مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kalip210

تاماكا ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 964 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 03:53:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنشا ئاللاھ ، شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ قەۋمىمىزدىكى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئەمما ئازغۇنلۇقتا ھىدايەت يولىنى تاپالماي قىينىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز چوقۇم ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن نۇرانە يولغا قايتىدۇ !

بىر بىرىڭلارنى تۆۋەن كۆرمەڭلار ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئىچىپ مەسخىرە قىلماڭلار ، سىلەرمۇ جاھالىيەتتە شۇلاردەك ئىدىڭلار ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولمىغان بولسا سىلەرمۇ ئازغۇنلاردىن بولۇپ قالاتتىڭلار ، توغرا يولنى تاپالمايۋاتقانلارنى كۆرسەڭ قانداق قىلىسەن ؟

ھەرگىز ئۇلارغا قاتتىق تەگمە ئۇلار ھامىنى ئىنساندۇر ، روھىيەتنىڭ ئوزىقى نىمە ؟ بىلەمسەن ، روھنىڭ تازىلىنىشى ۋە قايتا پاكلىنىشى دەل ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ھەقنى مىھرىبانلىق بىلەن تونۇتۇشتىن بولىدۇ . يامان يولدىكى بۇرادىرىڭگە قارىماي ، كارىڭ بولماي ئۆتىۋەرسەڭ خۇددى ئاللاھ دىگەندەك مۇنۇ ئاقىۋەتتە بولىسەن .

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن !

ئاللاھتائالا جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا ئەمىر قىلىپ دەپتۇكى « ئەي ! جىبرىل ، پالانى شەھەرنى ئازاپ بىلەن جازالايمەن ، ئۇ شەھەر ئاھالىلىرى ھىدايەتتىن يىراقلاشتى ، ئۇلار ئاسى بەندىلەردىن بولدى ، ئۇلارغا ئازابىمنى يەتكۈز » دىگەنىكەن ، جىبرىل ئەلەيھىسسالام پۈتۈن شەھەردىكى كافىر ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا بىر ئىمانى بار مۇسۇلمان يىگىتنى بايقاپتۇ ۋە ئاللاھتائالاغا دەپتۇ « ئەي پەرۋەردىگارىم ! سەن ۋەيران قىلىشنى ئەمىر قىلغان شەھەردە بىر مۇسۇلمان ، سالىھ بەندەڭدىن بىرسى بار ئىكەن ، ئۇنىمۇ شۇلار قاتارىدا دەۋزەخ ئەھلىدىن جەھەننەمگە تاشلامسەن ؟ » دەپ سورىغان ئىكەن ، جانابى ھەق ئاللاھ شۇنداق دەپتۇكى « ئۇ بەندەم شۇ شەھەردىكى ئازغۇنلارنىڭ بىرەسىگىمۇ توغرا يولنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇلارنى ھىدايەتنىڭ يولىنى كۆرسەتمىگەن ، ئۇ ھەر دائىم ئۆزى يالغۇز ئۆيىدە نامازلىرىنى ئوقۇيتى ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايتى ، پەقەت ئۆزىلا ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى ، ئۇ شۇ كىشىلەرگە مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ۋە يەككە يىگانە ئىكەنلىكىمنى ، ئۇلارنىڭ ماڭا شىرىك كەلتۈرمەسلىكىنى ، ماڭىلا ئىبادەت قىلىشىنىڭ كىرەك ئىكەنلىكىنى دىمىگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇمۇ ئازابقا لايىق بولدى » . ئاللاھ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ۋە ھەقىقەتەن بۈيۈك ، مىھرىبان زاتتۇر ~ بارلىق ماختاش ۋە مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى يىگانە ئاللاھقىلا خاستۇر !

شۇڭا ئەزىزلەر مۆمىن - مۆمىننىڭ ئەينىكىدۇر دىگەنىكەنلەر .

مۆمىننىڭ ھەر ۋاقىت قىرىنداشلىرىغا ئىگە بولۇش ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا سەپەرۋەر قىلىش ھەققى باردۇر .

ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەممەيلەنگە بولسۇن ، تامام ۋەسسالام !

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ ، كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ !

كۆرىمىز ، ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !
ANSWER ( جاۋاب )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:15:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چىكىشنىڭ دىينىي جەھەتتىكى زىيىنى


سۇئال :تاماكا چىكىشنىڭ دىينىي جەھەتتىكى زىيىنى قايسىلار ؟


جاۋاب : بارلىق ئىسلام قانۇنشۇناس ئالىملىرى باشقا ھەر ساھە ئالىملارنىڭ بىردەك ئېتتىپاقى بىلەن تاماكا چېكىش ، تاماكا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش قەتئىي ھارامدۇر . تاماكا سودىسى بىلەن تاپقان پۇلمۇ ھارامدۇر.
تاماكا ئۆزى ھارام نەرسە ئۇ تەن ساقلىقغا زىتانلىق بولغىنىنىڭ سىرتىدا ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي  تەرەپلەردىنمۇ زىيانلىقتۇر .

ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمدە ، ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن (ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ) ( ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئىتتەرمەڭلار ) بۇ ماۋزۇدا كەلگەن مۇندىن باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆپتۇر .  { سۈرگ نىسا 29 - ئاتەت ، سۈرە بەقەرە 195 - ئايەت }

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 10:21:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چىكىشنىڭ ھاراملىقىغا شۈبھە بىلەن قارىغۇچىلارغا رەددىيە -


[سۆز ئىچىدە سۆز]


دەرۋەقە، تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كىيىنرەك پەيدا بولغان. شۇڭا، بەزى كىشلەر تاماكا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدا بولمىسا نىمە ئۈچۈن ئەمدى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ؟ دەيدۇ: ئۇلارغا ئىيتىمىزكى؛ ئىسلام دىنىمىز ئادەمنىڭ جىسمىغا، ئىقتىسادىغا، ئەقلىگە، ئەخلاقىغا، دىنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تاماكىغا تەدبىقلىساق، مۇشۇ زىياننىڭ ھەممىسى تاماكىدا تۇرسا ئۇنى چىكىش نىمىشقا ھارام بولمايدىكەن؟

اللە تالانىڭ: «اللە ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ» (سۈرە ئەئراپ 157-ئايەت) دىگەن ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئەقىلنى خىرەلەشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ ئازراقىمۇ، كۆپرەكىمۇ ھارام» (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى) دىگەن ھەدىسى ھارام نەرسىلەرنى تەپسىلى بايان قىلىشتىن بىھاجەت قىلىدۇ.

ھازىر ئايرىم ساندىكى بەزى كىشلەر تاماكا چىكىش ھارام ئەمەس، مەكرۇھ دىسە، بەزىلىرى تاماكا چەكسە تاھارىتى سۇنمايدۇ دىيىشمەكتە. يەنە بەزىلىرى تاھارىتى تۇرۇپ تاماكا چەكسە ئېغىزىنى چايقىۋىتىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، دىگەنگە ئوخشاش پەتىۋالارنى چىقىرىپ، ئىسلام دىنىمىزدا ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنغان تاماكا چىكىشكە پۇرسەت يارىتىپ بىرىۋاتىدۇ، مۇنداق پەتىۋالارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق.

يەنە بەزى تاماكا چەككۈچىلەر ئاز ساندىكى دوختۇرلار ۋە ئالىملارنىڭ تاماكا چىكىدىغانلىقى بىلەن ئۆزىنى ئاقلايدۇ. بىز ئېيتىمىزكى: پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسىمى تاماكا چەكسىمۇ تاماكا چىكىشنى ھالال قىلالمايدۇ، چۈنكى، ئۇلارمۇ ئىنسان بولغاچقا بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا نەپسى خاھىشىنى ئاساسسىز دەلىللەر بىلەن پەردازلايدىغانلارنى دورىماسلىقىمىز لازىم..

نوئمان ئىبنى بوشەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:

ھالالمۇ ئوچۇق-ئاشكارە، ھاراممۇ ئوچۇق-ئاشكارەدۇر، نۇرغۇن شۈبھىلىك نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلەلمەيدۇ. كىم شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ھەزەر قىلىپ ساقلانسا، ھەقىقەتەن ئۇ، ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويى، ئىناۋىتى، دىنى ئۈچۈن پاكلانغان، پاكلىق يولىنى تۇتقان بولىدۇ. كىم شۈبھىلىك نەرسىنى قىلىپ سالسا، شۈبھىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ ھارامغا چۈشكەن بولىدۇ. (يەنى بۇ ھارامغا ئېلىپ بارىدۇ) ئۇنىڭ مىسالى چىگرا ئەتراپىدا پادا باققان پادىچىغا ئوخشايدۇ. پادىچى، چىگرا ئىچىگە كىرىپ كېتىشى، چىگرا ئىچىدىمۇ پادىنى بېقىپ سېلىشى مۇمكىن. (ئەنە شۇنىڭدەك شۈبھىلىك نەرسە بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھارامغىمۇ كىرىپ كېتىدۇ) ئاگاھ بولۇڭلار ھەربىر پادىشاھنىڭ چىگرىسى بار، ئاگاھ بولۇڭلار ھەقىقەتەن اللە تائالانىڭ زىمىندىكى چىگرالىرى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردۇر. دىققەت قىلىڭلار، جەسەدتە بىر چىشلەم گۆش بار، ئۇ ئوڭشالسا بارلىق جەسەد ئوڭشىلىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا جەسەدنىڭ ھەممە يىرى بۇزىلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى بۇ گۆش بولسا قەلب، يۈرەكتۇر. (بەيھەقى، بۇخارى، مۇسلىم، ئەبۇداۋۇد، نەسەئى، تىرمىزى، ئىبنى ماجە توپلىغان. سەھىھ)

شەيخ ئەللامە، ئوسەيمىيىن، رەھىمەھۇللاھ بو سەھىھ ھەدىستىن مۇنداق پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان:

1. شەيئىلەر بۇ ھەدىستىن ئۈچ قىسىم بولىدۇ، يەنى ھالال، ھارام، شۈبھىلىك. ھالالغا ھىچ كىشىگە مالامەت قىلىنمايدۇ. خۇددى بۇغداي، قوناق، كۆكتاتنى يىگەندەك. ھارامغا ھەرقانداق ئىنسان مالامەت قىلىنىپ ئازاپقا ئۇچرايدۇ، يەنى ھاراق، قىمار، زىنادەك. شۈبھىلىك نەرسىلەردە ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشقان، بەزىسى ھالال دىسە، بەزىسى ھارام دىگەن. بەزىسى تەپسىلىي سۆزلەپ ئىللەت يازغان. مەسىلەن: تاماكا بۇرۇن شۈبھىلىك دەپ قارالغان، بەزىسى ھارام دىسە، بەزىسى مەكرۇھ، بەزىسى ھالال دىگەن. مانا ئەمدى تىبابەتتە ئاشكارە بولۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىت قىلىنىپ نۇرغۇن ئايەت، سەھىھ ھەدىسلەردىن قىياس قىلىنىپ تاماكا قەتئىي ھارام قىلىندى. بۇنىڭ ھاراملىقىغا ئىسلام ئالىملىرى، ھەتتا خەلىقئارا ئالىملار ئىتتىپاققا كېلىپ، بۇنى پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلدى، بىرلىككە كەلدى. ھارام دىگەن چەكلىنىدۇ دىگەن بولىدۇ، تاماكا ئەلۋەتتە ھەممە جايدا چەكلىنىدۇ. بۇ بۇرۇن شۈبھىي بولسا، ھازىر ئوچۇق ھارام قىلىندى. ماگىزىنلاردا بىر قىسىم شۈبھىلىك نەرسىلەر بار. ئۇ ھارامغىمۇ ئوخشايدۇ، ھالالغىمۇ ئوخشايدۇ، شۇڭا شۈبھىدۇر.

