gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:12 PM
كىمنىڭ يازغىنى بىلەن كارىم بولۇپ بەك جىق ۋاقتىمنى ئىس ...
مۇنازىرىنى سۆز قىلىش ھوقۇقى-
سۆز ئىشلىتىشنى ‹‹گەپتانلىق›› دەپ قاراشتىنمۇ ئارتۇق بىمەنىلىك بولمىسا كېرەك.
‹‹ئاتاممىغان ئوقىدىن كۆرىدۇ،چىچالمىغان پوقىدىن››دىگەن گەپ بار، سىز قاباھەتلىك رىئاللىقىڭىزنى ھىس قىلالىسىڭىزلا ئىنكاسلىرىمدىكى ھەققانىيەتنى ھىس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.....
سىزنىڭ قارىشىڭىزچە بولسا مېنىڭ گۈلەننى قوللۇشۇم ‹‹0998››چە يۇرۇتۋازلىق ھىساپلانسا ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى››نىڭ قان كېچىپ كۆرەش قىلغان شېھىدلىرىمىزنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسرەت بىلەن ئەسلىشى ‹‹سىزنىڭ شىمالىڭىز››غا نىسبەتەن‹‹غايىۋانە تاجاۋۇزچىلىق›› ھىساپلىنامدۇ؟؟
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ يازغانلىرىنى ئۆزى بىلەن قۇرداش بىرەيلەن « ئۇيغۇرغا ئاغرىق پەسيتكۈچى دورا بولىدىغان نەرسە يىزىۋاتىدۇ›› دەپ ئۆز قارشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغىمۇ، ‹‹جەنۇپ-شمال››ىدىن خالى ھالدا ئاقىلانە قوللىشىمىز بار ئەلۋەتتە،
ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، يەنى ئازاپ چېكىۋاتقان بىمارنىڭ زىيادە ئاغرىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ،تىببى ئىلىمدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئونۋېرسال كېسەللىك‹‹شوك››نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل-ۋاختىدا ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بولماقتا.............
بۇ دەل گۈلەن غەلبىسى.
ئازاپنڭ كېلىش مەنبەسىنى ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ مەست قىلىش كۈچىدىن ئىزدىگۈچى قىسمەن ماڭقۇرۇتلار ئۈچۈن قارشى پىكىردە بولغۇچىلارنىڭ سۆزلىرى-رەددىيەچىلەرنىڭ غەلبىسىدۇر.
بىزدىن ئىبارەت بۇ بىر مىللەت توپى ئەمىلىيەتتە ھەر ئىككىلىسىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كېسىلىنى كۆپ جەھەتتىن داۋالىتىشقا ھاجەتمىز،
‹‹قالپاق كەيدۇرۇش››زامانىۋى قورقۇنچاقلارنىڭ دىكتاتۇر قورالى ،
ئەجەبا سىز بىر دىكتاتۇرمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 07:14 PM