باھادىر يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 04:18 PM
باشقلارنىڭ چېنىقىۋاتقان كىشىگە بولغان تونۇشىمۇ ياخشى ...
توغرا، مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىدىكى چاغلاردا مەكتەپنىڭ يۈگرەش يولى تازا تۈز بولمىغاچقا يولغا چىقىپ يۈگىرەپ قوياتتىم، كېيىن بىرسى «كۈپكۈندۈزدە كوچىدا يۈگۈرۈپ ساراڭمۇ سەن؟» دەپقالدى، شۇنىڭ بىلەن ئاخشىمى سائەت توققۇز-ئونلاردىن كېيىن يۈگىرەيدىغان بولدۇم، كۈندە بەش-ئالتە كىلومېتىر يۈگۈرمىسەم ئۇيقۇم كەلمەيتتى، بىر ئاخشام يولدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتسام، بىر مەست مېنى ئۇرىۋېتىدۇ دەپ قورقۇپ قالدىمۇ، ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى، شۇندىن كېيىن ئېگىز-پەس بولسىمۇ مەكتەپ مەيدانىدا يۈگۈردۈم، ئىككى ھەپتىدەك يۈگۈرۈپ بېقىپ، خۇشياقماي توختاپ قالدىم چېنىقىشتىن، مانا ھازىر توققۇز يىل بولدى چېنىقمىغىلى، ھازىر ئۆزۈمدە بۇرۇنقىغا باققاندا خېلىلا ئاجىزلىشىش بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىمەن...