ئۆيدە بولساق مۇزلىتىلغان قايناقسۇ، سىرتتا بولسا مېنىرال سۇ ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. ھازىر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھال كۈنى ياخشىلاندى، لىكىن مۇشۇ قەھرىتان سوغۇقتا ئۇچىسى ئىللىغۇدەك كىيىم كىيەلمەيۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەستۇ؟؟؟ قىممەت باھالىق ئىچىملىكنى ئىچىش ئۇنچىمۇ ياخشى ئەمەس،شەخسەن بىر بوتۇلكا پاكىزە سۇغا ھەرخىل خىمىيىۋىلىك ماددىلارنى قوشۇپ ئىچىشتىن پاكىزە ھالدا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن. مېۋە سۈيى سېتىۋالغان پۇلغا شۇ مېۋىنىڭ ئۆزىنى سېتىۋالسىڭىز، ئۇنىڭدىكى ۋىتامىنلار تەبئې ھەم زىيانسىز، تېتىتقۇ، تەم تەڭشىگۈچ ۋە رەڭ قوشقۇچى، چىرىشتىن ساقلىغۇچى تەركىبلەردىن خالىي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-2 12:39 AM