alnazar يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 12:24 AM
ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن ئەرباب سالۇر ھەرباپ بىلەن دېگە ...
سىزنىڭ بۇ ئىكاسىڭىزنى نىمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟!
مەن بېكەت باشلىقى ئابابەكرى مۇختەر بىلەن ئوينىشىپ بىرنىمە بولۇپ قاپتىمەنمۇ؟بۇرۇن ئانچە مۇنچە ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرۈپ خېلى ئىمانى بار،جىەىرى بار يىگىتكەن دەپ ئويلايتتىم سىزنى، ئەسلى مۇشۇنداق پىت ئۈچەي ئادەممىتتىڭىز؟!
مەن ئانامدىن باشقۇرغۇچى بولۇپ تۇغۇلمىغان،بۇ مۇنبەردە پەقەت بەش ئايلا باشقۇرغۇچى بوپتىمەن.بۇ جەرياندا مۇنبەرنىڭ نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم.ئەلۋەتتە بەزىدە بەزىلىرىڭلارنىڭ خېلى ياخشى لېكىن مۇنبەرنىڭ تەستىقلاش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان تېمىلىرىڭلارنى تەستىقلىماي ئۆچۈرۈپ سالغان يەرلىرىم بولۇشى مۈمكىن.بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەرداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.بەزىلەر مېنى باشقۇرغۇچىلىق ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ خوپ بوپتۇ،قانچىلىك روھى چۈشۈپ كەتكەندۇ؟! دەپ ئويلاپ كۈلگەن بولۇشى مۈمكىن.لېكىن مەن دۈشمەنلىرىمدىنمۇ بەكرەك خوش.چۈنكى مەن ئەمدى مەسئۇلىيەتلىك باشقۇرغۇچىلىقتىن ئەركىن ئەزاغا ئايلاندىم.تېما باشقۇرىمەن،تېما نازارەت قىلىمەن،تېما تەستىقلايمەن دەپ ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ۋاقىتلىرىم ئەمدى ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدى.مەن ئەمدى خاتىرقەم ھالدا زېھنىمنى يىغىپ يېزىقچىلىق قىلالايمەن. بەزلەر كەينىمدىن ئەگىشىپ باغداش مۇنبىرىگە چىقىپ مېنى‹‹ تۇزكور›› دەپ ھاقارەتلەۋاتىدۇ.مەن تۇزكور ئەمەس.مەن تۇنجى ئەسىرىمنى مىسرانىمدا ئېلان قىلغان،باشقىلىرىنىمۇ مىسرانىمدا ئېلان قىلغان.مېنىڭ بۇ مۇنبەردە 200دىن ئارتۇق تېمام بار.بۇ مۇنبەر تۆت يىلدىن بېرى ماڭا سورۇن ھازىرلاپ بېرىپ يېزىقچىلىق سەۋىيەمنى يۇقۇرى كۆتۈردى.بەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ يامان ئەمەس نام ئاتاققا ئىگە قىلدى.شۇڭا مەن مىسرانىمدىن ۋازكەچمەيمەن. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تېما يوللاپ تۇرىمەن.ئابابەكرى مېنى سەن بۇ مۇنبەردە دە تۇرما دەپ چەكلەپ چىقىرىۋەتسە بۇ باشقا گەپ.
مەن بۇ ھېكايىنى مىسرانىمدىن باشقا ھېچبىر مۇنبەرگە بەرمىگەن ئېدىم. مىسرانىمنىڭ ئالتە يىللىقىغا سوغا قىلىمەن دەپ بۇنى يېزىپ مۇشۇنىڭ سەۋەبى بىلەن باشقۇرغۇچىلىقتىن قالدۇرۇلدۇم.مەن بۇ ھېكايىنى تۈنۈگۈندىن باشلاپ باشقا نۇرغۇن مۇنبەرلەرگە يوللاپ باقتىم.سەۋەبى باشقىلارمۇ مېنى سەن ناچار نەرسە يېزىپسەن دەپ تىللامدۇ قانداق؟ دەپ سىناپ باققانتىم.لېكىن باشقىلارنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى.بۇ مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئىچى قوتۇر ئەزالار تەرىپىدىن ئەخلەت دەپ قارالغان بۇ ھېكايە باشقا مۇنبەردە جەۋھەرلەندى.مەن يەتتە كۈن قاتتىق جاپا چېكىپ يازغان ھېكايەمگە مۇۋاپىق جاۋاپنى باشقا مۇنبەردىن تاپتىم.
بۇندىن كېيىن باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان باشقۇرغۇچىلار ھەققانىي،ئادىل بولۇڭلار،يېقىن كىشىلىرىڭلار يازغان تېمىلارنى ئەمەس ھەقىقى ياخشى يېزىلغان تېمىلارنى جەۋھەرلەڭلار.بۇرۇن،مۇنبەر كەترەن،مەن ھۆكۈمران قاتارلىق بىرنەچچىمىزگىلا قالاتتى.ئەمدى ئېغىر يۈك سىلەرگە قالدى.كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ سەركىسى بولغان مىسرانىم ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇڭلار.ئەلنەزەر،ئەلخۇمارلارغا ئوخشاش ئادەم قاسىمىسا تۇرالمايدىغانلار مېنى قاسىماي باشقا قاسايدىغان مۇۋاپىق نەرسە تېپىپ قاسىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.