dilgiya يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 12:27 AM
ھىلىمۇ ياخشى ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھاندىن ئۆتىۋالدىم،ئەمد ...
ھەيتاڭ جۇما 3-خوتتىن ئاشماسلىقى، مۇشۇ بىرىنچى خوتقا چۈشكەن ماشىنىنىڭ بەشىنچى خوتقا چىقمىقى بىردەملىك ئىش، مەنمۇ سىزدەك ئويلايتىم، پراۋامنى ئېلىپ ئۈچۈنچى كۈنىلا بەش يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خوتەن دىيارىنىڭ سەپىرىدە شالى دېگەن قانچىلىك ماڭىدىغاندۇ دەپ ماي تەپكىنى تازا دەسسەپتىكەنمەن 130 قا چىقىپتۇ، بىر سانتانا(پراكتىكانت شوپۇركەن تېخى) بىلەن شۇنداق قوغلىشىپ، پىيالمىغا كەلگەندە بىر دۆڭدىن شۇندا ئۆتسەم چازا باركەن، ئالدىمدىكى سانتانا يولنى توسۇپ قويغان موموزىنى سوقۇپ توختىدى، مەن بولسام تاس قالدىم موموزىغا سوقۇلۇپ توختىغىلى، قاتناش ساقچىسىمۇ بەلەن بالىكەن، ئاستىراق ماڭىلى ماقىما دەپ قويىۋەتتى. داۋاندىن چۈشۈۋېتىپ بىر قايرىلىدىغان يەردە تۆتىنچى خوت بىلەن موفتىنى چىڭ دەسسەپ چۈشۈپتىمەن، قارىسام ماشىنا دېگەن جالاقشىپ كەتتى، ئەمدى ئۆلدۈممۇ نېمە دەپ تېزلىككە قارىسام 140تىن ئېشىپتۇ، نېمىنى خاتا قىلغاندىمەن دەپ قارىسام موفتىنى دەسسەپ داۋاندىن چۈشكىنىڭىز خالاستوي سىيرىلغان بىلەن باراۋەركەن، شۇنداقتىمۇ خوتەن شەھرىگە سالامەت بېرىپ،1-خوت بىلەن ئۈچبۈرجەك باغچا دېگەن يەردە توسۇلۇپ تۇرسام، ساقچىدىن قاچقان ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسى قاچىدىغان يەر تاپالماي كەينىگە ئۈسسىدى، ئۈچ پاي چاق، موتۇر، رول، خەقنى ئولتۇرغۇزىدىغان ياغاچ تاختا، شوپۇر موتونى تاشلاپ قاچتى، بار بالاغا مەن قالدىم، ساقچى مېنىڭ كېنىشكىلىرىمنى ئېلىپ كەتتى، ماشىنىنىغۇ 70كويغا رېمونت قىلدىم، شالىنىڭ سايمانلىرى ئەرزان بولغاندىكىن، لېكىن كېنىشكىنى ئالالماي بىر كۈن يالۋۇرۇپ، بۇ مۇ ئاقماي ئاخىرى قورقاق سېلىپ ئاندىن ئالدىم، ساقچىنىڭ مەيلى بويىچە بولغاندا ھېلىقى چىغىرىقنىڭ ئېگىسى ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، داۋايىم يوق دەپ خەت بەرسە كېنىشكەمنى ئاندىن بەرمەكچىكەن....
ماشىنا ھادىسىسىنىڭ كۆپچىلىكى تېزلىكنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىقىدۇ، لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ تېزلىكىڭىز ئاستابولغاندىمۇ، سىزنىڭ تېخنىكىڭىز ئالاھىدە يۇقىرى بولغاندىمۇ، نائۇستا بىرى سىزنى سوقۇپ قويۇشى مۇمكىن، شۇڭا ماشىنىنى ياخشى ئاسىراپ، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ، «بىسمللاھىر رەھمانىر رەھىم»نى ئۇنتۇماي رولغا چىقسىڭىز 8-خوتتىمۇ ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، پراۋىڭىزنى ۋاقتىدا ئېلىپ، ھەر ۋاقىت ئامان ئېسەن بولۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن....