،ئەمما كۆپىنچىسى مۇنەۋۋەر ياللانما خادىم،مەدىكار،تالانتى ئىقتىدارىنى يىتەرلىك جارى قىلدۇرماي خوراتقانلار،كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ھىلىھەم باققالچىلىق ،ئالدى- ساتتى تىجارەت بىلەن جىنىنى جان ئىتىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇششاق تىجارەتتىن قۇتۇلالماي يۈرمەكتە.ۋەھالەنكى ،يەرشارىلىشىش دولقۇنىدا شاپاق -شۆپەك سىتىپ،كەسكىنلىشىۋاتقان،سانائەتلىشىۋاتقان،،يۈكسەك دەرىجىدە تىخنىكىلىق تاۋارلىشىۋاتقان سودا -ئىقتىساد رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇش مۇمكىنمۇ؟
كۈرمىڭ ئادەم دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى بىلەن پەرۋايى پەلەك ھالدا كۈن ئۆتكۈزۈش ،جان بىقىش كويىغىلا چۈشىۋالغان ،كۈن پاتسىلا ئۇخلاپ قوپۇپ،نان يەپ قورساق توقلاپ كۈننى كەچ قىلساقلا ياشىغانغا ھىسابمۇ؟
قىنى ھاياتتىكى خۇش مەنە؟ قېنى ھاياتتىكى ئىزگۈ تىلەك ؟
غايە ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن   جان تىكىش   كۈرەش قىلىش ؟
تەڭرى سىزنى ھايۋاندەك يەپ ،قورساق تويغۇزىۋالسۇن دەپلا ياراتمىغان بولغىيتى؟

يارالمىش -ياراتمىشتىكى ئىمكان -ئىھسانلارنى ھەلەپكە كۆممەيلى!!!!!!!!



ئاش يەپ قاچا بىكارلاپ ،يول يۈرۈپ كوچا بىكارلاپ،جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن پەرۋايى پەلەك ئۆتۈش ،ھايۋاننىڭ قىلمىشىدۇر.چۈنكى كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى بەخىت يارىتىشتۇر.


ھاياتنىڭ قىممىتى ئۆزىمىزگە باغلىق . ئۆزىمىزدىن بۆلەك ھىچكىم بىزنى پەسلەشتۈرەلمەيدۇ.

بايلىق ئىككى قول،بىر ئاقىل كاللىدىن چىقىدۇ،.



سىز قانداق خىزمەتنى ياخشى كۆرىسىز؟قانچىلىك پۇل تىپىشنى ئويلايسىز؟بەش يىل ئىچىدىچۇ؟ 10 يىل ئىچىدىچۇ؟  25 يىل ئىچىدىچۇ؟ قانداق ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ،قانداق دوستىڭىز بولۇشنى ئارزۇ قىلىسىز؟ سەيلە -ساياھەت قىلىشنى ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمى قىلىۋىلىشنى خالامسىز؟ئارام ئىلىش كۈنلىرىڭىزنى قەيەرگە بىرىپ ئۆتكۈزۈشنى خالايسىز؟ ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟
....  

ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئۆزىگە ئىنىق نىشان تۇرغۇزمىغان ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشى بەسىي مۈشكۈل.شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەردە ئىشەنچ،ئىقتىدار ۋە ئىستىداد گەرچە يىتۈك بولسىمۇ لىكىن ئۇلار دەل ئىنىق نىشان تۇرغۇزمىغانلىقى ياكى نىشانىنى توغرا تاللىيالمىغانلىقى ئۈچۈنلا مۇۋەپپىقىيەت مەنزىلىگە يىتەلمەيدۇ.

ئەڭ مۇھىمى --------ئىنىق نىشان بەلگىلەشتە.

ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا دىققىتىڭنى بىر يەرگە يىغ!

ئىنىق نىشان تۇرغۇزغان ھامان،ئاشۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ھەركەت قىل !

پەقەت قەتئىي ئىرادىگە كىلىپ تىرىشسىلا شەرت -شارائىتنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەن ! ! !


دۇنيادا جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق،ھىچكىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئاسانلا قولغا كىلىپ قالغان ئەمەس.چۈنكى تىرىشچانلىقتىن ئايرىلغان <ئامەت> ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس.مۈشكۈل جەبىر -جاپانى يىڭىپ،تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئادەم كىشىلىك ھاياتنىڭ بەخت شارابىنى تىتىيالايدۇ.

بۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدا لايغازەللىك قىلىپ ،يىرىم يولدا بەل قويىۋەتسەڭ تۆلىگەن بەدەللىرىڭ بىكار كىتىدۇ.شۇڭا ،ھاياتلىقتا ئىرادەڭ قەتئىي ،كەسكىن بولمىسا ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىڭ مۇمكىن ئەمەس!

بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ھىچقانداق نەرسىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ.

ئۆزۈڭنى خار قىلغىچە كۈچۈڭنى خار قىل .ئەڭ مۇھىمى كاللاڭنى ئىشلەت!

پۇرسەتنى كۈتمەڭ ،بەلكى ئۇنى يارىتىڭ.


ئوي - پىكرىڭگە پەخەس بولغىن ،چۈنكى ئۇ گەپ سۆزۈڭگە ئايلىنىدۇ.
گەپ- سۆزۈڭگە پەخەس بولغىن ،چۈنكى ئۇ ئىش ھەركىتىڭگە ئايلىنىدۇ.
ئىش - ھەركىتىڭگە پەخەس بولغىن ،چۈنكى ئۇ ئادىتىڭگە ئايلىنىدۇ.
ئادەتلىرىڭگە پەخەس بولغىن ،چۈنكى ئۇ خاراكتىرىڭگە ئايلىنىدۇ.
خاراكتىرىڭگە پەخەس بولغىن ...
چۈنكى ئۇ ----------------------تەقدىرىڭگە ئايلىنىدۇ!!!



نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 09:38:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ژۇرنال « تەرمىلەر »

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9566
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 10:06:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ژورنال كۆرۆشنى ياقتۇر مەن.

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-2 02:33:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ھەقىقەتەن شۇنداق ، كونىلا كىتاپ بىلىم بولقى دەپ بىكار ئىيىتمىغاندە - ...

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش