مەن بىر قېتىم پويىزدا ،ئەتراپىىمدا بىرنەچچە ئۇيغۇر ئوغۇللار باركەن ،لېكىنن يۈرۈش تۇرۇشى ۋە گەپ سۆزلىرىدىن بازارچى بالىلار ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم ....يېنىمدىكى ۋە ئۇدۇلىمدىكىلەر ھەممىسى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاركەن ،شۇلار بىلەن پاراڭ سېلىشىپ ئولتاردىم ،كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام يۇرتتا دائىم باشقىلار خەنزۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى مېنى .(يوغان كۆزلىرىم كۆزەينىكىمدىن كۆرۈنمەيدىغان ئوخشايدۇ
) ، ئۇلارمۇ مېنى خەنزۇ دەپ ئويلاپ قېلىشتى بولغاي ...بىر چاغدا قايناقسۇ ئالاي دەپ ماڭسام بىرسى يەردىلا ئولتۇرىۋاپتىكەن ،يول بەرمىدى ، يېنىدىكى بىرسى ، ھەي ئاغىنە ،ماۋۇ ئۆتىىدىكەن ، پۇتۇڭنى تارت دىگەنتى ، كارىڭ نىمە ، پۇتۇمغا دەسسەپ ئۆتۈپ باقسۇنچۇ قېنى دەپ پەقەت يول بەرمىدى ...ئادەتتە ما يولداشلار پۇتىدىن ئاتلاپ ئۆتكەننى ئېغىر ئالمايدۇ ، لېكىن بۇلار ئۇيغۇر بولغاچقا مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى ،، ئاخىرىدا پەقەت بولماي ،ئاكىلار ، يول بېرىڭلارچۇ ، ئۆتۈۋالاي دېدىم ، شۇنداق خىجىل بوپ كەتتى ئۇ بالىلار ..لېكىن ئەتىسى تېلىفۇن نومۇرۇمنى سوراپ تۇرۇۋېلىپ ئاران قۇتۇلۇشتۇم.....