«ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىسى يېڭىدىن يولغا قويۇلدى
قەدىرلىك تورداشلار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەدەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش ساۋاتلىرى ۋە ئەندىزىلىرى بىلەن تەمىنلەش شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، مىللى كارخانىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە 2013-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئىقتىساد كۆزنىكى» پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە سانى بولغان «ئىگىلىك سەھنىسى» ئالاھىدە پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىمىزغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئاندىن باھالىغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى بىلەن تاللىغان تۈرى ئەڭ ئىستىقباللىق، ئىگىلىك تىكلەش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە پىلانلىرى ئەڭ لاياقەتلىك، تىجارەت ئىدىيىسى ئىلغار بولغان بىر نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى تاللىنىپ، مۇكاپات تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ 20مىڭ يۈەن نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىمىز ئايدا بىر قېتىم سۆرەتكە ئېلىنىدۇ. ھەر بىر قېتىم سۆرەتكە ئېلىشقا ئالتە نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى قاتنىشىدۇ. مۇكاپات بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانا، ئورۇنلارنى ۋە پروگراممىمىزغا قاتناشقان ماھىرلارنى تونۇشتۇرۇش، دەسلەپكى مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاتارلىق مەزمونلار بويىچە ئومومى پروگرامما تۆت سانغا بۆلۈنۈپ ھەر ھەپتىدە بىر سان كۆرسىتىلىدۇ(ھەر بىر ساننىڭ ۋاقتى 45 مىنۇت). تۇنجى سان پروگراممىز بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. تۇنجى سان پروگراممىمىزدا تەجرىبىمىزنىڭ كەملىكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن جىددىلىكى سەۋەبىدىن سۆرەتكە ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش جەھەتلەردە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلكىنى بايقىدۇق. بىز كېيىنكى سان پروگراممىلىرىمىزدا بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.
تورداشلاردىن كۈتىدىغان تەلىپىمىز تۆۋەندىكىچە:
1. پروگراممىمىزنىڭ مەزمونى ۋە تەرتىپ-باسقۇچلىرىغا قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
2. ھەر قايسى ساھەلەردىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ پروگراممىمىزغا قاتنىشىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.
3. شىركەت-كارخانا، ئىدارە-ئورۇنلار، تىجارەتچى-سودىگەرلەرنىڭ مۇكاپات تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئېلىپ، مىللىي كارخانىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەلۋەتتە مۇكاپات تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ پروگراممىمىزدا رىياسەتچى تىلى بىلەن تەبىئىلا بەلگىلىك تەشۋىقاتى بولىدۇ. شۇنداقلا مۇكاپات تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئۈچ باھالىغۇچى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
4. پروگراممىمىزغا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا پروگرامما ناخشىسى ئىشلەتمەكچى. مۇشۇ پروگراممىمىزغا ماس كېلىدىغان ناخشا تېكىستىگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز. ئىقتىدارى بار تورداشلارنىڭ ئىككى-ئۈچ كوپلىت ئەتراپىدا ناخشا تېكىستى يېزىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ناۋادا سىز يازغان ناخشا تېكستىنى بىز ئىشلىتىپ قالساق پروگرامما گۇرۇپىمىز سىزنى مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىزنىڭ رازىلىقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىمىز. بۇ سىزنىڭ پروگراممىمىزنى قوللىغىنىڭىز شۇنداقلا مىللى سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان بىر كىشىلىك ھەسسىڭىز بولۇپ قالغۇسى.
5. پروگراممىمىزغا مۇۋاپىق ئېلان ئورنى تەسىس قىلىندى. ئېلان بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. پروگراممىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-7808990
ھۆرمەت بىلەن: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىقتىساد كۆزنىكى پروگرامما گۇرۇپپىسى2013- يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى
تورداشلارنىڭ كۆپرەك مۇنبەرلەرگە يۇقارقى تېمىنى كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.ياخشى ئۇچۇرلاردىن، ياخشى پائالىيەتلەردىن كۆپرەك كىشى پايدىلانسۇن !مەنبە: ئۇيغۇر ئىگىلىك تورى
http://www.igilik.net/bbs
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا igilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-7 01:20 AM