يىغلىسا ئاناڭ
يەرلەرگە قوشۇلۇپ تىتىرەيدۇ ئاسمان،
قاقشاتقىنىڭغا ئۈنسىز يىغلىسا ئاناڭ.
بەڭۋاشلىقىڭغا ئىچىنىپ ئىچى ئىچىشىپ،
كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ يىغلىسا ئاناڭ.
ساڭا لەنەت ياغقۇسى ئەلنىڭ كۆڭلىدىن،
سەندىن ئازار يەپ،نىمجان يىغلىسا ئاناڭ.
يوللۇرۇڭغا تەلمۈرۈپ كۈتسە سەن كەلمەي،
زەي ئۆيدە يالغۇز قېلىپ يىغلىسا ئاناڭ.
راۋاج تاپماس ئىشلىرىڭ قىلچىلىك بىلسەڭ،
توسماق بولۇپ توسالماي يىغلىسا ئاناڭ.
ئانا راۋا كۆرمەس ئىشنى قىلىپ يۈرسەڭ،
كۈندە سەندىن ئەنسىرەپ يىغلىسا ئاناڭ.
رازى بولماس خۇدامۇ سەندىن قىلچىلىك،
سېنى دەپلا دەرت تارتىپ يىغلىسا ئاناڭ.
كىيىنلىك ھاياتىڭدىن ئەنسىرەپ ھەتتا،
سەكراتتىمۇ ياش تۆكۈپ يىغلىسا ئاناڭ.
مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرپات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 08:11 PM