كېچە يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 03:41 PM
سىز قىزلارغا يان باسقاندەك قىلىسىز ، ئۇنداق ئەمەس، بە ...
قىزلارنى بەك يېنىىكلىك بىلەن تەھلىل قىلىۋەتتىڭىزمۇ قانداق .
كەچۈرۈڭ ، مەن قىز بالا . ئەمما مەن ئۇنداق سىز دېگەندەك تىپتىكى قىزلاردىن ئەمەس .
بەلكىم ‹ ھە... ئەسلى قىز بالا ئىكەن شۇڭا قىزلارغا يان بېسىپتىكەندە ›دەپ ئويلىشىڭىزمۇ مۇمكىن ، ئەمما مەن ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى ۋاپاسىز ، ۋىجدانسىز ، مەسئۇلىيەتسىز دېمەيمەن . (شۇنداقلارنى كۆرسەم ئاندىن ، مۇشۇ كىشى مۇشۇنداقكەن دەيمەن . ئەمما ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيمەن )
چۈنكى ، بەش بارماق ئوخشاش ئەمەس ، ياخشى بار يەردە يامانمۇ بار .
ئەلۋەتتە سىز دېگەندەك قىزلار ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن بار . ئەمما بۇ خىل مىجەز - خاراكتېر شۇ كىشىنىڭ ئىدىيسى، ئېڭى ۋە باشقا تەرەپلەرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك . بۇ ھەرگىزمۇ ھەممە قىزلارنىڭ مۇشۇنداقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
بەك كۆپ سۆزلىۋەتتىم ، رەنجىمىگەيسىز .