rahatmakan يوللىغان ۋاقتى 2013-1-6 01:31 PM
بۇ رىتسىپ خاتامۇ قانداق بۆرەك كىسىلى بولغانلار گۆش ياغ ...
غەرىب تىبابىتىدىكى بۆرەك ئۇقۇمى جىنسىي ئاجىزلىق قۇۋۋەت كەملىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇنىڭدا بۆرەك ئاساسلىقى سۈيدۈك ئاجرىتىش قان ئايلىنىشنى تەڭشەش، مىنرال ئىلمىنتلار تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش قاتارلىق رولى بىلەن ئاساسلىق ئەزا سانىلىدۇ، شۇڭلاشقا ياغلىق ماددىلارنى كۆپ يىسە قاندىكى خولىستىرىن ماددىسى يۇقىرىلاپ كىتىپ ،بۆرەكنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچىرايدۇ. غەرىب تىبابىتىدىكى بۆرەك كىسىلى ئۇنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىغا قارىتىلغان، ئۇيغۇر تىبابىتىدە بولسا بۆرەك قۇۋۋىتى ئەزا سانىلىدۇ، ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بۆرەك ئاجىزلىق بۆرەكنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ كەملەپ كىتىشىنى شۇنداقلا بەدەن ئاجزىلىقىنى كۆرسىتىدۇ،يەنى جىنسىي قۇۋۋەت ئاجىزلىقى دەل بۆرەكتە قۇۋۋەت كەملىكىنىڭ ئىپادىسى، لىكىن ئۇ بۆرەكنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجزلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، شۇڭلاشقا بۆرەك ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان كىشىلەر ياغلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ، لىكىن بۆرەك ئاجىزلىغان كىشىلەر يۇقىرى قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشى كىرەك.