مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: barstekin

تۇداخۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 06:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۋۇ شېئر ئامما دەششەت يىزىلىپتۇ ھە .ئاللا ياتقان يىرنى جەننەت قىلسۇن .ھارمىغايسىز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7492
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:37:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇن


     بۈگۈن 2012-يىل28-ئىيۇل كۈنى، تېلفۇندىن «ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا تۇداخۇن ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ»دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىشەنگۈم كەلمەي قالدى.كاللامدا نۇرغۇن خىياللار،كۆزئالدىمدا مەرھۇمنىڭ ئىكراندىكى ئۈمىدۋار،خۇشچاقچاق تۇرقى،ئاقكۆڭۈل ئىلىلىقلارنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىپ ئېچىلىپ كۈلۈشلىرى،...بۇ قازاغا،بۇ تەغدىرگە نېمە دېگۈلۈك؟! بۇ ئىلى چاقچاقلىرىغا،ئۇيغۇرئەلنەغمە سەنئىتىگە،ئۇيغۇر مىللىتىگە بىر يوقىتىش بولدى.
     بۇ مەرسىيەم ئارقىلىق مەرھۇمغا چۇڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن.
                                                 ____ مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

(خەلق قىزىقچىسى تۇداخۇنغا مەرسىيە)

يامانلارغا يامان كۈن،«ياخشىلارغا روزا» بار،
شادلىق يېشى ئوينىغان چاناقلارغا ياغدى قار.
كۈلدۈرگەنلەر قېپقېلىپ،يىغلاتقانلار يۈتسىدى،
ئەپسۇس، پەلەك ئەكسىچە قىلدى بىزنى ھازىدار.

كۈلكە بەرگەن باغلارغا،كۈلكە بەرگەن تاغلارغا،
ئەل بېشىدا چۈشكۈنلۈك ھۆكۈم سۈرگەن چاغلارغا.
ئىلى دەريا قايغۇسى، شاۋقۇنىدا ئۈنى بار،
مەلھەم ئىدى چاقچىقى كۆرگەن ئەلەم-داغلارغا.

ئەل بالىسى قازاغا ئۇچرىغان بۇ شۇم خەۋەر،
ئېزىۋەتتى جۇدالىق، قولنى ئىشتىن توختاتتى.
تۇداخۇننى كۆرگەندە كۈلەر ئىدى چېھرىمىز،
ئۈمىدۋار شۇ سىماسى يۈرەكلەرنى يىغلاتتى.

ھېسامكامنىڭ كۆزى نەم،ياقۇپ،ھېبى بەزلەيدۇ،
بىر ئوغلاندىن ئايرىلدۇق، كۆزياش ھامان پەسلەيدۇ.
تېنى مېيىپ بولسىمۇ روھىي باي شۇ تۇداخۇن،
ئۇنۇتمايدۇ خەلقىمىز سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ!

2012-يىل7-ئاينىڭ28-كۈنى.

كۈن ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كۈندۈز كەتكەندە،
ئاي ئېيتىدۇ: مېنىڭ قەدرىم كېچە يەتكەندە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88648
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-12-16
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 05:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانابى اللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي (ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90147
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2013-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 11:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ۋاھ، ئەجەپ ئىسىل مۇخەممەس ئىكەن...ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش