kayguluk يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:01 AM
نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ‹شەھلا كۆز›ى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ...
سىز بۇ ھىكاينى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز ، مەنمۇ دەل سىزگە ئوخشاش پىكىردە . بۇ ھىكاينىڭ ئادەمنى ئەڭ جەلىپ قىلدىغان يىرى ئۇنۇڭ چىنلىقدا . دىمسىمۇ ھىكايە ناھايتى يەڭگىل تىللار بىلەن بىر ھەقىقى تۇرمۇش كارتىنسىنى يۇرتۇپ بەرگەن ، ھىكايدە يەنە ئادەمنىڭ چىن قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان . يۈركىگە ئوقيا كەبى دەل تىگىپ تەسىر قىلالايدغان پاكىتلار سۆزلەنگەن يەنى ئالىمنڭ دوستى مەخمۇتنى سىرتقا باشلاپ چىقىپ ياخشى كۆرگەن ئادىمى رەيھان ۋە ئۈزى ئۈچۈن قىلچە ئىكلەنمەي ئۈچ مۇش سالغان جايلىرى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدۇ . ئالىم بىر ئۇغۇل بالا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلدى يەنى دوستىنى ئادەم بار يەردە ئەمەس پىنھان جايدا ئۇردى . بۇ ئۇنىڭ ئىسىل خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى كۆرستۈپ بەرسە ، ئۈچ مۇشنى دەل جايغا ئۇرالغانلىغى ئۇنۇڭ غۇرۇرنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن .
يىغىپ ئىيتقاندا ھىكايە بىر خىل تەبىئىلكنى يۇرتۇپ بەرگەن .