dalaeti يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 01:41 PM
ھەي....بۇ قېتىم كۆپلىگەن تور قىماۋازلىرى ئالتۇننى ئۆسۈش ...
ئالتۇن جۈمە كۈنى چۈشۈپ كەچتە يەنە ئۈسۈپ يەنە ئەسلىدىكى باھاغا يىقىنلاشتى . جۈمە كۈنى ئەتىگەندىن كەچ سائەت 10 غىچە ئالتۇن باھاسى 4 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ يەنە ئەسلىدىكى باھاغا يىقىنلاشتى . بۇ كۈن ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ياكى توردىن ئالتۇن -كۈمۈش ئالغان سودىگەرلەرنىڭ خاراكتىرىنى بىر قىتىم سىناپ قويدى . يەنى زىيانغا چىدىمايدىغان تۇخۇ يۇرەك كىشلەر زىيانغا چىدىماي توردىكى مىلىنى زىينىغا سىتىپ چىقىپ كەتتى ، ئۆزىنى بىسىۋالغان پايدا -زىيانغا چىدايدىغان تىجارەتچىلەر ساقلاپ يەنە تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ زىينى تۈگەپ يەنە 20---30 مىڭ پايدا ئالغانمۇ بولدى .
مەن بىلدىغان بىر قىز 16 ياش شۇ كۈنى ئۆسۈشكە ئىلىپ كەچكىچە 7000 زىيان تارتىپ يەنە ئۇمىتۋار بولۇپ چۈشكەن ئورۇندىن يەنە بىر كىلو ئاپتىكەن . شۇ كۈنى كەچ سائەت 9 دا ئالتۇن باھاسى 1620 نوقتىدىن 1665 نوقتىغا چىقىپ ھىلقى قىزنىڭ 7000 زىينى تۈگەپ يەنە 16900 يۈەن پايدا ئىلىپ سىتىپتىكەن بۇ قىزنىڭ جاسارىتىگە ھەيرانلا قالدىم .
مەيلى ئەمەلى سودا مەيلى توردا ئىلىپ بىرىلدىغان سودابولسۇن بازار ئۆزگىرىشى شۇ ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى سىنايدىغان جەڭ مەيدانى .
خاراكتىرى ئاجىز ، زىيانغا چىدىمايدىغان ، ئۆمرىدە ئۆزى بىر ئىش قىلىپ باقمىغان تەييارتاپ چوڭ بولغان ئادەم ھامان شاللىندۇ خالاس