2. ئىلىمنىڭ ئازلىقىدىن، چۈشەنچىنىڭ يوقلىقىدىن، تەدبىرنىڭ كاملىقىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنىڭ يوقلىقىدىن شۈبھىي كېلىپ چىقىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر سۈيقەست قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر شەخسىي غەرىزى بىلەنلا ھۆكۈم قىلىۋىتىپ شۈبھىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەمكىنلىك بىلەن ئالدىرىماي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئايەت سەھىھ ھەدىسكە سالساق ئوچۇق روشەنلىشىدۇ.

3. شۈبھىلىك نەرسىنى تىلغا ئېلىشنىڭ ھىكمىتى شۇكى، ئىلىمغا ھېرىسمەن كىشى بىلەن، ھېرىسمەن ئەمەس كىشىلەر ئاشكارلىنىدۇ، مۇسۇلمان مەنپىئەتىنى كۆزلەيدىغانلار بىلەن ھىچ كارى يوقلار ئاشكارلىنىدۇ، كىشىلەر سىنىلىدۇ.

4. شۈبھىلىك نەرسىدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم، چۈنكى ئۇ ھارامغا ئېلىپ بارىدۇ.

5. ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق نەرسە چەكلىنىدۇ. ھارامغا ۋاستە، ۋەسىيلە بولسا ئۇمۇ ھارام.

6. مۇسۇلمانلار ئىتقادىنى، يۈز-ئابرۇيىنى، ئىناۋىتىنى ساقلىشى لازىم.

ئىسلام ئالىمى يۈسۈپ قەرزاۋى مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ بوپتۇ، مەكرۇھ دىيىلگەن تەقدىردىمۇ بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك پەتىۋاسىدا گۇناھى سەغىرىلەر (مەكرۇھلار)نى ھايا قىلماي ئاشكارە قىلىشقا ئادەتلەنگەندە بۇ مەكرۇھ ئاپتۇماتىك ھالدا گۇناھى-كەبىرىگە ئايلىنىدۇ››.

9. قانداق قىلغاندا تاماكا چىكىشنى تاشلىغىلى بولىدۇ؟

1)تاماكا چەككۈچى ئۇنى چىكىشنىڭ زىيىنى ۋە ھاراملىقىغا قەتئىي شۈبھە قىلماسلىقى ئادەمگە زىيانلىق ھارام ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە

ئازاپقا ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇش لازىم. للە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» (سۈرە زەلزەلە 7-8-ئايەت)

2)تاماكا چىكىشنى تاشلاشقا قەتئىي ئىرادىگە كىلىش، اللە تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، چىن دىلىدىن دۇئا قىلىش، دۇئادا: « ئى اللە، تاماكا بىلەن مىنىڭ ئارىلىقىمنى ۋە باشقا ئىللەتلىرىمنى مەشرىق بىلەن مەغرىپنىڭ ئارىسىدەك يىراق قىلغىن، ئۇ نىمە دېگەن يامان ھەمراھ» دىيىش.

3)تاماكا چىكىشكە كۆنۈپ قالغۇچى زىيانلىق تاماكىنى مەنپەئەتلىك نەرسىگە ئالماشتۇرۇش، تاماكا چىكىش ئورنىغا ئادەمگە مەنپەئەتلىك ھەرخىل قۇرۇق يەل-يىمىش قاتارلىق قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىيىش، مىسۋاك ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش، چاينى قېنىق دەملەپ ئىچمەسلىك، قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك لازىم.

4)تاماكا چەككۈچىلەردىن ۋە تاماكا چىكىلىۋاتقان سورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ياخشى ئادەملەر بار سورۇننىڭ مىسالى ئىپار ساتقۇچى (ياكى كۆتۈرگۈچى) نىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. سەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولساڭ ئۇنىڭدىكى ئىپارنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىيالايسەن ياكى سېتىۋالالايسەن. يامان ئادەملەر بار سورۇننىڭ مىسالى تۆمۈرچىنىڭ كۆيىكىنى باسقۇچىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ سەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭ ياكى كىيىمىڭنى كۆيدۈرۋالىسەن ياكى سېسىق پۇرىقىنى پۇرايسەن» (سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى 108-بەت)

5)ئۆزىگە نەسىھەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ تاماكا چىكىشنى تاشلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك سۆزىدە تۇرمايدىغان يالغانچى بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. تاماكا چىكىشنى تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىن ۋەدە بەرگەن ئادەم ھەرقېتىم خۇمارى تۇتۇپ ۋەدىسىنى بۇزۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغاندا ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ يەنە ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۆزىگە ئۆزىدىن يامانلىق كىلىۋاتقان ئۆزىنى ئالدىغان ئادەمدىن نىمە ياخشىلىق كۈتكىلى بولسۇن؟

6)تاماكا چىكىشنى تاشلاش نىيىتىگە كەلگەندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭ خۇمارىدىن كىچەلمەي (ئىرادىسىزلىكتىن) تاشلىيالمىغۇچىلار دوختۇرخانىلاردىن ياكى ئۇيغۇر تىبابىتى رىتسىپى بويىچە ياسالغان دورىلارنى سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلسىمۇ تاماكا چىكىشنى تاشلاشقا ياردىمى بولىدۇ.

7)بەزىلەر تاماكا چىكىشنى تاشلىغىلى بولمايدىكەن دىيىشىدۇ. ئۇلارغا ئېيتىمىزكى، ئىنسان ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇققا كۈنلەپ چىداپ كىتىدۇ ۋە ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتسە چىدايدۇ يۇ، سېىسىق تۈتۈننى تاشلاشقا نىمىشقا چىدىمايدۇ؟ شۇنىمۇ ئەسكەرتىمىزكى، ئادەم بوۋاق ۋاقتىدا 2-3ياشقىچە ئەمگەن ئانا سۈتىدىن ئايرىلىشقا چىدايدىيۇ سېىسىق تاماكىدىن ئايرىلىشقا نىمىشقا چىدىمايدۇ؟ يەنە بەزىلەر كۆرەڭلىگەن ھالدا تاماكا دېگەننى ئوغۇل بالا ئەركەك چىكىدۇ دىيىشىىدۇ، بۇنداق دىيىش بىمەنىلىك ۋە نادانلىق، تاماكا چەككەنلىك ئەركەكلىك بەلگىسى ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىگە ۋە نەپسىگە قۇل بولغانلىق، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر.

10.بالىلارنىڭ تاماكا چىكىشىنى ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.

بالىلاراللە تائالانىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن ئامانىتى ۋە ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىدۇر، بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ بۈگۈنى، ئەتىسى ۋە كىلىچىكدۇر. بالىلارنىڭ بەخىت-سائادىتى،ئاتا-ئانىلارنىڭ زور خۇشاللىقى بولغىنىدەك، بالىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۇلارنىڭ غەمكىنلىكىدۇر. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ساغلام، ئەخلاقلىق، ياراملىق يىتىلىۋاتقانلىقىدىن خۇشاللىققا چۆمسە، بالىلىرىنىڭ يارامسىز ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقىدىن قەلبى ئازاپلىنىدۇ. ياراملىق بالىلار ئائىلە ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولسا، يارامسىز بالىلار زىيانلىقتۇر. بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرمۇ ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك. ئەمما قۇرۇق ئارزۇدىلا بولۇپ، بالىسىنى تەربىيلەشكە سەل قارايدىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز.

بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى، ئۆمۈر بويى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى، ناچار بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ ھەرقايسى توقۇلمىلىرى نىسبەتەن يۇمران بولۇپ، نېرۋا سىستىمىسى، ئىچكى ئاجراتما پائالىيىتى، ئىممۇنىت خىزمىتى قاتارلىقلار تېخى تۇراقلاشمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسمۈرلەرنىڭ تاشقى موھىتتىكى پايدىسىز ئامىللارغا قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەرخىل چىكىملىك، ئىچىملىكلەرگە بىرىلىش، بولۇپمۇ تاماكا چىكىش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بەك زىيانلىق. خۇسۇسەن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە چوڭ كانايچە نىسبەتەن تۈز بولغاچقا، تاماكا ئىسى ئۆپكە پۈۋەكچىسىگە ئوڭايلا كىرىپ كىتىدۇ. كانايچىنىڭ تىۋىتلىرىمۇ كوكىس مېيى بىلەن ئوڭايلا غىدىقلىنىدۇ. يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلاپ كىتىدۇ. نەتىجىدە تاماكا چىكىۋەرگەندە نەپەس يولى ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بارغانسىرى كۆپىيىدۇ.

ئومومەن تاماكا چىكىش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ.

ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چىكىشنى دەسلەپتە باشقىلارنى دوراپ ئۆگىنىپ قالغان بولۇپ، ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنى چىكىشنى ئادەت قىلىۋالغان، ياشلىق دەۋرى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان پۇرسەت بولسىمۇ، ئۆسمۈرلەر تاماكا چىكىپ، كۈن بويى ئىس-تۇمانلار ئارىسىغا غەرق بولۇپ، رولى يوق قېيىقتەك قايمۇقۇپ يۈرىدىغان بولۇپ قالغان. بەزىلىرى تاماكا چىكىشتىن تەرەققىي قىلىپ، ئاق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قالغان سەۋەپلىك ئوغۇرلۇق قىلىش ۋە باشقا جىنايەت ئۆتكۈزۈش يوللىرىدا مېڭىپ، ئۆزىگە، ئاتا-ئانىسىغا، جەمئىيەتكە زىيانلىق تىرىكتاپلارغا ئايلانغان.

دىمەك، تاماكا چىكىشنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇ زىياننىڭ ئورنىنى ھەرقانچە بەدەل تۆلەپمۇ ئورنىغا كەلتۈرۈش قىيىن، پەقەت ئالدىنى ئىلشلا ئۈنۈملۈك چارىدۇر.

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ تەقۋادارلىقى ۋە ئىسىل ئەخلاقى بىلەن بالىلارغا ئۈلگە بولۇش.

2. ئائىلىدە تەربىيىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ ياخشى-ياماننى، ھالال-ھارامنى، توغرا-خاتانى پەرق ئىتىش ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا تاماكا چىكىشنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيىنىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى تاماكا چىكىشتىن يىرگەندۈرۈش كېرەك. بۇ ھەقتىكى تەربىيە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ياخشى ئىلىپ بىرىلسا، بالىلار ئۆمۈر بويى شۇ ناچار ئىشتىن ئۆزىنى پاك ساقلىشى مۇمكىن.

3. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرشىغا نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ يېنىنى ۋە سومكىلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئۇلارنى بۇراپ بېقىش، تاماكا چەككەنلىكى سىزىلسە ئۇنى بىخ ھالىتىدە تۈزىتىشكە سەل قارىماسلىق.

4. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئارىلىشىدىغان دوسىتىلىرى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەخلاقسىز، بەڭگە بالىلارغا ئارىلاشتۇرماسلىق.

5. بالىلارنىڭ ياخشى دوست تاللىشىغا ياردەم بىرىش.

6. بالىلىرى ھەققىدە ياخشى دۇئا تىلەكتە بولۇش.

7. مۇئەللىملەردىن بالىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سىزىلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشكە سەل قارىماسلىق.

