زۇلەيخادەك مەن بىدار بولدۇم،
بولدى بۇ ئۆي ھىجران قەپىزى.
سىڭىپ كەتتى ئۆينىڭ جسمىغا،
ۋۇجۇتتىكى ئوتنىڭ ھەممىسى.
ئۈمۈتۋارمەن رەببىمدىن دائىم،
ئايرىمىسۇن سەندىن خۇدايىم.
شەرەپلەنسەم دىدارىڭ بىلەن،
تۈگەر ئىدى مېنىڭ جۇدايىم.
بۇ ئۆي بولدى يەنە غەمخانە،
ئىشقىڭ بىرلە بولدۇم پەرۋانە.
سېنىڭ سۆيگۈڭ شۇنداق قاتىلمۇ؟
مەشۇقىنى قىلغان سەرسانە.
سۆرىتىڭنى سۆيدۈم نەچچە رەت،
باغرىم كۆيۈپ قىينىسا مېنى.
ئۈنلىرىمنى قويۇپ يىغلىدىم،
ھەم چاقىردىم‹ھەسرىتىم›سېنى.
چىدىمىدى دەردىمگە ئايمۇ،
مۇڭلۇق يىغلاپ يۈرسەم ھەركۈنى.
شۇنداق بىر نۇر بەردى ئاللاھىم،
دۇئا قىلسام يىغلاپ بىر كۈنى.
ئەشۇ نۇرغا ئەگىشىپ ماڭدىم،
سايەڭنىمۇ بىللە ئېپ تاڭدىم.
باغرىمدىكى بارلىق ئازابنى،
دۇئا بىلەن ئاخىرى يەڭدىم.
تېزراق قايتقىن قەلبىم قاياشى،
سەن دىلىمنىڭ مەڭگۈ ئاداسى.
بىللە ياشاپ بىللە كۈلەيلى.
يەتكۈچە جان بىزگە قازاسى.
2013-يىلى3-ئاينىڭ15-كۈنى
قارماي