8. مەكتەپلەر قاراتمىلىقى بولغان ھالدا، تاماكا چىكىشنىڭ زىيىنى توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىش.

9. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىكى لازىم..

10. جەمئىيەتتىكى ھەرساھە كىشىلەر بالىلاردىكى تاماكا چىكىشكە ئوخشاش ناچار قىلىقلارنى كۆرگەندە، بۇ مىنىڭ پەرزەنتىم بولمىغاندىن كېيىن نىمە كارىم دىمەستىن، تەربىيە قىلىپ توسۇش،

ئومومەن قىلغاندا، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئورتاق ھالدا بالىلارنىڭ تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېىلىشقا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەھمىيەت بىرىشى لازىم.

11.تاماكا چىكىشنى تاشلاش ھەققىدىكى خەلىقئارالىق تەشەببۇسلار

ھازىر دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ تاماكا چىكىشنى چەكلەش ھەممە ساھەنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تاماكا چىكىشنىڭ ئىنسانلارغا بولغان زىيىنىنى نەزەردە تۇتۇپ ھەريىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتتى. شۇڭا تاماكا تاشلاش ئىس-تۈتەكسىز دۇنيا بەرپا قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەريىلى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەۋاتىدۇ.

دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەردە، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنى چەكلەۋاتىدۇ.

بەزى دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن تاماكا قېپى ئۈستىگە تۆۋەندىكىدەك ئاگاھلاندۇرۇش يېزىلغان:

1)سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا قارىغاندا، تاماكا چىكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بار. (ئامرىكا)

2)ئاگاھلاندۇرۇش: تاماكىنى كۆپ چەككەنسىرى سالامەتلىككە بولغان زىيىنى چوڭ بولىدۇ. دىققەت، چەكمەڭ! (ئەنگىلىيە)

3)ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى: تاماكا چىكىش سالامەتلىكىڭىزگە زىيان يەتكۈزىدۇ. (ئەنگىلىيە)

4)تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق (ئاۋستىرالىيە) «تاماكا ۋە كېسەللىك» دىن

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تاماكا قېپىغا، «تاماكا چىكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دەپ يېزىۋېلىپ، تاماكىغا خۇمارنى كۈچەيتىدىغان باشقا تەركىبلەرنى قوشۇپ ساتىدىغانلاردا ئىنسانىيەتكە، ئادەمگە كۆيۈنگىدەك پەزىلەت بارمىدۇ؟

12.تارىختا ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاماكا چىكىشىنى چەكلەشكە ئائىت ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى

1)1602-يىلى «تۈتۈن بىلەن زەھەرلىنىشنى تۈگىتەيلى» دىگەن ماۋزۇدا تاماكا چىكىشكە قارشى بىرىنچى قېتىملىق تەشۋىقات ماتىرىيالى ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلىندى.

2)1604-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھى جاموس تاماكا چەككۈچىلەرنى قورقۇتۇپ: «سەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇ ئىپلاسنى تاشلىشىڭ كېرەك. ئۇنى چىكىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەتتۇر. ئۇنى چىكىش ئاسمان-زىمىندەك چوڭ خاتالىقتۇر. ئۇ بىرخىل كۆزگە زەرەر يەتكۈزىدىغان، بۇرۇننى غىدىقلايدىغان، مىڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان، ئۆپكىنى بۇزىدىغان يامان ئادەت، تېگى يوق ھاڭ» دېگەن. بۇ گەپنى دېگەننىڭ ئەتىسىلا تاماكىنىڭ ئىمپورت بىجىغا يۈزدە تۆت مىڭ پىرسەنت باج قوشقان.

3)1615-يىلى پارىس پادىشاھى شاھ ئابباس تاماكا چىكىشنىڭ مەملىكەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزشىدىن ئەنسىرەپ بىر تاماكا سودىگىرىنىڭ تاماكىسىنى ئۆزىگە ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن.

4)1630-يىلى ئەنگىلىيە سىياسى نەزىرىيىچىسى بورتون جامائەت ئالدىدا كۆك تاماكىنى «ئۆتكۈر تارقىلىشچان كېسەللىك، دوزاق، ئالۋاستى، قارغىش تەككۈر، بەدەننى ۋە روھنى نابۇت قىلىدىغان نەرسە» دەپ سۆككەن.

5)1634-يىلى چارروسىيە پادىشاھى تىسىزار دەسلەپ تاماكا چەككەنلەرنى ئۇرۇش، قايتا چەككەنلەرنى ئۆلتۈرۈش، تاماكا چەككەنلەرنىڭ بۇرنىنى كىسىش قاتارلىق بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلغان.

1967-يىلى نىيۇرۇكتا «تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك» توغرىسىدا دۇنيا بويىچە بىرىنجى قېتىم يىغىن ئېچىلغان. 1971-يىلى لوندوندا دۇنيا بويىچە «تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك» توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم يىغىن ئېچىلغان.

1978-يىلى 6-ئايدا خەلىقئارالىق تاماكا تاشلاشنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى نىيوروكتا ئېچىلغان.

1980-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بىجىرگۈچى-دوختۇر مالى 1980-يىلى (7-ئاپرىل)نى دۇنيا ساقلىق ساقلاش كۈنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوچوق خېتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە «تاماكا چىكىشكە تۇرامسىز ياكى سالامەتلىككىمۇ؟ خالىغىنىڭىزنى تاللاڭ» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. (تاماكا ۋە كېسەللىك)تىن.

1997-يىلى بىيجىڭدا 10-نۆۋەتلىك دۇنياۋى تاماكا تاشلاش يىغىنى ئېچىلغان.

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى 2003-يىلى نويابىردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «تاماكىنى چەكلەش رامكا كىلىشىمى»گە ئىمزا قويغان، كىلىشمىگە ئاساسلانغاندا، ئىلىمىز 2011-يىلىغىچە بارلىق زال ئىچى ئاممىۋىي سورۇنلىرى، خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرى ۋە باشقا تاماكا چىكىش مۇمكىنچىلىكى بار ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چىكىشنى پۈتۈنلەي چەكلەپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2009-يىلى 18-مايدىكى سانىدىن)

13-خاتىمە

ئىنسانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتە زىيان يەتكۈزىدىغان تاماكا چىكىشنى ئىسلام دىنىمىز ھارام دەپ ھۆكۈم قىلدى. شۇ سەۋەپتىن (چىكىش ئۈچۈن) تاماكا تېرىش، قاچىلاش، سېتىش، سېتىۋىلىش ھەم ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «اللەتائالا ھاراققا، ئۇنى ئىچكۈچىگە، ئۇنى قۇيۇپ بەرگۈچىگە، ئۇنى ساتقۇچىغا، ئۇنى سېتىۋالغۇچىغا، ئۇنى سىققۇچىغا، سىقتۇرغۇچىغا، ئۇنى كۆتۈرگۈچى ۋە كۆتىرىپ ئاپىرىپ بەرگۈچىگە لەنەت قىلدى» (مىشكا تۇل ماسابىھ ئەرەپچە نەشىرى 243-بەت)

دېمەك، ئىسلام دىنىمىزدا ھارام دەپ ھۆكۈم قىلىنغان تاماكا چىكىشكە رازى بولغانلار ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ياردەملەشكەنلەرمۇ يۇقارقى ھاراقنىڭ ھۆكۈمىگە ئوخشاشتۇر.اللە تائالا تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچى ۋە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلغۇچى زاتتۇر.اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمىلىنى تۈزەيدىكەن ئۇ اللەقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. (يەنى اللە ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ» (سۈرە فۇرقان 71-ئايەت)

ئىمام مۇسلىم، ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كىمكى بىر يامان ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە دىلىدا نارازى بولسۇن. دىلىدا نارازى بولۇش ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسدۇر.» بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، باشقا كىشلەر بىلەن نىمە كارىم دىيىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىغا يات قىلىق. ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ خاتا چۈشەنچە. شۇڭا تاماكا چىكىشنىڭ ھاراملىقى ۋە زىيىنى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇنى توسۇش يالغۇز ئۆلىمالارنىڭلار مەسئۇلىيىتى بولۇپلا قالماستىن، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا-سىڭىللارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىدۇر. ھازىر كىشىلەردە سادىر بولىۋاتقان (تاماكا چىكىشتىن تارتىپ بارلىق گۇناھلىق ئىشلارغىچە) خاتالىقلار ھاياسىزلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن ئۇنى سەتلەشتۈرىدۇ. ھەرقانداق نەرسىدە ھايا بولىدىكەن ئۇنى گۈزەللەشتۈرىدۇ» (تىرمىزى رىۋايىتى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 193-بەت)

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايا - ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» تىرمىزى رىۋايىتى (قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرىن تاللانما 184-بەت) ئىمران ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: (ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ» بۇخارى رىۋايىتى (قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 187-ئايەت)

ئۇنداق بولسا ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىق يوللىرىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھايانى قايسى رەۋىشتە قىلىمىز؟ كىمدىن ھايا قىلىمىز؟ نىمىدىن ھايا قىلىمىز؟ ئالدى بىلەن بىزنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن قەددى-قامەتلىك ئىنسان قىلىپ ياراتقان، ئالەملەردىكى بارلىق نىئمەتلەرنى بىز ئۈچۈن يارىتىپ بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، بىزگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەت يولىنى كۆرسەتكەن مىھرىبان ئىگىمىز اللەتائالادىن ھايا قىلىمىز، ئۇ زات ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىشتىن ھايا قىلىمىز. ئىنسانلاردىن ھايا قىلىمىز، ئۆزىمىزگە مۇئەككەل پەرىشتىلەردىن ھايا قىلىمىز. مۇشۇنداق تەقۋادارلىق بىلەن يۇغۇرۇلغان ساپ ئىتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقىي ھايالىق ئىنسان يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالەتتە گۇناھ ئىشلارنى قىلمايدۇ. مانا بۇنداق «ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ» يۇقارقىلاردىن بىلىۋالالايمىزكى، باشقىلار كۆرگەن-كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ناچار ئىشلاردىن يىراقلىشىشىقا سەۋەپ بولىدىغان تۇيغۇ، ئەخلاق ھايادۇر. ھايا نومۇس دىمەكتۇر. ئادەم نومۇستىن مەھرۇم بولسا ئىنسان تەبىئىتىنى تەشكىل قىلىدىغان روھى تۈۋرۈكنىڭ موھىم بىر تۈرى ئۆرىلىپ كىتىدۇ. روھى تۈۋرۈك ئۆرۈلسە ئادەم ياخشى-ياماننى پەرق ئىتەلمەيدىغان، نەپسى خالىغاننى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

دىمەك، خۇلاسە قىلغاندا ھەق گەپ شۇكى: اللە تائالا ياراتقان ئىنسان ۋۇجۇدىدا تاماكىغا نىسبەتەن ھىچقانداق فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياج يوق. ئۇ نەپەس ئېلىش، يىمەك-ئىچمەك چىقىرىش...قا ئوخشاش ئادەم ئۈچۈن زادى بولمىسا بولمايدىغان ئىھتىياجلىق نەرسە بولماستىن، بەلكى ئېھتىياج سىرتىدىكى ئادەمگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانلىق نەرسىدۇر.

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى ئۇنىڭغا (يەنى ئىنسانغا) بىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىش بىلەن ياخشى-يامان) يولنى كۆرسەتتۇق. ئۇ مۆئمىن بولۇپ ياخشى يولدا مېڭىپ (اللەنىڭ نىئمىتىگە) شۈكۈر قىلغۈچىدۇر ياكى (پاجىر بولۇپ يامان يولدا مېڭىپ) كۇفۇرلۇق قىلغۇچىدۇر» (سۈرە ئىنسان 3-ئايەت)

«يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كىيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىماندا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ. (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ» (سۈرە ئەئراپ 135-ئايىتىنىڭ بىرقىسىمى)

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر.»

(تىرمىزى رىۋايىتى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما 329-بەت)

ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ :ھەرقاندق گۇناھقا تەۋبە قىلىش ۋاجىپتۇر .ئەگەر گۇناھ اللەبىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا بولسا ئۇنىڭغا ئۈچ شەرت لازىم .

1-گۇناھدىن دەرھال يېنىش 2-ئىلگىرىكى گۇناھلىرىغاپۇشايمان قىلىش 3-قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل باغلاش. مانابۇ ھەقىقى تەۋبىدۇر

‹‹ئى اللە بىزنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋەپاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن ››.‹‹ئى اللە بىز ھەقىقەتەن سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم ، پاك رىزىق ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئەمەل سورايمىز ››.(امىن)

مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قىلىپ تاشلىيالمايۋاتقانلارنىڭ ئۇنى چىكىشنى تاشلىشىغا ياردىمى بولۇشىنى، تاماكا چىكىشنى ئۆگىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار كىشىلەرنىڭ بۇ زىيانلىق كەيىپكە مۇپتىلا بولۇپ قالماسلىقىغا ياردىمى تىگىپ قېلىشنى شۇ ئارقىلىق اللە تائالانىڭ ياخشى ئەجىر ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.

تاماكا چەكسىڭىز ئىتىراپ قىلىڭ-قىلماڭ ئالدى بىلەن زىيىنى ئۆزىڭىزگە.ئاگاھ بولسۇنكى، ئاقىل ئادەم ھەرگىزمۇ (يولسىز) نەپسىنىڭ كەينىدىن چاپمايدۇ، خەتەرلىك ھاڭغا ئۆزىنى ئاتمايدۇ. ئىمان ئىتىقادىنى ساقلايدۇ، چىن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئاقلايدۇ.

بۇ ماقالىنى تەييارلاشتا مەككە-مۇكەررەمەدىكى مۇدەررىس مۇھەممەد جەمىل زەينو ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى مەسجىدى نەبەۋىنىڭ مۇدەررىسى ئەبۇ بەكرى جابىرىل جازائىرنىڭ تاماكىنىڭ ھۆكمى دېگەن كىتاپلىرىنى ئاساس قىلدىم، جۇڭگۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشىرىياتى ئۇيغۇر-قازاق شۆبىسى نەشىر قىلغان «تاماكا ۋە كېسەللىك» دېگەن كىتاپتىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن بەزى مەزمۇنلارنى شۇنىڭدەك بەزى ئەمەلىي مىساللارنى كىرگۈزدۈم. خاتا جايلىرى بولسا تۈزىتىپ پايدىلانغايسىلەر.

جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللەغا خاستۇر. (امىن)

قوشۇمچىلار

تاماكا چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا:

«خۇمار-چاقماق، كاناي-غاڭزا، بۇرۇن-مورا، ئۆپكە-كۈلدان، يۈرەك-ئوت يالقۇنىدا ئۆرتەنگۈچى، ئەگەشمە كېسەللىك قالدۇقتۇر»

**********************************
تاماكىنىڭ ئىقرارى
‹‹مىنىڭ ئىسمىم تاماكا،
ساغلام بەدەن چىرىيدۇ،
زىيانغا مەن پىداكار.
زەھەر ئىچرە سەركە مەن.
ئىنسانىيەت ئالدىدا،
كەچۈرگىسىز گۇناھكار.
راستىن دېسەم خالايىق،
ئەسلى ھالىم گۇناھسىز.
مىنى چەككەن ئادەمنىڭ،
مېنى چەكسە جان بېرىپ،
ئۆپكىسىدە ئوينايمەن.
مەن ھېچقاچان ئامالسىز.
قايتىپ چىقىپ ئۆپكىدىن،
ساپ ھاۋانى بۇلغايمەن.
مىنىڭ ئەسلىم ئۆسۈملۈك،
تەسبىھ بىلەن ئۈنگەنمەن.
مەن بۇلغىغان ھاۋادىن،
ئازغۇن ئىنسان قولىدا،
دەم ئالمىغان كىشى يوق.
تۈتۈن بولۇپ كۆيگەنمەن.
تىرىلەمدۇ، ئۆلەمدۇ،
ئۇنىڭ بىلەن ئىشىم يوق.
چەكسەڭ كۆيۈش ئادىتىم،
زەرىرىم كۆپ،پايدام يوق.
پۇلغا ئالسا چىقىممەن،
چەكسەڭ مىنى ئەي ئادەم،
چەكسە ئاچچىق تۈتۈنمەن››.
خارلىنىسەن، گۇمان يوق.
**********************************

ئۆزۈڭ تاللا ئادەملەر

ئادەم نىچۈن تۇغۇلدى، نىچۈن ياشاش ئەستە يوق،

ھارام كەيپۇ-ئىشرەتكە، ئامراق نىچۈن ئادەملەر؟!

ئىلاھ قىلغان نەپسىنى، ئۇنتۇلغاچقا ئەسلىنى،

چاھار پايدەك① ياشاشنى ئادەت قىلغان ئادەملەر.

نەپسى بىلەن تىغمۇ-تىغ ھەرنەپەستە جەڭ قىلماق،

چىن ئىنساندىن بىشارەت، ئاگاھ بولغىل ئادەملەر.

ئالدىڭدادۇر گۈلىستان، ياكى «دەھشەت ئازگال»لار

ئەبەدىدۇر ئۇ مەنزىل، ئۆزۈڭ تاللا ئادەملەر.




http://www.xjtv2.cn/uniwirsal/2012/0724/article_6.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئابدۇراخمانى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83069
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3481
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:10:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 10:21 AM
تاماكا چىكىشنىڭ ھاراملىقىغا شۈبھە بىلەن قارىغۇچىلارغ ...

ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن!

ئابدۇراخمانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86874
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:22:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ كەلسەك ئازغۇچىلاردىنكەنمىز، ھىدايەت تاپقاندا بۇرۇنقى گۇناھلارنى ئويلاپ ناھايىتى ئازاپلىنىدىكەنمىز، ئەتراپىمىزدىكى تېخىچە نىجىس ئىبلىسنىڭ قولىدىن قۇتۇلالماي يۈرگەنلەرنى كۆرسەك بىزدەك ئازاپلانماسلىقى ئۈچۈن توسىدىكەنمىز، ئەمما ئاڭلىغان گېپىمىز شۇ بولىدىكەنكى: يالغان زورۇ، سېنى كىم بىلمەيدۇ؟ ئۆزۈڭنى بەك ئېسىل چاغلاپ كەتكەن ئوخشىمامسەن؟ مانا بۇ ياخشى سەمىمي كۆڭۈل بىلەن قىلغان چىرايلىق گەپلەر ئۈچۈن ئازارلىشىپ قالغاندا مەن ئاڭلىغان گەپلەر....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:44:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىختا ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تاماكا چىكىشىنى چەكلەشكە ئائىت ئىلىپ بارغان پائالىيەتلىرى


1)1602-يىلى «تۈتۈن بىلەن زەھەرلىنىشنى تۈگىتەيلى» دىگەن ماۋزۇدا تاماكا چىكىشكە قارشى بىرىنچى قېتىملىق تەشۋىقات ماتىرىيالى ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلىندى.

2)1604-يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھى جاموس تاماكا چەككۈچىلەرنى قورقۇتۇپ: «سەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇ ئىپلاسنى تاشلىشىڭ كېرەك. ئۇنى چىكىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان جىنايەتتۇر. ئۇنى چىكىش ئاسمان-زىمىندەك چوڭ خاتالىقتۇر. ئۇ بىرخىل كۆزگە زەرەر يەتكۈزىدىغان، بۇرۇننى غىدىقلايدىغان، مىڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان، ئۆپكىنى بۇزىدىغان يامان ئادەت، تېگى يوق ھاڭ» دېگەن. بۇ گەپنى دېگەننىڭ ئەتىسىلا تاماكىنىڭ ئىمپورت بىجىغا يۈزدە تۆت مىڭ پىرسەنت باج قوشقان.

3)1615-يىلى پارىس پادىشاھى شاھ ئابباس تاماكا چىكىشنىڭ مەملىكەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزشىدىن ئەنسىرەپ بىر تاماكا سودىگىرىنىڭ تاماكىسىنى ئۆزىگە ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن.

4)1630-يىلى ئەنگىلىيە سىياسى نەزىرىيىچىسى بورتون جامائەت ئالدىدا كۆك تاماكىنى «ئۆتكۈر تارقىلىشچان كېسەللىك، دوزاق، ئالۋاستى، قارغىش تەككۈر، بەدەننى ۋە روھنى نابۇت قىلىدىغان نەرسە» دەپ سۆككەن.

5)1634-يىلى چارروسىيە پادىشاھى تىسىزار دەسلەپ تاماكا چەككەنلەرنى ئۇرۇش، قايتا چەككەنلەرنى ئۆلتۈرۈش، تاماكا چەككەنلەرنىڭ بۇرنىنى كىسىش قاتارلىق بۇيرۇقلارنى ئېلان قىلغان.

1967-يىلى نىيۇرۇكتا «تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك» توغرىسىدا دۇنيا بويىچە بىرىنجى قېتىم يىغىن ئېچىلغان. 1971-يىلى لوندوندا دۇنيا بويىچە «تاماكا چىكىش ۋە سالامەتلىك» توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم يىغىن ئېچىلغان.

1978-يىلى 6-ئايدا خەلىقئارالىق تاماكا تاشلاشنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنى نىيوروكتا ئېچىلغان.

1980-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بىجىرگۈچى-دوختۇر مالى 1980-يىلى (7-ئاپرىل)نى دۇنيا ساقلىق ساقلاش كۈنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوچوق خېتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە «تاماكا چىكىشكە تۇرامسىز ياكى سالامەتلىككىمۇ؟ خالىغىنىڭىزنى تاللاڭ» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان. (تاماكا ۋە كېسەللىك)تىن.

1997-يىلى بىيجىڭدا 10-نۆۋەتلىك دۇنياۋى تاماكا تاشلاش يىغىنى ئېچىلغان.

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى 2003-يىلى نويابىردا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «تاماكىنى چەكلەش رامكا كىلىشىمى»گە ئىمزا قويغان، كىلىشمىگە ئاساسلانغاندا، ئىلىمىز 2011-يىلىغىچە بارلىق زال ئىچى ئاممىۋىي سورۇنلىرى، خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرى ۋە باشقا تاماكا چىكىش مۇمكىنچىلىكى بار ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چىكىشنى پۈتۈنلەي چەكلەپ بولۇشى كېرەك ئىكەن.

(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2009-يىلى 18-مايدىكى سانىدىن)

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87888
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:20:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چەككەن ئادەم ئۆزنى زەھەرلىگىنى يەتمىگەندەك يېنىدىكى ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلىرىنىمۇ زەھەرلەيدۇ ئاللا كۆڭلىگە ئېنساپ بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87888
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 54
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:22:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا كۆڭلىگە ئېنساپ بەرسۇن تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا چەكمەيلى،

يالقۇن085

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13993
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1882 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 01:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا زىيانلىق دەپ تۇرۇپ چىكىدۇ بۇ ئىنسانلار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش